خەلقئارا كرىزىس گۇرۇپپىسى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئاجىزلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

يېقىندا خەلقئارا كرىزىس گۇرۇپپىسى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى قانداق قىلغاندا ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە بۇ ئەللەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرىگە بەزى پىكىر-تەكلىپلەرنى سۇنغان.

0:00 / 0:00

دوكلاتتا يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئاساسلىق كۈچ بولۇپ تۇرۇۋاتقان رۇسىيە ۋە خىتايغا قارىتامۇ بەزى تەۋسىيىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، تۆۋەندە بۇ دوكلاتنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە مۇخبىرىمىز ئىرادە مەلۇمات بېرىدۇ.

خەلقئارا كرىزىس گۇرۇپپىسى ھېچقانداق ھۆكۈمەتكە تەۋە بولمىغان، مۇستەقىل بىر تەتقىقات ئورگىنى بولۇپ، بۇ تەشكىلات دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان مۇھىم ۋەقەلەر ۋە كرىزىسلار ئۈستىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرگە كرىزىسقا قارشى كۈرەش قىلىش ھەققىدە پىكىر-تەكلىپلەرنى سۇنىدۇ. خەلقئارا كرىزىس گۇرۇپپىسى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە «ئوتتۇرا ئاسىيادا ئاجىزلىشىش ۋە ئىنكار قىلىش» ناملىق بىر دوكلات تەييارلىغان بولۇپ، دوكلاتتا ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىكى ئاساسىي قۇرۇلۇش ۋە ئاساسىي مۇلازىمەت سىستېمىسىنىڭ ناچارلىشىش ئەھۋالى ۋە ئۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتلەر ھەققىدە بەزى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ھازىر ئادەم كۈچى ۋە ئاساسىي قۇرۇلۇشتا ئاجىزلىشىشقا قاراپ مېڭىۋاتقان بولۇپ، تاشيول، ئېنېرگىيە، دوختۇرخانا ۋە مەكتەپلەر شۇنداقلا ئۈسكۈنىلەر كونىراپ كەتكەن. شۇنداقلا بۇ ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان، سوۋېت ئىتتىپاقىدا تەربىيىلەنگەن ئاخىرقى بىر ئەۋلاد خىزمەتچىلەر دەم ئېلىشقا چىقىشقا باشلىغان. گەرچە بۇ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئۈسكۈنە-لازىمەتلەرنى يېڭىلاشقا كۈچ چىقارغان ۋە خەلقئارالىق ياردەم ئورگانلىرىمۇ بۇنىڭغا مەبلەغ ئاجراتقان بولسىمۇ، ئەمما چىرىكلىك سەۋەبىدىن مەبلەغنىڭ زور مىقدارى جايىغا ئىشلىتىلمەي يەپ كېتىلگەن بولۇپ، چىرىكلىشىش ئەھۋالى ئاللىقاچان بۇ دۆلەت خەلقلىرىنىڭ نارازىلىقلىرىنىڭ مەنبەسى ھالىغا كەلگەن.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، چىرىكلىشىش ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ ھەممىسىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت بولۇپ، قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان ئەڭ خەتەرلىك ئەھۋالغا كېلىپ قالغان بولۇپ، دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن:
بۇ ئىككى دۆلەت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئۆزى بۇ دۆلەتلەردە يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدىلا بالىلىرىنى ئوقۇتىدىغان ئوقۇتقۇچى، كېسىلىنى داۋالايدىغان دوختۇر قالمايدىغانلىقىنى دېيىشمەكتە. تاجىكىستاندا قىش كۈنىدە 12 سائەت توك كېتىش نورمال بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. قىرغىزىستاندىمۇ بۇ خىل ئەھۋال بارغانسېرى ئومۇملاشماقتا. دۆلەت خىزمەتچىلىرىگە جۈملىدىن يېڭى ئەۋلاد ئوقۇتقۇچى، دوختۇر، ئىنژېنېرلىرىغا يېتەرلىك مائاش بېرەلمەسلىكتەك ئىجتىمائىي ۋەقەلەر دۆلەتتە مەۋجۇت بولغان سىياسىي يوچۇقلار بىلەن بىرلىشىپ، دۆلەتنىڭ پۈتكۈل سىستېمىسىدا بىر چۆكۈش مەيدانغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن.

دوكلاتتا ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستاننىڭ ئىشىكنى چىڭ يېپىپ، دۆلەتنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ھەققىدە توغرا ئۇچۇرلارنى بەرمەيۋاتقانلىقى، گەرچە بۇ ئىككى دۆلەت داۋاملىق ھالدا ئۆز دۆلىتىنىڭ پاراۋان ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، بۇنىڭ ھەقىقەت ئەمەسلىكىنى، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىستىقبالى پارلاق دەپ قارىلىۋاتقان قازاقىستاندىمۇ ئاساسىي قۇرۇلۇش سىستېمىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈش، قاتناش-ترانسپورت ۋە تېخنىك خادىملار تەربىيىلىنىپ يېڭى تايانچ كۈچلەرنىڭ يېتىشتۈرۈلۈشىدە زور مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى بايان قىلىنغان.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن:
مەۋجۇت ئەھۋاللارنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرى بار. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر پارچىسى بولغان بۇ 5 دۆلەت ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بىر سىستېمىنى تېخى تۇرغۇزۇپ بولالمىغان. بىر-بىرىگە بۇنداق بېقىنىپ قېلىش ئېنىقسىزلىق ۋە تەڭپۇڭسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە بىرلىكتە ئىشلەپ كەلگەن بۇ دۆلەتلەر ھازىر بولۇپمۇ ئېنېرگىيە ۋە قاتناش-ترانسپورت ساھەسىدە بىرلىككە كېلەلمىگەن. مائارىپ ۋە سەھىيە خىزمەتلىرى قېيىن ئەھۋالدا. ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى، ئاخىرغىچە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرىگە ۋارىسلىق قىلىدىغاندەك كۆرۈنۈۋاتقان بۇ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ۋە مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردە ئىشلىتىش ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان ياردەملەر ھەم جايىغا بارمايدۇ، ھەم يېتەرلىك ئەمەس.

خەلقئارا كرىزىس تەشكىلاتى دوكلاتىدا ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىكى بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ كۆرمەسكە سالغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە جىددىيلىكى، بۇنىڭ يوقسۇللۇقنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ بېرىشىغا شۇنداقلا رادىكال ئىسلام خاھىشلىرىنىڭ يېيىلىشىغا يول ئېچىپ بېرىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقانداق بىر دۆلەتتە پەيدا بولغان قالايمىقانچىلىقنىڭ ناھايىتى تېزلا باشقا قوشنا دۆلەتلەرگە يېيىلىدىغانلىقى، ناھايىتى يېقىن كەلگۈسىدە قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىقنىڭ تاجىكىستاندا يۈز بېرىش ئېھتىمالىمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا، قىرغىز، ئۆزبېك، تاجىك، تۈركمەن ۋە قازاق ھۆكۈمەتلىرىگە بەزى پىكىر-تەكلىپلەر سۇنۇلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئەڭ بېشىدا چىرىكلىك مەسىلىسى كەلگەن. ئۇنىڭدا بۇ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان تۈزۈپ چىقىش ئارقىلىق دۆلەت قاتلىمىدىكى چىرىكلىكنى تۈپتىن يوقىتىشى كېرەكلىكى، تايانچ كۈچلەرنى يېتىشتۈرۈپ، ئۇلارغا بېرىلىدىغان مائاش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سىستېمىلىرىنى ياخشى تەڭشىشى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەن زىچ بىرلىشىپ، تايانچ كۈچلەرنىڭ تەربىيىلىنىشى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىقى ئۈچۈن ئاجرىتىلغان مەبلەغلەرنىڭ يېرىگە ئىشلىتىلگەن ياكى ئىشلىتىلمەيۋاتقانلىقىنى ياخشى تەقىب قىلىشى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇنىڭدىن سىرت يەنە، ھەرقايسى ساھەلەردە تېخنىكا ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ، ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش، بولۇپمۇ مائارىپ، سەھىيە ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى تېخنىكا ئىسلاھاتىغا سەل قارىماسلىق تەكىتلەنگەن.

دوكلاتنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە مەبلەغ سېلىۋاتقان ۋە ياردەم قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگىمۇ بەزى پىكىر-تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ياردەم قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ پەقەتلا ياردەم قىلىش بىلەنلا قالماي، بەلكى ئۇ ياردەمنى بۇ دۆلەتلەردە يىلتىزىدىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا قارىتىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن. ئۇنىڭدا بولۇپمۇ خىتاي ۋە رۇسىيىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتكە ئالاھىدە تەۋسىيىلەر بايان قىلىنغان بولۇپ، خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ ئالدى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مۇقىملىقى ۋە خەۋپسىزلىكىنىڭ خەلقئارانىڭ مەنپەئىتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشى كېرەكلىكى، باشقا ياردەم قىلغۇچى دۆلەتلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، بۇ دۆلەتلەردە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكى شۇنداقلا بىر تۈزۈلمىنى قوغداپ، باشقا ياردەم قىلغۇچى دۆلەتلەرگە قارشى تۇرىدىغان ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن.