ئامېرىكا خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى بېسىمىنى كۈچەيتتى


2005.05.18

CHINA_CURRENCY2005_200.jpg
يۈز يۈەنلىك خەلق پۇلى.AFP

جوڭگو تاشقىي پېرېۋوت ئالماشتۇرۇش مەركىزى، 18 - ماي كۈنى چەتئەل پېرېۋوتى بىلەن ئېلىش - بېرىش قىلىش كەسپىنى رەسمىي يولغا قويۇپ، خىتاي بانكىلىرىنىڭ ئۆز- ئارا ئېلىم - بېرىم ئىشلىرىنى سەككىز خىل چەتئەل پېرېۋوتىدا بېجىرىشىگە رۇخسەت قىلدى. تىجارەت رۇخسىتى بېرىلگەن سەككىز خىل چەتئەل پېرېۋوتى ياۋرو، ئاۋسترالىيە دوللارى، فوندستېرلىڭ، شۋېتسارىيە فرانىكى، خوڭكوڭ گاڭبىسى، كانادا دوللارى، ياپونىيە يىنى شۇنداقلا ئامېرىكا دوللىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىقى تەدبىرنى ئېلان قىلىشنىڭ بىر كۈن ئالدىدا، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى " 2004 -يىلدىكى خەلقئارا ئىقتىساد ۋە پۇل - مۇئامىلە بازىرى" توغرىسىدا دۆلەت مەجلىسىگە دوكلات سۇنۇپ، خىتاينىڭ پۇل تۈزۈمىنى تەنقىدلىگەن. مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ھازىر يولغا قويۇۋاتقان پۇل تۈزۈمىنىڭ نىشاندىن ئاداشقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغىلا ئەمەس، بەلكى خوشنىلىرىغا شۇنداقلا يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرقى پۇل تۈزۈمىنى 6 ئاي ئىچىدە ئىسلاھ قىلمىسا " ئېغىر ئاقىۋەت" كە دۇچ كېلىدىكەن. ئامېرىكا، خىتاينىڭ ھازىرقى خەلق پۇل تۈزۈمىنى خىتاي - ئامېرىكا سودا مۇناسۋىتىدىكى قىزىل رەقەمنىڭ مەنبەئەسى، دەپ كۆرسەتمەكتە.

بۇش خىتايدىن سودا كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشنى تەلەپ قىلدى

ئەگەر ئۇلار خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىر قىسىمى بولۇشنى ئۈمىد قىلسا، ئۇلار بۇ مەسىلىنى يالغۇز بىر تەرەپ قىلىش ئەمەس، بەلكى كۆپچىلىك بىلەن بىرگە ھەل قىلىشى كېرەك. ئامېرىكىدىن سىرت تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر خىتاينىڭ تاشقىي پېرېۋوت سىياسىتىگە قارشى چىقىشى مۇمكىن

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش، چارشەنبە كۈنى خىتاينى خەلقئارا سودىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىردى. ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينى سودىدا ئادىل بولۇشقا ئۈندەش ئامېرىكا باش سودا ۋەكىلى روب پورتماننىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ھېسابلىنىدىكەن.

پرېزىدېنت بۇش چارشەنبە كۈنى روب پورتماننى ئامېرىكىنىڭ باش سودا ۋەكىلى قىلىپ تەيىنلىدى. ئامېرىكا، بېيجىڭ دائىرىلىرىنى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈپ، خىتاي توۋارلىرىنىڭ ئېكسپورت مىقدارىنى كۆپەيتىش، بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىكى كارخانىلارنى زىيانغا ئۇچرىتىش بىلەن ئەيىپلىمەكتە ئىدى. پرېزىدېنت بۇش، خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى ئامېرىكا ئۈچۈن ياخشى ئىش، دەپ كۆرسەتتى. ئەمما ئۇ، خىتاينىڭ سودا كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. بۇش مۇنداق دەيدۇ:

" خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا قاتناشقاندا خەلقئارا سودا قائىدىلىرىنى قوبۇل قىلغان. خەلقئارا سودا قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىش خىتاي بىلەن ئامېرىكا ھەر ئىككىلىسىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن "

پرېزىدېنت بۇش بۇ سۆزلەرنى روب پورتماننىڭ ئامېرىكا باش سودا ۋەكىلى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆزلىگەن. پرېزىدېنت بۇش " بىز سودىدا دۇچ كېلىۋاتقان قىزىل رەقەم ناھايىتى زور. بۇنىڭ سەۋەپلىرىنىڭ بىرى خىتايلارنىڭ قائىدىگە رىئايە قىلمايۋاتقانلىقىدۇر" دەپ كۆرسەتتى. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنكى دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى كونترول قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىپلىگەن. ئامېرىكا قانۇنى بويىچە، پۇلنىڭ قىممىتىنى كونترول قىلىش ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىمبارگوسىغا دۇچ كېلىدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكىنىڭ پۇل تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى بېسىمىغا قارشى تىركەشمەكتە.

ۋېن جياباۋ : خىتاي پۇل تۈزۈمىنى چەتئەلنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئۆزگەرتمەيدۇ

خىتاي سودا مىنىستىرى بو شىلەي، چارشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان " يەر شارى بايلىق مۇنبىرى" نىڭ يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ خەلق پۇلى توغرىسىدىكى تەنقىدى ئاساسسىز، دەپ كۆرسەتتى. بو شىلەينىڭ تەكىتلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكىنىڭ خىتاي توقۇلما بۇيۇملار ئېكسپورتىغا چەكلىمە قويۇشى ئادالەتسىزلىككەن.

ئالدىنقى كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، پۇل ئىسلاھاتى خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئالاقىدار مەسىلە، دەپ كۆرسەتتى. ۋېن جياباۋنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى پۇل تۈزۈمىنى چەتئەلنىڭ بېسىم ئاستىدا ئۆزگەرتمەيدىكەن. ئەمما ۋېن جياباۋنىڭ سۆزى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى لارىي كرېيگنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. كرېيگ ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

" ئەگەر ئۇلار خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىر قىسىمى بولۇشنى ئۈمىد قىلسا، ئۇلار بۇ مەسىلىنى يالغۇز بىر تەرەپ قىلىش ئەمەس، بەلكى كۆپچىلىك بىلەن بىرگە ھەل قىلىشى كېرەك. ئامېرىكىدىن سىرت تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر خىتاينىڭ تاشقىي پېرېۋوت سىياسىتىگە قارشى چىقىشى مۇمكىن "

بۇ ئارىدا دۈشەنبە كۈنى جوڭگو دۆلەتلىك تاشقىي پېرېۋوت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋېي بىنخۇئا، خەلق پۇلى ئىسلاھاتىنىڭ ۋاقىت جەدىۋىلى يوقلىقىنى بىلدۈردى. ۋېي بىنخۇئا "ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ خەلق پۇلى توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جون سنوۋنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ھالسىراپ قالغاندا ئىسلاھات ئېلىپ بارغاندىن، ئىقتىسادى كۈچلۈك چاغدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش جوڭگو ئۈچۈن پايدىلىقكەن. ئەمما خىتاي مەركىزىي بانكىسىنىڭ مۇدىرى جاۋ شياۋچۈئەن، خەلق پۇل سېستىمىسى پات ئارىدا ئىسلاھات قىلىنىدۇ، دەپ قاراشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي ھۆكۈمىتى پۇل ئىسلاھاتىنىڭ شەرت - شارائىتى پىشقاندا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.