قەدىمقى زاماندا ئالەمنى تەۋرەتكەن خەيبەر جىلغىسىدىن ھازىر ئامېرىكا ئۆتۈۋاتىدۇ

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا، شىمالىي ئافغانىستانغا تەمىنات يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن خەيبەر جىلغىسىدىن ئۆتىدىغان بىر يېڭى يول ئېچىش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ۋە رۇسىيە بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ بولدى.

0:00 / 0:00

ئامېرىكىنىڭ بۇ يېڭى تەمىنات يولى زامانىمىزدا، ھەربىي ھەرىكەتلەر ئۈچۈن بىر مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئۆتكەل. قەدىمقى زامانلاردىمۇ، غەرب بىلەن شەرق ۋە شىمال بىلەن جەنۇب ئوتتۇرىسىدىكى بىر قاتار ئالەمشۇمۇل مەدەنىيەت ۋە ھەربىي ھەرىكەتلەر مۇشۇ خەيبەر جىلغىسى ئارقىلىق يۈز بەرگەن. بۇنىڭغا دائىر ئۇچۇرلار تۆۋەندىكىچە:

زامانىمىزدىكى خەيبەر جىلغىسى

خەرىتىلەرگە قارىسىڭىز، پاكىستان بىلەن ئافغانىستان چېگرىلىنىپ تۇرىدىغان جايدىكى تاغ يوللىرىدا، يان تەرىپىدىكى ئېقىنلاردا ئۈكسىمەي سۇ ئېقىپ تۇرىدىغان، تاغ قاپتاللىرىدىكى ناھايىتى تار ئايلانما يولدىن پەسكە چۈشۈپ، پەستىن يەنە تاغ قاپتالىرىنى ئايلىنىپ ئېگىزلىككە چىقىدىغان 35 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر خەتەرلىك جىلغا بار. ئەمما بۇ جىلغا قىشمۇ - ياز قار ياكى قىيان توسۇپ قويمايدىغان راۋان يول. مانا بۇ خەيبەر جىلغىسى.

پاكىستاندىن كابۇلغا بېرىپ - كېلىدىغان تاغ يوللىرىمۇ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن ياكى خىتاي تېررىتورىيىسىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن پاكىستان ياكى ئافغانىستانغا بېرىپ كېلىدىغان تاغ يوللىرىمۇ، مۇشۇ خەيبەر جىلغىسىدىن ئۆتىشى كېرەك.

ھازىر غەرب دۆلەتلىرىدىن ئافغانىستاندىكى ناتو قىسىملىرىغا، تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز پورتىدىن ياكى گروزىيىنىڭ قارا دېڭىز پورتىدىن ئۆتۈپ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارقىلىق ياكى پاكىستاننىڭ كاراچى پورتى ئارقىلىق كېلىدىغان ئارقا سەپ تەمىناتى خەيبەر جىلغىسىدىن ئىبارەت مۇشۇ ئۆتكەلدىن ئۆتىدۇ.

خەيبەر جىلغىسىنىڭ پاكىستان تەرىپىدە، ئاساسىي ئاھالىسى پەشتۇنلاردىن بولغان قەبىلىلەر رايونى بار. ئىسلامئابادتىكى DPA ئۇچۇر ئاگېنتلىقىغا بۇ رايوندىكى يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ئەمىرزادەخاننىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ھەر كۈنى ناتو قىسىملىرىغا تەمىنات يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 300 دىن ئارتۇق يۈك ئاپتوموبىلى خەيبەر جىلغىسىدىن ئۆتىدۇ.

ئامېرىكا گېنېرالى دەيۋىت پېتراۋسنىڭ ئېيتىشىچە، ئافغانىستاندىكى غەرب قىسىملىرىغا پاكىستان ئارقىلىق تەمىنات يەتكۈزىدىغان يوللاردا، بولۇپمۇ مۇشۇ خەيبەر جىلغىسى ئەتراپىدا، يۈك ئاپتوموبىللىرى دائىم تالىبانلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كەلمەكتە.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنىڭدىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن، پاكىستان پرېزىدېنتى زەردارى ئامېرىكا گېنېرالى پېتراۋس بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، گەرچە ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى پاكىستاننىڭ قەبىلىلەر رايونىدىكى تالىبانلارغا قارىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭدىن يەرلىك خەلق پاراكەندە بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ رايونغا قارىتا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتماسلىقىنى تەلەپ قىلغان ۋە شۇنىڭدىن كېيىن، پاكىستان دائىرىلىرى بۇ قەبىلىلەر رايونىدىكى قوراللىق كۈچلەرگە ئۆزلىرى تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، خەيبەر جىلغىسىنى تاقىۋالغان ئىدى.

بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ۋە رۇسىيە بىلەن خەيبەر جىلغىسىدىن پايلىنىش ھەققىدە بىر كېلىشىم تۈزدى. ئەمدى ئامېرىكا خەيبەر جىلغىسىدىن بىمالال پايدىلىنىدۇ. زامانىمىزدا ھەربىي ھەرىكەتلەر ئۈچۈن مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بۇ خەيبەر جىلغىسى ھازىر ئوچۇق.

قەدىمقى زامانلاردا ئالەمشۇمۇل ۋەقەلەر يۈز بەرگەن خەيبەر جىلغىسى

قەدىمقى زامانلاردا، غەرب بىلەن شەرق ۋە شىمال بىلەن جەنۇب ئوتتۇرىسىدىكى بىر قاتار ئالەمشۇمۇل مەدەنىيەت ۋە ھەربىي ھەرىكەتلەر مۇشۇ خەيبەر جىلغىسى ئارقىلىق يۈز بەرگەن ئىدى. بۇ جىلغىدىكى ھەر بىر تال تاشتا بىر نەچچە مىڭ يىللىق تارىختا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئىزى بار.

'ۋىكى ئىنىسكلوپېدىيىسى' دە بايان قىلىنىشىچە، ۋە قەدىمقى زامان رىۋايەتلىرىدە 'ئارىيانلار' دەپ ئاتالغان، زامانىمزىدىكى تارىخشۇناسلار 'ھىندى - ئىران قەۋمى' دەپ ئاتاۋاتقان كىشىلەر ئۆزىنىڭ تارىخىي ھەرىكەتلىرىدە مۇشۇ جىلغىدىن ئۆتكەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3 ‏ - ئەسىردە غەرب بىلەن شەرق ئوتتۇرىسىدا ئالەمشۇمۇل تارىخ ياراتقان ئىسكەندەر زۇلقەرنەين مۇشۇ خەيبەر جىلغىسىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيىلىك ئورۇندىن پايدىلىنىپ، ھىندىستانغا ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرگەن. 1526‏ - يىلى ھىندىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇشۇ بىر كەڭ دائىرىدە موغۇل ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان بابۇر شاھمۇ، مۇشۇ خەيبەر جىلغىسىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيىلىك ئورۇندىن پايدىلانغان. بېرىتانىيە بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىىسىدا بىرىنچى قېتىم 1839‏ - يىلى، ئىككىنچى قېتىم 1878‏ - يىلى، ئۈچىنچى قېتىم 1919 ‏ - يىلى يۈز بەرگەن ئۈچ قېتىملىق ئۇرۇشتىمۇ، بېرىتانىيە مۇشۇ خەيبەر جىلغىسىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيىلىك ئورۇندىن پايدىلانغان.

خىتاي تارىخچىلىرىنىڭ خەيبەر جىلغىسى ئارقىلىق يۈز بەرگەن تارىخلارنى بايان قىلىشى يۇقىرىقى بايانلارغا ئازراق ئوخشىمايدۇ. بۇ تارىخ ھەققىدە 'خەلق گېزىتى' نىڭ تور بېتىدە بايان قىلىنىشىچە، خەيبەر جىلغىسى بىر ئىستراتېگىيىلىك ئورۇن. قەدىمقى زامانلاردا پارىسلار، يۇنانلار، توخرىلار، ئۇيسۇنلار مۇشۇ خەيبەر جىلغىسىدىن پايدىلىنىپ ھىندى ۋادىسىنى بوي سۇندۇرغان. 16‏ - ئەسىردىكى موڭغۇل - تۈرك فىئوداللىرىنىڭ ئەۋلادى بابۇرمۇ، مۇشۇ خەيبەر جىلغىسىدىن ئۆتۈپ، ھىندىستاننى بوي سۇندۇرۇپ موغۇل ئىمپىرىيىسى قۇرغان.