خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىلەر

بۇ ھەقتە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەردە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە دۇنيانىڭ دىققەت قىلىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

0:00 / 0:00

بۇ ھەپتە ئىچىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ جەنۋەدىكى يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر كەڭ تۈردە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جۈملىدىن خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ مەسىلىلىرى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادى ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىدە كىشىلىك ھوقۇقنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقى ئەسكەرتىلدى. مەسىلەن، بۇ ھەپتە ئىچىدە «يەر شارى پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتايدا كىشىلەر نېمە ئۈچۈن يوقاپ كېتىدۇ» ماۋزۇلۇق ماقالىدە، خىتايدىكى «مەجبۇرىي يوقىتىۋېتىش» مەسىلىسى يورۇتۇلغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى قارشى ئاۋازلارنى تۇنجۇقتۇرۇشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالغان «مەجبۇرىي يوقىتىۋېتىش» ئۇسۇلىنىڭ يېقىندا قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن ئۆزگەرتىش ئارقىلىق قانۇنىيلاشتۇرۇلىدىغانلىقى، بۇنىڭ خىتايدىكى قانۇنسىز قولغا ئېلىش، ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەت بولمىغان شارائىت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇشقا ئوخشاش قىلمىشلارنى ۋە «قارا تۈرمىلەر» نىڭ كېڭىيىشىگە يول ئېچىپ، «مەجبۇرىي يوقىتىۋېتىش» ئەھۋاللىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىۋىتىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

ماقالىدە مەجبۇرىي يوقىتىۋېتىش قىلمىشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بۇيان ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان بىر خىل باستۇرۇش ئۇسۇلى ئىكەنلىكى بايان قىلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن:

-«مەجبۇرىي يوقىتىۋېتىش» خىتاي ئۈچۈن بىر يېڭىلىق ئەمەس. نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان، ھۆكۈمەت خادىملىرى، خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھەرقايسى تارماق ئاپپاراتلىرى بۇ خىل ئۇسۇلنى ئۇيغۇر ۋە تىبەتكە ئوخشاش ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا ۋە باشقا خىتاي شەھەرلىرىدە كەڭ ئىشلىتىپ كەلگەن. ھەر يىلى پەقەت بېيجىڭنىڭ ئۆزىدىلا مىڭلىغان ئەرزدارلار قولغا ئېلىنىپ، قارا تۈرمىلەردە قانۇنىسز تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدا قارا تۈرمىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئەسلا قوبۇل قىلىپ باقمىغان.

ماقالىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى «مەجبۇرىي يوقىتىۋېتىش» نىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئېغىر ئۇچراۋاتقان خەلق ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:

ھەرقانداق بىر ھۆكۈمەتنىڭ بىر كىشىنى تەن جازاسىغا ۋە خەتەرگە ئۇچراش ئېھتىماللىقى بولغان دۆلەتكە قايتۇرۇۋېتىشى خەلقئارا قانۇنلار تەرىپىدىن چەكلەنگەن. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قىيناش، ئۇلارنى مەجبۇرىي يوقىتىۋېتىش، خالىغانچە قولغا ئېلىشقا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىلىرى دۆلەت تەرىپىدىن كەمسىتىلىشكە ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن تەھدىت پەيدا قىلماقتا. بىراق، شۇنداق تۇرۇقلۇق، 2009-يىلى 19 ‏-دېكابىر كۈنى كامبودژا ھۆكۈمىتى پاناھلىنىش ئۈچۈن كەلگەن 20 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇۋەتتى. ئۇلار قايتۇرۇۋىتىلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئوچۇق بىر خەۋەر ئالغىلى بولمىدى. بۇ كىشىلەرمۇ خىتاي تەرىپىدىن مەجبۇرىي يوقىتىۋېتىلدى.

ماقالىنىڭ داۋامىدا يەنە، يېقىندىن بۇيان تايلاندتىن قايتۇرۇۋېتىلگەن نۇرمەمەت ۋە مالايشىيادىن قايتۇرۇۋېتىلگەن 11 ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋاللىرى تىلغا ئېلىنىپ، بۇ ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا خەلقئارا قانۇنلارنى ۋە ئۆز دۆلىتىنىڭ قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى تەنقىد قىلىنغان ۋە مۇنداق دېيىلگەن :

--ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر چوقۇم خىتاينىڭ ئىقتىسادى ۋە دىپلوماتىك كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشىغا قارشى تۇرۇشى كېرەك. خىتاينىڭ ئۆز قانۇنلىرى ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى قىلىشى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىقتىسادى، خەۋپسزلىك ۋە دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋەتلەردە زادى قانچىلىك ئىشەنچلىك بىر شېرىك بولالايدۇ، دەيدىغان بىر گۇماننى ياراتماقتا. بۇ دۆلەتلەر بۇنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بۇ ھەپتە ئىچىدە يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىدا چىقىدىغان نوپۇزلۇق ژۇرناللاردىن ۋال سترىت ژۇرنىلىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدى. «خىتاينىڭ تېررورلۇق مەسىلىدىكى قوش بىسلىق ئويۇنى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان ماقالىدە، رابىيە قادىر خانىم خىتاينىڭ خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى پاش قىلغان. راىيە قادىر خانىم ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە خەلقئارادىكى ۋەزىيەتتىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ، بىر ياقتىن ئۆزىنى رادىكال ئىسلامنىڭ قۇربانى قىلىپ كۆرسەتسە، يەنە بىر ياقتىن ھەم ئامېرىكىنى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بۆلگۈنچىلەرنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللىماسلىق بىلەن ئەيىبلىمەكتە. بۇلار ھەممىسى پۈتۈنلەي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق ھالدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرى، دەپ ئەسكەرتكەن.

رابىيە قادىر خانىم ماقالىسىدە يەنە، ئۆزىنى رادىكال ئىسلامنىڭ قۇربانى دەپ كۆرسىتىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا شەرقتە ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىگە قارشى بولغان رادىكال كۈچلەرنى ئاستىرىتتىن قوللاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن:
خىتاي ئوتتۇرا شەرقتىكى غەربكە قارشى كۈچلەرنى ئىزچىل ھالدا قوللاپ كەلگەن. مەسىلەن، دېكتاتور ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ھەرىكەت قىلىدىغان ئىران ۋە سۈرىيە ھۆكۈمىتى بېيجىڭنىڭ ئەڭ يېقىن شېرىكى. خىتاي يەنە لىۋىيىنىڭ دېكتاتور لىدىرى كازافىينىڭ كۈچلىرىنىمۇ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتقىچە قورال بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن.

رابىيە قادىر خانىم ماقالىدە ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈنلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادىكى رادىكال ئىسلامغا قارشى ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە ۋە ئوچۇق-ئاشكارا باستۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنى بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىشقا چاقىرغان.