2011-يىلى 5-ئاينىڭ 14-15-كۈنلىرى كونىيا مەۋلانە مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ كۆرگەزمىگە 46 دۆلەتتىن كونىيا شەھىرىگە كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئىشتىراك قىلىپ، كۆرگەزمە ئاچتى.
كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا كونىيا شەھەر باشلىقى تاھىر ئاقيۈرەك، سەلجۇقلۇ شەھەر باشلىقى ئۇيغۇر ئىبراھىم ئالتاي، كونىيا مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى خېلىل شاھىن، مەۋلانە خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى مۇجاھىت ئۇلۇداغ، سىياسىي پارتىيە ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە 35 دۆلەتتىن ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى.
ئوقۇغۇچىلار ئۆز مىللىتى ۋە دۆلىتىنى تۈرك خەلقىگە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەت، ۋە مەدەنىيەتلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان كىيىم-كېچەك، يېمەك ئىچمەك ۋە چالغۇ ئەسۋابلىرىنى كۆرگەزمىگە قويدى. بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرۈپ-ئادەت ۋە مەدەنىيەتلىرىمۇ تونۇشتۇرۇلدى.

خەلقئارالىق مەۋلانە ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلۇۋاتقان «خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار ئۇچرىشىش» كۆرگەزمە پائالىيىتىگە كۆپ ساندا كونىيا خەلقى كېلىپ زىيارەت قىلدى. بۇ كۆرگەزمىدە 46 دۆلەتتىن كونىياغا كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي قىممىتى بار ئەشيالىرىنى، مىللىي كىيىم قىياپەتلىرىنى، دۆلەت خەرىتە ۋە بايراقلىرىنى كۆرگەزمىگە قويۇپ ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئۆرۈپ ئادەتلىرىنى تونۇشتۇردى.
بۇ كۆرگەزمىگە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىيىملىرىنى ۋە چىمەن دوپپىلارنى كىيىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى ئىپادىلەيدىغان ئۇيغۇر دوپپىسى ۋە ئەتلەس كۆڭلەك قاتارلىق مىللىي بۇيۇملارنى كۆرگەزمىگە قويدى. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىيىملىرى كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى.
كونىيا شەھەر باشلىقى تاھىر ئاقيۈرەك ئەپەندى ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ بۇ پائالىيەتنىڭ قېرىنداشلىق، ھەمكارلىق ۋە بىرلىك ھېس- تۇيغۇلارنى كۈچەيتىشكە ۋاسىتە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. شەھەرلەر ۋە دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ كۆرگەزمىدە پائالىيىتىدە مەدەنىيەتلەرنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان، كۆرگەزمە ئاچقان قېرىنداشلىق مۇھىتنىڭ بەرپا بولۇشى ئۈچۈن ۋاسىتە بولغان ئوقۇغۇچىلارنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا يەنە مەۋلانە خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى مۇجاھىت ئۇلۇداغ، كونىياغا كېلىپ ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشىنىڭ ئوخشىمىغان ئاۋازلاردا ئوخشاش بىر جۈملىنى سۆزلەشنى يەنى «بىز بىر مىللەت» دېگەن سۆزنى بىرلىكتە سۆزلەش، مەنىۋى قېرىنداشلىق چۈشەنچە پەيدا قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز پائالىيەت ھەققىدە مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن خەلقئارالىق مەۋلانە ئوقۇغۇچىلار بىرلىكىنىڭ ئىدارە ھەيئەت مەسئۇللىرىدىن مۇرات ئارسلان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. مۇرات ئارسلان ئەپەندى بۇ پائالىيەتكە كونىيا خەلقىدىن 15 مىڭ كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن كېلىپ كونىيادا ئوقۇۋاتقان مېھمان ئوقۇغۇچىلارغا خىزمەت قىلىش ۋە بۇ ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ دۆلىتى، مىللىتى ۋە مەدەنىيەتلىرىنى خەلقىمىزگە تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە بۇ پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇلدى. كونىيادا شەرقىي تۈركىستان، قازاقىستان، نېگىرىيە، كېنىيە قاتارلىق 46 دۆلەتتىن كېلىپ ئوقۇۋاتقان 1200 ئەتراپىدا چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئوقۇۋاتىدۇ، كونىيا خەلقىنىڭ كۆپىنچىسى بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىلى، دۆلىتى ۋە مەدەنىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇماتى يوق ئىدى. بىز بۇلارنى ئۇلار ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلىپ بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇردۇق. يەنە بىر مەقسەت، بۇ پائالىيەت ئارقىلىق قېرىنداشلىق مۇھىت بەرپا قىلىش، بۇ ئىنسانلارنىڭ خەلقىمىز تەرىپىدىن تونۇلۇشى ۋە خەلقىمىز بىلەن بۇ ئوقۇغۇچلار ئوتتۇرىسىدا قېرىنداشلىق مۇناسىۋەت بەرپا قىلىش مەقسەتتە ئۇيۇشتۇرۇلدى.
مۇرات ئارسلان ئەپەندى يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ئۇيغۇر تۈركلىرى مىللىي كىيىملىرىنى كىيىشىپ، كۆرگەزمە ئاچتى. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى بىلىمىز. ئۇيغۇرلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى تۈركلەرنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسى. ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى بەك جەلپ قىلارلىق بىر مەدەنىيەت. بىز ئوخشاش بىر مىللەت ئەمما ئوخشىمايدىغان يېرىمىز ئۇلار شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدۇ، بىز تۈركىيىدە ياشايمىز، بىز بۇ يەرگە بۇرۇن كەلگەنلىكىمىز ئۈچۈن بىزنىڭ شەكىل ۋە ھايات تەرىزىمىز ئۆزگەردى. تۈركلەرنىڭ ئەسلى سىمۋولى ئۇلاردا قالدى. بىز ئۇيغۇرلارنى بەك ياخشى كۆرىمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى باشقىلارغا تونۇتۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىل مەدەنىيەت پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بەك مۇھىم دەپ قارايمەن. ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەر بىر بىرىدىن ئۇزاق خەلقلەردىن ئەمەس، جۇغراپىيە جەھەتتىن قانچىلىك ئۇزاق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئىككى خەلق ئۇزۇن يىللاردىن بىرى بىر-بىرىگە زىچ باغلىنىپ ياشاپ كەلگەن قېرىنداش خەلق.