خەرىي ۋۇ: تەن جازاسى كوممۇنىست رېجىمى ۋە تۈرمە بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان

خەرىي ۋۇ، خىتايدا قىيىن-قىستاققا ئېلىش ۋە تەن جازاسى بېرىشنىڭ ھېلىھەم مەۋجۇت ئىكەنلىكنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تېخىمۇ ئېغىر بېسىمغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

0:00 / 0:00

26-ئىيۇن ب د ت نىڭ «تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كېلىشىمنامىسى» ئىمزالانغان كۈن. خىتاي مەزكۇر كېلىشىمنامىگە ئىمزا قويغان ۋە بۇنى قانۇن قىلىپ بېكىتكەن دۆلەت بولسىمۇ، ئامېرىكىدىكى لاۋگەي فوندى جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى خەرىي ۋۇ خىتايدا قىيىن-قىستاققا ئېلىش ۋە تەن جازاسى بېرىشنىڭ ھېلىھەم مەۋجۇت ئىكەنلىكنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تېخىمۇ ئېغىر بېسىمغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

خىتاي 1995-يىلى «تەن جازاسىغا قارشى كېلىشىمنامىسى» گە ئىمزا قويغان

خىتاي تۈرمىلىرىدىكى تەن جازاسى ۋە قېيىن-قىستاق مەسىلىسى ئۇزۇندىن بېرى دۇنيا جامائەتچىلىكى دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى. 2005-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەيىنلىگەن ئالاھىدە مۇتەخەسسىسى مانفرېد نوۋاكمۇ خىتاي تۈرمىلىرىنى تەكشۈرۈپ قايتقاندىن كېيىنكى دوكلاتىدا خىتايدا قېيىن-قىستاق ۋە تەن جازاسىنىڭ كەڭ ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

amerikidiki-lawgey-fondi-jemiyiti-muzemi-385.jpg
ئامېرىكىدىكى لاۋگەي فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇزېيى. 2011-يىلى 26-ئىيۇن. (RFA)

خىتاي دائىرىلىرى 2008-يىل نويابىردىمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەن جازاسىغا ئائىت دوكلات تەييارلاشقا تەيىنلىگەن ئالاھىدە خادىملارنىڭ قاتتىق سوئاللىرىغا دۇچ كەلگەن. ئەينى چاغدا خىتاي دائىرىلىرى تۈرمىلەردىكى قېيىن-قىستاق ۋە سوئال-سوراق ھەققىدە تەمىنلىگەن ماتېرىياللارنىڭ ئىنتايىن ئاز ئىكەنلىكىدىن بىئارام بولغان تەكشۈرگۈچى خادىم فېلىسى گېىر خىتاينىڭ «دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇنى» نى باھانە قىلىپ بۇ خىلدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي 1995-يىلى ب د ت تەرىپىدىن ھازىرلانغان «تەن جازاسىغا قارشى كېلىشىمنامىسى» گە ئىمزا قويغان ۋە شۇ يىلى تەن جازاسى بېرىش ۋە قىيىن-قىستاققا ئېلىشنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى. شۇنداقتىمۇ خىتايدا تەن جازاسىنىڭ يەنىلا كەڭ ئۇچرايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بۇ ھەقتە توختالغان «لاۋگەي فوندى جەمئىيىتى» نىڭ قۇرۇغۇچىسى خەرىي ۋۇ كوممۇنىست رېجىمى مەۋجۇتلا بولىدىكەن قېيىن-قىستاق ۋە تەن جازاسىنىڭ مەڭگۈ يوقالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەرىي ۋۇ: ئۇلار قېيىن-قىستاققا تايىنىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ

خەرىي ۋۇ: قېيىن-قىستاق ۋە تەن جازاسى كوممۇنىست رېجىمى ۋە تۈرمە بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. ئۇلار قېيىن-قىستاققا تايىنىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
خەرىي ۋۇ خىتايدىكى تۈرمە، قېيىن-قىستاق، بىر پارتىيىلىك دۆلەت تۈزۈمى ۋە بۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىشتا تۈرمىگە تايىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەرىي ۋۇ: سىز بىر پارتىيىلىك دۆلەت تۈزۈمىنى ساقلاپ قالىمەن دەيدىكەنسىز ئەگەر بىرى سىزگە چاتاق تېپىپ بەرگەن بولسا ئۇنى قانداق تەرتىپكە سالىسىز؟ بۇ بەك ئاددىي. تۈرمە. يەنى بۇلارنى تۇتۇپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋە مەجبۇرىي مېڭىسىنى يۇيۇش كېرەك. ھازىر خىتايدا ئاتالمىش تەرەققىياتلار بارلىققا كەلدى. ئەمما، بىر پارتىيە تۈزۈمى يەنىلا مەۋجۇت. ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قارىتىلغان بېسىم ئىنتايىن ئېغىر.

خىتاي دائىرىلىرى مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق ئورگانلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ تۈرمىلەردىكى تەن جازاسى ۋە قېيىن-قىستاققا ئېلىش خاھىشى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلىرىگە ئىزچىل ئۇچرايدۇ.

خەرىي ۋۇ خىتاي قېيىن-قىستاققا قارشى تۇرۇش كېلىشىمنامىسىگە ئىمزا قويغىنىغا 20 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئوتكەن بولسىمۇ، خىتايدىكى تۈرمىلەردە قېيىن-قىستاققا ئېلىش ۋە تەن جازاسى بېرىشنىڭ ھېلى ھەم ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: قېيىن-قىستاققا ئېلىش يەنىلا بەك ئېغىر. ھەتتا ھازىرقى كۈنلەردىمۇ خىتاي مەخپىي ساقچىلىرى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئارقىسىغا چۈشىۋالىدىغان، ئۇرىدىغان، قېيىن قىستاققا ئالىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. بەك كەڭ ئۇچرايدۇ. ئۇلار سىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىڭىز بارمۇ-يوق، پەرۋايىغا ئالمايدۇ. شۇنچىلىك ئاددىي.

ئۇيغۇرلار ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنىپ «5-ئىيۇل ۋەقەسى» گە ئائىت ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشتا ئاكتىپلىق قىلالمىدى

2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» يۈز بەرگىنىگە ئىككى يىل بولدى. مەزكۇر ۋەقەنى تىنچىتىش جەريانىدا خىتاينىڭ قوراللىق كۈچ ئىشلەتكەنلىكى، ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ تۈرمىلەردە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىيلىكلەرگە ئۇچرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلغان بولغاچقا خەلقئارالىق مەتبۇئاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇنى ئۆز ئالدىغا دەلىللىيەلمىگەنلىكىنى ئىدى.

بۇ ھەقتە توختالغان خەرىي ۋۇ، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئامالنىڭ بارىچە ئاشكارىلىشىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: 5-ئىيۇلدا تۈرمىگە قامالغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە بەزى ئۇچۇرلارغا ئىگىمىز. ئەمما بۇ يەردىكى مەسىلە، ئۇيغۇرلار ئىنتېرنېتتىن ئەقىللىقلىق بىلەن پايدىلىنىپ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى سىرتقى دۇنياغا ئاشكارىلاشتا ئاكتىپلىق قىلالمىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكىلىق ۋە ياكى مەندەك خەنزۇلارنىڭ ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلىشى قېيىن. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ئۇيغۇرلار قاتمۇ-قات بېسىمغا دۇچ كېلىدۇ. ئۇلار خىتاي مەخپىي ساقچىلىرىنىڭلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئاشۇ يەردىكى خىتاي مىللىتىنىڭمۇ تەھدىتىگە ئۇچرايدۇ.

بىر ئىگىلىگەن بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار تۈرمىلەردىكى قېيىن قىستاق سەۋەبىدىن ئۆلۈم خەۋپىگىمۇ دۇچ كەلگەن ھەتتا بەزىلىرى تۈرمىدە تاياق زەربىسىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان. ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلى 5-ئىيۇلدىن كېيىن تۇتۇلغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلار يولۇققان قىسمەتلەرنى قاتتىق سىر تۇتۇپ كەلمەكتە.