بۇ ئويۇنچۇقلار بازارلارغا قانداق پەيدا بولۇپ قالدى؟
دوكتور ئەلى قاھتانىي مۇنداق دېدى:" تىجارەتچىلىرىمىز خىتايدا ياسالغان بۇ خەتەرلىك ھەم بىر قانچە كۈنمۇ چىدىمايدىغان ساختا ئويۇنچۇقلارنى قانداق ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ؟ قانداقمۇ بۇلارنى بازارلىرىمىزغا سالىدۇ؟ بالىلىرىمىز باھاسى ئەرزان، تەن ساقلىقىغا زىيانلىق بولغان بۇ ئويۇنچۇقلارغا قىزىقىدۇ، بىزمۇ ئېلىپ بېرىشكە مەجبۇر بولىمىز. بەزىسى ئۆيگە ئەكىلىپ بولغىچىلىك سۇنۇپ بولىدۇ، بەزىلىرى بالىلارغا ئويناپ زىرىككۈچىلىكمۇ پۇرسەت بەرمەستىن بۇزۇلۇپ بولىدۇ. بىز ئەرزان دەپ ئېلىۋېرىمىز. بۇ شۇنداق داۋام قىلىۋەرسە ساختا ماللارنىڭ قانداق ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ مەلۇمكى، ئۆتكەن ياز ئايلىرىدىن بىرى ھۆكۈمىتىمىز خىتاينىڭ ساختا بالا ئويۇنچۇقلىرىنى بازاردىن چەكلەپ كېلىۋاتىدۇ. يەنە بۇ ئويۇنچۇقلار بازارلارغا قانداق پەيدا بولۇپ قالدى زارى بىلگىلى بولمايدۇ. ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەر خىتايدا ئىشلەنگەن، تەن ساقلىققا زىيانلىق ۋە خەتەرلىك ساختا ئويۇنچۇقلارنى بازارلاردىن چەكلەپ كەلگەن يېرىگە قايتۇرىۋەتتى. ئەڭ ياخشى مىسال شۇكى، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى پۇقرالىرىدىن 18 مىليون 600 مىڭ پارچە خىتاي ئويۇنچۇقىنى يىغىۋالدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى خىتايدا ياسالغان بۇ ئويۇنچۇقلارنىڭ خەلقئارالىق ئۆلچەملەرگە مۇناسىپ كېلىدىغانلىقىنى قانچىلىك تەكىتلىگەن بولسىمۇ، بۇ ئويۇنچۇقلاردا بالىلارنىڭ تەن ساقلىقىغا زىيانلىق بولغان خىمىيىلىك ماددىلارنىڭ ۋە قوغۇشۇننىڭ كۆپلىكى، شۇنداقلا كىچىك بالىلار يۇتۇپ سالىدىغان پارچىلىرىنىڭ ناھايىتى كەسكۈچى، تىلغۇچى ئىكەنلىكى سەۋەبلىك كۆپلىگەن دۆلەتلەر بۇنداق ئويۇنچۇقلارنى بازارلىرىدىن چەكلەپ كەلدى."
خىتاينىڭ ساختا ئويۇنچۇقلىرى زەھەرلىك
دوكتور ئەلى قاھتانىي يەنە مۇنداق دېدى:" سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھ سۇئۇد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇغراپىيە مۇئەللىمى دوكتور مۇبارەك بالىسىنىڭ ئۆيدىكى ئويۇنچۇق زالىدا كۆپ تۇرۇش سەۋەبلىك تولا چارچايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى سەزگەندىن كېيىن، ئويۇنچۇق ئۆيىنى پۈتۈنلەي بوشىتىپ، بىر ھەپتىگىچە ئۆينىڭ ئىشىك، دەرىزىلىرىنى ئېچىۋېتىپ كۆرگەندىن كېيىن، بالىسىنىڭ يۈزدە يۈز ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى سۆزلەيدۇ. ئەپسۇسكى، كۆپلىگەن ئاتا - ئانىلار ئىشنىڭ بۇ تەرىپىگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. بالىنىڭ ئويۇنچۇق ئۆيى ئەسلىدە خىتايدا ياسالغان بۇ ئويۇنچۇقلاردىكى خىمىيىلىك ماددىلاردىن زەھەرلىنىپ بالىغا تەسىر قىلغان ئىكەن. بىز ھەققانىي ئورۇندا تۇرۇپ دۆلىتىمىزدە راك كېسەللىكلىرى نېمە ئۈچۈن كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى ئويلاپ باقتۇقمۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى بىرلا ئەمەس، بەلكى سەۋەبلىرى كۆپ. قولتۇق ئۇرۇشى ۋاقتىدا خىمىيىلىك ئوق - دورىلارنىڭ ئەتراپىمىزدا پارتلىشى، قاچىلانغان يېمەكلىك تۈرلىرىدىكى ساقلىغۇچى ماددىلارنىڭ تەسىرى دېيىشكە بولغاندەك، خىتاينىڭ سۈپەتسىز ۋە ناچار ئويۇنچۇقلىرىدىكى كۆپ مىقداردىكى خىمىيىلىك ماددىلارنىڭ زىيىنى دېسەكمۇ بولىدۇ. مۇندىن باشقىمۇ ئاۋسترالىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر رەت قىلغان خىتاي ئويۇنچۇقلىرىنى بىز ھازىرغىچە نېمە ئۈچۈن تاشلىيالمايمىز؟ بىزنىڭ كېلىچىكىمىز ۋە ھەر نەرسىمىز بولغان شۇ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ تەن ساقلىقىنى ئويلىساق بولمامدۇ؟!"