ئۇيغۇرلار 1 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق شائىرلار يىغىنىغا قاتناشتى

تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، تارىخى شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان كونيا شەھىرىدىكى سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زالىدا 9 - مايدىن 11 - ماي كۈنىگىچە 1 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق شائىرلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

بۇ يىغىننى كونيا شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ھىمايىسى بىلەن سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى بىلىم ۋە تېخنولوگىيە كۇلۇبى ئۇيۇشتۇرغان. يىغىنغا ئەزەربەيجان، ئىران، گېرمانىيە، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە كوسوۋا قاتارلىق 10 دۆلەتتىن كەلگەن 70 ئەتراپىدا شائىر قاتناشقان. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئىزمىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت قاتناشقان.

بۇ يىغىن تۈركلەرنىڭ مەشھۇر پەيلاسوپى مەۋلانا جەلالەتتىن رۇمى، مەھمۇت قەشقىرى ۋە نەسىردىن ئەپەندىگە ئوخشاش مەشھۇر شەخسلەرنى خاتىرىلەشنى ئاساس مەقسەت قىلغان بولۇپ، پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ھاياتى ۋە بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن باشقا، ئۆزى شېئىرىنىمۇ ئوقۇپ ئۆتكەن.

بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى بىلىم ۋە تېخنولوگىيە كۇلۇبىنىڭ مەسئۇلى ھاقان سارى ئەپەندى، 1 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق شائىرلار ئۇچرىشىش يىغىنىنى چاقىرىشتىكى مەقسىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى تونۇشتۇرايلى دەيدىغان بىر ئارزۇيىمىز بار ئىدى. بۇ يىلنى ئۇنەسكونىڭ 'مەھمۇت قەشقىرىنى خاتىرلەش يىلى' دەپ ئېلان قىلىشى ئىچىمىزدىكى بۇ ئوتنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. بىز شۇنداقلا مەھمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 - يىللىقى، نەسىردىن ئەپەندى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 800 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارالىق شائىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدۇق. بۇ يىغىنغا 10 دۆلەتتىن 70 ئەتراپىدا شائىر قاتناشتى. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن پروف. در. ئالىمجان ئىنايەتمۇ قاتناشتى. ئۇ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بەرگەندىن باشقا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە يازغان شېئىرنى ئوقۇپ بەردى. مەنچە بۇ يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستاننى تونۇتۇش مەقسىتىمىزگە يەتتۇق دەپ ئويلايمەن. بىزنىڭ بۇ يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشىمىزغا ياردەم قىلغان قەيسىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىگە رەھمەت ئېيتىمەن."

ھاقان سارى ئەپەندى بۇ يىغىننى چاقىرىشنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "بىز تۈركىيىدىكى ياشلار تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ۋە تۈركىي مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئانچە قويۇق ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز. شۇڭا بۇ خىل يىغىنلار ئارقىلىق پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەردىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ بىر بىرىنى تونۇشى، بىر بىرىگە ياردەم قىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. ئەڭ مۇھىمى بىر بىرىمىزنى ياخشى تونۇش، بىر - بىرىمىزنى ياخشى تونۇغاندىلا بىر - بىرىمىزنىڭ دەردىگە دەرمان بولالايمىز."