يىغىنغا "ئىنسانلىقنىڭ بەخت سائادىتى ئۈچۈن يېڭى بىر دۇنيا" دەپ ماۋزۇ قويۇلغان . قۇرۇلتايغا تۈركىيىنىڭ ئىقتساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ شۇنداقلا خەلقئارالىق ئىسلام جەمئىيەتلىرى بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى پروفېسسور دوكتۇر ئارىف ئەرسوي ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. قۇرۇلتايدا سائادەت پارتىيىسىنىڭ رەئىسى رىجائى كۇتان ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.
قۇرۇلتايغا مالايسىيا، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان قاتارلىق 17 دۆلەتتىن كەلگەن سىياسىئى پارتىيە رەئىس ياكى مۇئاۋىن رەئىسلىرى ئىجتىمائىي جەمئىيەت باشلىقلىرى، تەتقىقاتچى ئالىملار بولۇپ جەمئىي 250 دىن ئارتۇق شەخس ئىشتىراك قىلدى. قۇرۇلتاينىڭ ئاساسى مەقسىتى ئىسلام دۇنياسىنىڭ يېڭىدىن بىرلىشىش ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغان مۇسۇلمان خەلقلەرگە غەمخورلۇق قىلىش ئىكەن. بۇ قۇرۇلتايغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى باشلىقى ئابدۇلھېكىمخان مەخسۇم شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.
سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى ۋە خىتايلار تەرىپىدىن قانداق ئىشغال قىلىنغانلىقىنى شۇنداقلا خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسىمىلاتسىيە قىلىش ئۈچۈن پىلانلىق تۇغۇتنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، بويىغا يەتكەن ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەۋاتقانلىقىنى ، قوش تىللىق مائارىپنى بانا كۆرسىتىپ مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈشنى توختاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ خىتايلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلغاندا بۇ مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇشىنى تەلەپ قىلدى.
ئابلىكىمخان مەخسۇم سۆز قىلىپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان بىر ئىسلام تۇپراقلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: "1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن دۇنيادا تۇنجى قېتىم 1933 - يىلى قەشقەردە "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى" قۇرۇلدى ۋە بۇ جۇمھۇرىيەت شۇ دەۋرىدىكى تۈركىيە، ئافغانىستان، ئەنگىلىيە قاتارلىق بىر قانچە دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىندى. خىتايلار داۋا قىلغاندەك شەرقىي تۈركىستان خىتايلارنىڭ بىر پارچىسى ئەمەس بەلكى ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر پارچىسىدۇر بۇنىڭغا تارىخ شاھىدتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن خەلقئارا ئىسلام جەمئىيەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئارا كۈن تەرتىپكە كەلتۈرۈشىگە تىرىشچانلىق قىلىشىنى ئىلتىماس قىلىمەن.
بىز يىغىن ئاخىرلاشقاندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن بۇ قۇرۇلتاي ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
0:00 / 0:00