ھەر يىلى 5-فېۋرال كۈنى ۋە ياكى 5-فېۋرالنىڭ ئالدى -كەينىدە چەتئەللەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىش قىلىپ، 1997-يىلى يۈز بەرگەن "غۇلجا ۋەقەسى" نى خاتىرىلىشى، ئۇلاردىكى بىر ئەنئەنە بولۇپ قالدى. بۇ يىل ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە، تۈركىيە قاتارلىق بەزى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار بۇ ئەللەردىكى خىتاي ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلىپ، بۇ ۋەقەنىڭ 14 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ نامايىشلار نوقۇل "5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى" نى خاتىرىلەش ئۈچۈنلا ئەمەس. بەلكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان نۆۋەتتىكى سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقنى ئىپادىلەشتۇر. لېكىن، ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ بۇ يىلقى "5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى" نى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئىشتىراك قىلدى.
ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى كانادا، ئامېرىكا، تۈركىيە، گېرمانىيە قاتارلىق بىر قىسىم غەرب ئەللىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىش قىلىپ، "5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى" نىڭ 14 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بارغان بۇ يىلقى پائالىيىتىگە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قېتىلدى. مەركىزى لوندوندىكى مەزكۇر تەشكىلات ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى بايانات ئېلان قىلىپ، 5-فېۋرال غۇلجا تىنچلىق نامايىشىنىڭ خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن زورلۇق كۈچ بىلەن باستۇرۇلغانلىقىنىڭ 14 يىللىقىنى خاتىرىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى باياناتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن 14 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن مەزكۇر ۋەقەنى ۋە شۇنداقلا تىنچ نامايىشچىلارغا قارشى قوراللىق كۈچ ئىشلىتىش سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن ئۆلۈم-يىتىم ۋەقەلىرىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈش ھەققىدىكى چاقىرىقلارغا قۇلاق سالماي كېلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن. خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ بىرەر خادىمىنىڭ ھازىرغا قەدەر مەزكۇر ۋەقەدىكى جاۋابكارلىقى سەۋەبىدىن تەكشۈرۈلۈپ باقمىغانلىقى ۋە جازاغا تارتىلىپ باقمىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
1997-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى ئىلى ياشلار مەشرىپىنىڭ بىر قانچە مىڭ ئەزاسى نامايىش قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەشرەپ ۋە ئىلى پۇتبول مۇسابىقىسىنى چەكلىگەنلىكى، بەزى مەشرەپ ئاكتىپلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئىشسىزلىق ۋە دىنىي كۇرسلارنىڭ تاقالغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن، خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرى نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىپ، بىر قانچە ئون ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بەزى ئېنىقسىز مەلۇماتلاردا خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ ۋەقەدىن كېيىن ئېلىپ بارغان ۋە ئايلارچە داۋام قىلغان باستۇرۇش ھەرىكىتىدە يۈزلەرچە ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى باياناتىدا ۋەقەدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان قولغا ئېلىش، تۇتقۇن قىلىش ۋەقەلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، "غۇلجىدا ئېلىپ بېرىلغان ۋەقەدىن كېيىنكى باستۇرۇشلاردا مىڭلىغان كىشى قولغا ئېلىندى، يۈزلىگەن كىشى تۈرمىگە تاشلاندى، ئونلىغان كىشى ئادالەتسىز سوت ئارقىلىق ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى ۋە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى" دەپ تەكىتلەيدۇ. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يەنە، "بۇ يىلقى خاتىرىلەش پائالىيىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنلۇق ھەق-تەلەپلىرىنى ھەل قىلمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى" نى ئەسكەرتىپ، "خىتاي ئۈزلۈكسىز يولغا قويۇۋاتقان نۆۋەتتىكى ئىستراتېگىيە" ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىسىز بولۇپلا قالماي، مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئىختىلاپنى جىددىيلەشتۈرىۋەتكەنلىكى"نى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكىدىكى خىتاي خىتاي زىيالىيلىرىدىن ۋەزىيەت ئانالىزچىسى پروفېسسور ياڭ لىيۈي ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە ئىزچىل باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈشىدىكى سەۋەبلەرنى تەھلىل قىلىپ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى، ئۇلار پۇرسەت تاپسا مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلىدۇ، دەپ ئەنسىرەيدىغانلىقىنى، شۇڭا ئىزچىل باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. مۇنداق دەيدۇ: "ئۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئىشەنمەيدۇ. ئۇلار دائىم ئۇلاردىن مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىدۇ، دەپ گۇمانلىنىپلا يۈرىدۇ. مانا بۇ، ئۇلارنىڭ ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە ھەقىقىي ئاپتونومىيە بەرمەي، شەكىل جەھەتتىكى ئاپتونومىيە بېرىپ قويۇشىدىكى سەۋەب. ئۇلار بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە تەسەللى بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنى باستۇرۇپ كەلدى. مەسىلەن، 5-ئىيۇل ۋەقەسى بىزنىڭ ھەممىمىزنىڭ ئېسىدە. شىنجاڭ ۋە شىزاڭدا خەلقنىڭ غەزەپ-نەپرىتىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆردۇق. ئەگەر ئۇلارنىڭ ھال-ئەھۋالى ياخشى بولغان بولسا ئۇنچىلىك پاجىئەلىك ئىشلار بولۇپ كەتمەيتتى."
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 14 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلغان 4-فېۋرال كۈنىنىڭ ئەتىسى، كانادانىڭ تورونتو، تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل، ئەنقەرە، گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن، ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون قاتارلىق شەھەرلىرىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلۈپ، 5-فېۋرال ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر، قولغا ئېلىنغانلار، ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش، باستۇرۇش سىياسىتىنى توختىتىش تەلەپ قىلىنغان ئىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غۇلجا ۋەقەسىدىن بۇيان "ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك، سىياسىي ھوقۇقىنى ئېغىر دەپسەندە قىلىدىغان سىياسەتلەرنى ئۈزلۈكسىز يولغا قويۇپ، غەيرىي ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى، دىنىي ئىبادەت ۋە شۇنداقلا 'تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ھەم دىنىي رادىكاللىق' مەسىلىسىدىكى ئۆكتىچى پىكىرلەرنى دائىم باستۇرۇپ كەلگەنلىكىنى تەنقىد قىلغان. ئۆزىنىڭ ئىپادە ئەركىنلىكى، يىغىلىش ئەركىنلىكى، دىنىي ئەركىنلىك، جۈملىدىن ئۆز مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقىدىن پايدىلانماقچى بولغان نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ "بۆلگۈنچىلىك"، "بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش" دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەم تۈرمىگە تاشلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى باياناتىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ۋە سىياسىي ئەركىنلىكى ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ يەنە ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 2010-يىلى 5-ئايدا "شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى" چاقىرىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقى، 2015-يىلى ئاپتونوم رايونىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان شەخسى كىرىمىنى خىتاينىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىگە يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. لېكىن، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ خىل تەرەققىيات پىلانى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇت ھەققانىي تەلەپلىرىنى قاندۇرۇشى ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ بۇنى مۇزاكىرىگە قويۇشى كېرەكلىكى، ئۇلارنىڭ پىكىر-تەلەپلىرىنى ئاڭلىشى، ئىقتىسادى مەنپەئەتنىڭ ھەر قايسى مىللەتلەرنى تەڭ بەھرىمەن قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى ئەسكەرتىلىپ، خىزمەتكە ئورۇنلىشىش، يەر مۈلك ئىگىدارچىلىقى، سودا پۇرسىتى قاتارلىق ئىقتىسادى ساھەدىكى كەمسىتىش خاھىشلىرىنىڭ جىددىي تۈزىتىلىشى تەلەپ قىلىنغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدىكى خىزمەتكە قوبۇل قىلىش ئېلانلىرىدا مۇلازىمەت خىزمىتى، دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ۋە خۇسۇسىلا ئىگىدارچىلىقىدىكى شىركەتلەردىكى خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ خىتايلارغا ئايرىلغانلىقىنى، بۇنىڭ خىزمەتكە قوبۇل قىلىش مەسىلىسىدىكى كەمسىتىش خاھىشلىرىدا ھۆكۈمەتنىڭ قولى بارلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ۋە شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ يەڭ ئىچىدە قوللىشى بىلەن خۇسۇسى شىركەتلەردىكى كەمسىتىش خاھىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
پروفېسسور ياڭ لىيۈي ئەپەندى، "شىنجاڭ" مەسىلىسى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى 3 تۈپ مەسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ، ئىقتىساد، ئاپتونومىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقتۇر دەپ كۆرسەتتى. ياڭ ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يۇقىرىقى 3 مەسىلە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچىدۇر. لېكىن، ئۇ ئۇيغۇرلاردىكى ئاپتونومىيىنىڭ بىر ساختىپەزلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ياڭ لىيۈي "ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئۇيغۇر بولسىمۇ، لېكىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 1-قولى خەنزۇ. بۇ قانداقمۇ ئاپتونومىيە بولسۇن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 1-سېكرېتارى ئۇيغۇرلاردىن بولۇشى كېرەك. شۇنداقلا بولغاندىلا ھەقىقىي ئاپتونومىيە بولغان بولىدۇ. ھازىرقى ئاپتونومىيە پۈتۈنلەي شەكىل جەھەتتىكى ئاپتونومىيە. شۇڭا مەن يۇقىرىدا ئېيتقاندەك، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئاچقۇچى تۆۋەندىكى ئۈچ ئامىلدۇر. 1-ئىقتىساد، 2-كىشىلىك ھوقۇق، 3-ئاپتونومىيە" دەپ كۆرسەتتى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يەنە، خىزمەتكە قوبۇل قىلىشتا ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىش خاھىشىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېغىرلاشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭدا تۆۋەندىكى ئىككى ئامىلنىڭ مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. بۇنىڭ بىرى، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆپلەپ ئۇيغۇر رايونىغا ئېقىپ كىرىشى، يەنە بىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا "قوش تىللىق مائارىپ"نى تېڭىشىدۇر. ئۇ، خىتاي تىلىنىڭ مائارىپ، ئەدلىيە ۋە ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ باشقا ساھەلىرىگە تېڭىلغانلىقىنى، نەتىجىدە بۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا زەرەر بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىگە ئەڭ زور تەھدىت، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.