خەيمىن بازىرىدىكى نامايىشتا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ تۇتقۇن قىلىندى

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى خەيمىن بازىرىدا بۈگۈنگىچە داۋاملىشىۋاتقان، ئوت ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشىدا كۆپلىگەن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تۇتقۇن قىلىنغان.

0:00 / 0:00

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، گۇاڭدۇڭ خەيمىن بازىرىدىكى پۇقرالاردىن نەچچە مىڭ كىشى، پەيشەنبە كۈنى خەيمىن بازىرىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ يول ھەققى ئېلىش ئېغىزىغا توپلىشىۋېلىپ، نارازىلىق نامايىشىنى داۋاملاشتۇرغان. ساقچىلار ئۆيمۇ-ئۆي ئاختۇرۇپ نامايىش قاتناشچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىۋاتقان بولۇپ، خەيمىن بازىرى ۋەزىيىتى پەيشەنبە كۈنى تېخىمۇ جىددىيلەشكەن.

يۇتۇپ تور بېكىتىگە قويۇلغان خەيمىن پۇقرالىرىنىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى نامايىش ھەققىدىكى نەق مەيدان فىلىمىدىكى كۆرۈنۈشلەردە، قوراللىق ساقچىلارنىڭ كوچىدا قوغلاپ يۈرۈپ ئادەم تۇتۇۋاتقانلىقى، تاياق يەۋاتقان ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ساقچىلار بىزنى ئۇرۇۋاتىدۇ»، «ساقچىلار ئادەم تۇتۇۋاتىدۇ»، «ئادەملەرنى قويۇپ بېرىڭلار» دېگەن ئاۋازلىرى بار بولۇپ، قول تېلېفون ئارقىلىق تارتىلغان بۇ كۆرۈنۈشلەردە تاياق زەربىسىدىن بېشى يېرىلغان، قولى يارىلانغان ياش ئوقۇغۇچىلارنى ساقچىلار بېسىپ باغلاۋاتقان كۆرۈنۈشلەر ئەكس ئەتكەن.

خەيمىن بازىرىدىكى پۇقرالارنىڭ رادىئومىز مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن تەخمىنەن 2000 دىن ئارتۇق كىشى،خەيمىن بازىرىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ يول ھەققى ئېلىش پونكىتىغا توپلاشقاندا، نامايىشچىلارنى باستۇرۇپ، ئادەم تۇتۇش ئۈچۈن كەلگەن ساقچىلار بىلەن توقۇنۇش يۈز بەرگەن. شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار توپلىشىۋالغان نامايىشچىلارنى تارقىتىۋېتىش ئۈچۈن كۆزدىن ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتقان. نامايىشچى ئامما تارقىلىشنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ساقچىلار نامايىش مەيدانىغا بۆسۈپ كىرىپ، توك كالتەكلىرى بىلەن نامايىشچىلارنى ئۇرۇپ، ئادەم تۇتۇشقا باشلىغان.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سۈن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار تۇتقۇن قىلغانلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ياش بالىلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 15 ياشقا كىرمىگەن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خېلى كۆپ ئىكەن. ساقچىلاردىن تاياق يەپ يارىلانغانلار بولسا پەيشەنبە كۈنى كەچكىچە 300دىن ئاشقان.

سۈن ئەپەندى پەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن، سائەت 5 لەر ئەتراپىدا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن مەنزىرىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دەيدۇ.
«بۈگۈن پەيشەنبە كۈنى بازاردا سودا توختىدى. ھەتتا گاز قاچىلاش پونكىتلىرىمۇ ئېچىلماپتۇ. بازارنى پۈتۈنلەي قوراللىق ساقچىلار قورشىۋاپتۇ. ساقچى ئاپتوموبىللىرى ھەم ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىللىرى بازاردا چىرقىراپ يۈرىدۇ. مەن ئاپتوموبىل ھەيدەپ كېتىپ بېرىپ، قوراللىق ئەسكەرلەرنىڭ يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيولنىڭ پۇل ئېلىش ئورنىنى قورشىۋالغانلىقىنى كۆردۈم. چۈشتىن كېيىن، ساقچىلار كۆزدىن ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتقان چاغدا مەن كوچىدا ئاپتوموبىل ھەيدەپ كېتىپ باراتتىم. مەن يەنە ساقچىلارنىڭ قېچىپ كېتىپ بارغان ياش ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرۇۋاتقان مەنزىرىنى كۆردۈم. باشقىلاردىن ئاڭلىشىمچە، ھازىرمۇ ساقچىلار بازارنى قامال قىلىپ، ئادەم تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋېتىپتۇ. تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئىچىدە 15 ياشقىمۇ كىرمىگەن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بار ئىكەن.»

رادىئومىز مۇخبىرى بازاردىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن تېلېفون قىلغىنىدا، تېلېفوننى ئالغان مەكتەپ دائىرىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلىپ، مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى.

خىتايدىكى بەيدۇ قاتارلىق ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدىكى شەخسلەرنىڭ بلوگىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خەيمىن بازىرىدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان پۇقرالارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىدە ئاز دېگەندە 5-6 كىشى ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئەمما، رادىئومىز تېلېفونىنى ئالغان خەيمىن بازىرىدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغىنى ئۈچۈن، ھازىرغىچە خەلقئارا مەتبۇئاتلار خەۋەرلىرىدە بۇ قېتىم گۇاڭدۇڭ خەيمىندە يۈز بەرگەن نامايىشتا، ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى.