يىغىنغا "يېڭى بىر دۇنيانىڭ قۇرۇلۇشىدا مۇسۇلمان ياشلىرىنىڭ رولى" دەپ نام بېرىلگەن. يىغىنغا دۇنيانىڭ 60 دۆلەتتىن كەلگەن مۇسۇلمان ياشلىرىنىڭ جەمئىيەت تەشكىلات ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرى ۋەكىللىرى قاتناشتى.
يىغىنغا تۈركىيە سائادەت پارتىيىسىنىڭ رەئىسى رىجائى قۇتان، تۈركىيە جەمئىيەت ۋە ئىقتىساد تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى دوكتۇر ئارىف ئەرسوي، كۇۋەيىت مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇستافا تاھھان، مەككە ئۇممۇلقۇرا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دەم ئېلىشقا چىققان ئوقۇتقۇچىسى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ دىنى ئالىمى پروفېسسور دوكتور مۇھەممەد ئەلى سابۇنى، خەلقئارا ياشلار مۇنبىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھەسەن بىتمەز، ئانادۇل گەنچلىك جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلياس تونگۈچ قاتارلىق شەخىسلەر ئىشتىراك قىلىپ يىغىندا سۆز قىلدى.
تۈركىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى نەجمىدىن ئەرباكان يىغىنغا قاتنىشىشىنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلى قاتنىشالمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ يىغىننى تەبرىكلەپ يوللىغان تېلېگراممىسى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. نەجمىدىن ئەرباكان تېلېگراممىسىدا بۇ يىغىننىڭ مۇسۇلمان ياشلىرى ئۈچۈن زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ئېلىپ كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرگەن. يىغىنغا ئۇيغۇر ياشلىرىغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان قاتارلىق 3 ۋەكىل قاتناشتى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى يىغىندا سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىدىن يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا مەلۇمات بەردى ھەمدە يىغىن جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە تۈرك ۋە ئىنگلىز تىلىدا تەييارلانغان تەشۋىقات ۋارىقى تارقاتتى.
بۇ يىغىن 3 كۈن داۋام قىلىدىغان بولۇپ 15 - ئاۋغۇست ئاخبارات يىغىنى ئېلان قىلىش بىلەن ئاخىرلىشىدىكەن. بىز يىغىن ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.