گەرچە تەرەپلەر خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى نامزاتى بولغان بۇ يېڭى لىدىرنىڭ زىيارىتىنىڭ ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى يېڭى بىر بالداققا چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭغا گۇمان بىلەن قارىماقتا. مۇتەخەسسىس ئېلىزابىت ئېكونومىي خانىم بۇ ھەقتە «تاشقى ئىشلار» ژۇرنىلدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى پەرقلىق قىممەت قاراشلىرىنىڭ بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز - ئارا ئىشەنچ ھاسىل قىلىشىغا توسالغۇ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكىغا قاراتقان زىيارىتى بۈگۈن ئاخىرقى كۈنىگە قەدەم قويدى. شى جىنپىڭ شەنبە كۈنى ئامېرىكىدىكى رەسمىي زىيارىتىنى ئاياقلاشتۇرغاندىن كېيىن ئېرلاندىيىدە زىيارەتتە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئېرلاندىيە زىيارىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن، ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىمۇ بىردەك ئېرلاندىيە ھۆكۈمىتىنى شى جىنپىڭغا كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىپ، ئارقا - ئارقىلاپ باياناتلارنى ئېلان قىلىشقا باشلىدى. ئېرلاندىيىدىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئېرلاندىيە باش مىنىستىرى ۋە مۇئاۋىن مىنىستىرلىرىنى خىتاي بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىدا بۇ دۆلەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى ۋە خىتاينىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىدىغان ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ئېغىر بېسىمغا ئۇچرايدىغان دۆلەتلىكىنى ئەسكەرتتى.
ھازىر شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتىدىكى زىيارىتى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، شى جىنپىڭ زىيارىتىنىڭ نەتىجىسى ۋە ئۇنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەلگۈسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە مۇنازىلەر باشلىنىپ كەتتى. گەرچە شى جىنپىڭغا ئوخشاش يېڭى بىر رەھبەر دۆلەت رەئىسلىكىگە كەلگەندە، خىتاينىڭ خەلقئارا مەيداندىكى نىيىتى ئوچۇقراق بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشى مۇمكىن، دەيدىغان كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا چۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما يەنە بەزى مۇلاھىزىچىلەر بۇ خىل كۆز قاراشنى رەت قىلىدۇ. ئۇلار شى جىنپىڭنىڭمۇ ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە جىق ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئىشەنچ تۇرغۇزۇشنىڭ قېيىنغا توختايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ خىل كۆز قاراشنى ياقىلىغۇچىلارنىڭ بىرى ئامېرىكىدىكى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ ئاسىيا تەتقىقاتلىرى دېرىكتورى ئېلزابېت ئېكونومىي خانىم. ئۇ «تاشقى ئىشلار» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، گەرچە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئىككى دۆلەت بىر - بىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن نۇرغۇن قېتىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىپ، سودا ئىقتىساد جەھەتتە چۈشىنىش ھاسىل قىلغان بولىسمۇ، ئەمما خەۋپسىزلىك جەھەتتە يەنىلا ئىشەنچ ھاسىل قىلالمىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ بۇنىڭغا سەۋەب بولغان ئامىللار ئۈستىدە توختالغاندا، خىتاينىڭ ئوچۇق - ئاشكارا بولماسلىقى، ئوچۇق دىپلوماتىك سۆھبەتلەرنى رەت قىلىشى ۋە شۇنداقلا خەلقئارا تىجارەتتىمۇ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىشىغا ئوخشاش ئامىللارنى كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئىشەنچ تۇرغۇزۇشقا توسالغۇ بولۇۋاتقان مۇھىم ئامىلنىڭ بىرىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ قىممەت قارىشىنىڭ ئوخشىماسلىقى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن :
- ئەڭ مۇھىمى، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مەسىلىلەرگە باھا بېرىشتىكى قىممەت قارىشى ۋە بىر مەسىلىنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىگە باھا بېرىشتىكى ئۆلچىمى ئوخشىمايدۇ. خىتاي ھەر ۋاقىت مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ. مەسىلەن، ئىران نېفىتىگە ئىمبارگو قويۇش مەسىلىسىگە خىتاي سوغوق قاراپ كەلمەكتە، ئەمما ئۇ ئامېرىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىسى. ئالدىنقى ھەپتە سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى جازالاشنىمۇ خىتاي رەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان ئامېرىكا بىلەن ئوخشىمايدىغان بىر قۇتۇپلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.
ئېلىزابېت ئېكونومىي خانىم ئىشەنچنى تۇرغۇزۇشتا ئۆز - ئارا ھۆرمەتنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى تىكلەشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ يەنە مۇنداق دېگەن :
- ئىشەنچكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ھۆرمەتكە ئېرىشىش كېرەك. شۇڭا ۋاشىنگىتون ئالدى بىلەن ئىقتىسادى كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئۇنىڭ دۇنيا لىدىرلىقى ئورنى خىرىسقا ئاز ئۇچرايدۇ. ئامېرىكا ئۆزى تەرغىپ قىلىۋاتقان قىممەتلەرگە سادىق بولۇشى، ئۆزى ئۈلگە بولۇپ مېڭىۋاتقان ئىقتىسادى مەسئۇلىيەتلەر، كېلىمات مەسىلىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدىكى ھەرىكەتلىرى چوقۇم تەلەپكە لايىق بولۇشى كېرەك.
خىتايمۇ قاچان سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بارمىغۇچە، ئۆزىنىڭ ئامېرىكا ۋە باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. خەلقئارا جامائەت، بولۇپمۇ سىياسەتتىكى ئوچۇق - ئاشكارىلىق، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ھۆكۈمەت خىزمەتلىرىدە جاۋابكارلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، نەشر ھوقۇقى، يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىت مەسىلىسىدە بىر ئىلگىرىلەش كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ. يەنە بىر مۇھىم نۇقتا بولسا، دۇنيا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز خەلقىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەگەر بىر رېجىم خەلقنىڭ ئەركىن ئىرادىسى بويىچە ھۆرمىتىگە ئېرىشەلمىگەن بولسا، خەلقئارادىن ھۆرمەت كۈتۈش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.
شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىل ئېچىلىدىغان 18 - قۇرۇلتايدا خۇ جىنتاۋنىڭ ئورنىغا چىقىدىغانلىقى مۇقەررەر دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر ھازىر شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ، يېڭى بىر دەۋر ھاكىمىيەت باشلىغاندا ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرالىرىنىڭ پەرقلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىشماقتا. ئېلزابېت خانىممۇ يېڭى رەھبەر ئالماشقان مەزگىلنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى سىياسىي يول ۋە يېڭىچە قىممەتلەر بويىچە ئىش كۆرۈشى ئۈچۈن ياخشى بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئارزۇ قىلغاندەك سەۋىيىگە كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.