خەيمىن بازىرىدىكى نامايىش جىددىي ئىنكاس قوزغىدى

سەيشەنبە كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى خەيمىن بازىرىدىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئامما شۇ جايدا يېڭىدىن قۇرۇلماقچى بولغان، ئوت ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان ئىدى.

0:00 / 0:00

سەيشەنبە كۈنى خەيمىن بازىرىدا نەچچە مىڭلىغان شەھەر ئاھالىسى ھەم يېرىدىن ئايرىلغان 500 دىن ئارتۇق دېھقان بازارلىق ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا توپلىنىپ، شۇ جايدا قۇرۇلماقچى بولغان ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىغا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەندە نامايىشچى ئامما ساقچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچراپ، 100 نەچچە ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى مەلۇم بولدى.

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى خەيمىن بازىرىدىن چارشەنبە كۈنى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان پۇقرالارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بازارلىق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى پۇقرالارنىڭ نارازىلىق نامايىشىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، زور تۈركۈمدە ساقچىلارنى يۆتكەپ كېلىپ، نامايىش باشلامچىلىرىنى تۇتقۇن قىلغىنى ئۈچۈن، نامايىشنىڭ داۋامى غەزەپلەنگەن ئامما بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشقا ئايلىنىپ نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان.

خەيمىن بازىرىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سۈن خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار سەيشەنبە كۈنى كەچقۇرۇن نامايىش باشلامچىلىرىنى تۇتقۇن قىلغىنىدا، پۇقرالارنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن.

خەيمىن بازىرىدىكى چېن ئەپەندى بولسا بۇ قېتىمقى نامايىشتا تۇتقۇن قىلىنغان ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرقەدەر كۆپلۈكىنى، تۇتقۇن قىلىنغانلار ئارىسىدا ئاياللارمۇ بارلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان باشقا ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خەيمىن بازىرىدىكى نارازىلىق نامايىشى، چارشەنبە كۈنىمۇ داۋاملاشقان. چارشەنبە كۈنى بازارلىق ھۆكۈمەت بىناسى نامايىشچىلار تەرىپىدىن قورشىۋېلىنىپ، بازارلىق ھۆكۈمەت دەرۋازىسى ئالدىدىكى تاختاي ئېلىۋېتىلگەن. خەيمىن بازىرىدىن شېنجىن شەھىرىگە تۇتۇشىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول نامايىشچى ئامما تەرىپىدىن توسۇۋېلىنىپ، بۇ يولدا قاتناش توختىغان. سەيشەنبە كۈنى كېچىدىن باشلاپ، بازارلىق ھۆكۈمەتتىكى ساقچى دائىرىلىرى ئۆيمۇ-ئۆي ئاختۇرۇپ ئادەم تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، ساقچىلار ئادەم تۇتۇش جەريانىدا ئومۇميۈزلۈك ھالدا بازاردىكى پۇقرالارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار قارشىلىق كۆرسەتكەن پۇقرالارنى توك كالتىكى قاتارلىقلار بىلەن ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان بولۇپ، ھازىرغىچە ساقچىلار تەرىپىدىن يارىلاندۇرۇلغانلار 100 نەچچە كىشىگە يەتكەن. بازاردا پۇقرالار ئارىسىدا تارقالغان خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ساقچىلارنىڭ ئادەم تۇتۇشى جەريانىدا 3 كىشى ئۆلگەن.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىق ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى خەيمىن بازىرىدىكى نامايىش ھەققىدە بۈگۈن ئەتىگەن خەۋەر بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما نامايىش جەريانىدا تۇتقۇن قىلىنغانلار ھەم يارىلانغانلار ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمىدى. رادىئومىز خەيمىن بازىرىدىكى ساقچى ئىدارىسىدىن ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما تېلېفوننى ئالغان ساقچى خادىمى نامايىش ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

چەتئەللەردىكى سىياسىي ئانالىزچىلاردىن خۇ پىڭ ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خەيمىن بازىرىدا داۋاملىشىۋاتقان نامايىش ھەم ئۆتكەن ھەپتە گۇاڭدۇڭنىڭ ۋۇكەن كەنتىدە يۈز بەرگەن كەنت ئاھالىسىنىڭ ھۆكۈمەت كادىرلىرىنى قوغلاپ چىقىرىش ۋەقەسى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن بۇ خىل قارشىلىق نامايىشلىرىنى، پۇقرالارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەبىت سىياسىتى، ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىشىشى، رايون مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن قوزغالغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۆرنىكى دېيىشكە بولىدىكەن.

خۇ پىڭ ئەپەندى ئۆز بايانىدا يەنە، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى بىر پارتىيىلىك مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمەيدىكەن، خىتايدا ئىقتىساد تەرەققىي قىلىپ، پۇقرالار تۇرمۇشىدا ياخشىلىنىش بولغان تەقدىردىمۇ، خىتايدا بۇندىن كېيىن بۇ خىل ئاممىۋى نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ يەنىلا داۋاملىشىدىغانلىقىنى، بەلكى بارغانچە كۆپىيىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى.

خىتاي تور بېكەتلىرىدىكى مۇنازىرىلەردە خىتايدا نۆۋەتتە بارغانچە كۆپىيىۋاتقان ھەر خىل نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئىنكاسلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ ئىنكاسلارنىڭ كۆپىنچىسىدە، نۆۋەتتە خىتايدا بارغانچە ناچارلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ پەقەت ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىلا قوغلىشىپ، پۇقرالارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ھەم مال-مۈلكى قاتارلىق بىۋاسىتە ئىقتىسادىي مەنپەئىتى بىلەن كارى بولماسلىقى ، پۇقرالارنىڭ ياشاش مۇھىتىنىڭ بارغانچە بۇلغىنىشى قاتارلىق سەۋەبلەرنىڭ بۇ خىل نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ،ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابكار بولۇشى كېرەكلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بۇ خىل ئىنكاسلاردا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاگاھلاندۇرۇلۇپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ پەقەت ھازىرقىدەك باستۇرۇش، تۇتقۇن قىلىش ئارقىلىقلا مەسىلىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقى، پەقەت خىتايدا ھەقىقىي دېموكراتىك تۈزۈم ئورنىتىلغاندىلا ئاندىن بۇ خىل نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئازىيىدىغانلىقى تەكىتلەندى.