قەشقەردە خەتمە قۇرئان پائالىيىتى ئامانلىق خادىملىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلمەكتە

ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ئومۇميۈزلۈك بىر ئەھۋالدۇر؛ ئەمما بۇ چەكلىمىنىڭ ئۇسۇل ۋە شەكىللىرى ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەر ۋە يېزىلاردا پەرقلىق ھالدا ئىجرا قىلىنماقتا.

0:00 / 0:00

قەشقەردە ئاھالىلەر خەتمە قۇرئان ئۆتكۈزۈشتە، ئالاقىدار كومىتېتلاردىن رۇخسەتنامە ئېلىشتىن باشقا يەنە، خەتمە قۇرئاننىڭ باشلىنىشى ئۈچۈن شۇ جايدىكى بىر ئامانلىق خادىمىنىڭ سورۇندا ھازىر بولۇشى شەرت قىلىنماقتا.

ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى يىللاردىن بېرى تەكىتلەپ كەلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا خىتايدا پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇ ھوقۇقتىن يېتەرلىك دەرىجىدە بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى ئىزچىل ھالدا تەكرارلىماقتا. ئەمما، ئاشكارىلىنىپ قېلىۋاتقان بەزى ئەھۋاللار، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي سورۇنلارنى باشقۇرۇشتا بەزى دىنىي قائىدە ۋە ئەھكاملارنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا.

بىز ئاھالىلەرنىڭ بۇ ئىنكاسىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنى ئېنىقلاپ بېقىش ئۈچۈن؛ قەشقەردىكى ھېيتگاھ مەسچىتىگە تېلېفون قىلدۇق. مەسچىت ھەيئەتلىرىدىن بىرى يۇقىرىقى ئىنكاسنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى.

دىنىي ئەركىنلىك، تەرەققىي قىلغان بىر دۆلەت ۋە مەدەنىيەتلىك بىر جەمئىيەت ئۈچۈن بۈگۈن ئالدىنقى قاتاردىكى ئۆلچەملەردىن بىرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنماقتا.

خەلقئارا قانۇنلاردا دىنىي ئەركىنلىك يالغۇز ئىبادەت سورۇنلىرىغا ئىگە بولۇش ئەمەس، بەلكى دىنىي پائالىيەتلىرىنى ھەرقانداق بىر تەھدىت، ھەرقانداق مەجبۇرلاشلاردىن خالىي ھالدا ئەركىن ۋە ئازادە ئېلىپ بېرىش دەپ كۆرسىتىلمەكتە، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، دۆلەتنىڭ پۈتۈنلۈكى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش شوئارىنى ئىككىلەنمەستىن ئاشكارا ھالدا تەشۋىق قىلماقتا. ئۇيغۇر دىنىي زاتلار بۇ ئەھۋالنى ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا قىلىنغان ھاقارەت دەپ قاراشماقتا.