ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىللارى كلىنتون خانىم 4 - ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن، جەنۇبىي ئافرىقا، كېنىيە، نېگىرىيە، ئانگولا، لېبېرىىيە، كونگو، كاپى ۋېردا قاتارلىق 7 دۆلەتكە قاراتقان زىيارىتىنى باشلىغان. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىللارى كلىنتون خانىمنىڭ بۇ قېتىملىق ئافرىقا سەپىرى ئامېرىكا بىلەن ئافرىقا ئەللىرىنىڭ سودا، ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى ۋە ساغلام يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە سالامەتلىك قاتارلىق بىر قاتار ئىجتىمائىي مەسىلىلەردە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئىكەن.
ھىللارى كلىنتون ئافرىقا سەپىرى جەريانىدا ئافرىقا - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە توختالدى.
كلىنتون خانىم سۆزىدە،ئافرىقا ئەللىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئامېرىكا بىلەن بولغان ئىقتىساد، سودا، ئېنېرگىيە، تېخنىكا، مائارىپ ھەمكارلىقى ھەم ساغلام يېمەكلىك، پاكىز سۇ مەسىلىسى قاتارلىق ئىجتىمائىي ھەمكارلىقلارنىڭ ئافرىقا ئىقتىسادىنىڭ يۈكسىلىشىدە ناھايىتى مۇھىملىقىنى،ئامېرىكىنىڭ مائارىپ ۋە تېخنىكا جەھەتتە ئافرىقا ئەللىرىگە ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى، ئافرىقا ئەللىرى ئىقتىسادىنىڭ يۈكسىلىشى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئۆرلىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.
كلىنتون خانىم سۆزىدە يەنە، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىدا ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن 11 - ئاۋغۇست خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاسىيادىكى خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر ئافرىقىدىكى ئانگولا، نېگىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ نېفىت شىركەتلىرىنى سېتىۋېلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۆتكەن ئايدا خىتاي نېفىت - خىمىيە باش شىركىتى 13 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ، ئامېرىكىنىڭ مارافون نېفىت شىركىتىنىڭ ئانگولادىكى پاي چېكىنى سېتىۋالغان ئىكەن. ھىللارى كلىنتوننىڭ ئافرىقا زىيارىتىگە نىسبەتەن ئىقتىسادشۇناسلار باھا بېرىپ، بۇ خىتاينىڭ ئافرىقىدىكى ئىقتىسادى مەنپەئەتىنىڭ ئېشىپ بېرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىماقتا.
ب ب س ئاگېنتلىقى ۋە ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىكى دۇنيا بانكىسىنىڭ باياناتىنى نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئافرىقىدىكى 35 دۆلەت بىلەن سودا ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزگەن بولۇپ، ئاساسلىقى ئافرىقا ئەللىرىنىڭ سۇ ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسى ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى ھەم تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى، ئىنتېرنېت ئالاقىسى قاتارلىق ئاساسى ئەسلىھە تۈرلىرىگە مەبلەغ سالغان.
خىتاينىڭ تۆمۈر يول ۋە ئىنتېرنېت ئالاقە قۇرۇلۇشىغا سالغان مەبلىغى 40 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىگە يەتكەن. بۇ مەبلەغنىڭ 70% تى نېگىرىيە، ئانگولا، سۇدان، ئىتوپىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى قۇرۇلۇشلار ئۇچۇن سەرپ قىلىنىدىكەن. تەنقىدچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ دۆلەتلەرگە مەبلەغ سېلىشتا پەقەت ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتە ئېرىشىدىغان پايدىسىنىلا چىقىش قىلغان بولۇپ، بۇ دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى قاتارلىقلارنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرمىگەن. مەسىلەن، كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ناچار بولغان سۇداننىڭ نېفىت مەھسۇلاتىنىڭ 3تەن 2 قىسمىنى خىتاي سېتىۋالىدىكەن.
ئەمما "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇش سىياسىتى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە نىسبەتەن يامان تەسىر پەيدا قىلغان بولۇپ، خىتاي خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان ئىدى.
ئافرىقىدىكى بەزى رادىكال ئىسلام تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىدىن ھېساب ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ھەم ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ ئالجىرىيىدىكى خىتاي ئىشچىلىرى بىلەن ئالجىرىيىدىكى يەرلىك پۇقرالار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن، خىتاينىڭ ئالجىرىيىدىكى بەزى سودا شىركەتلىرى تەھدىتكە ئۇچرىغان ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئافرىقىدىكى خىتاي ئىشلەمچىلىرىگە يەرلىك خەلقلەر بىلەن سۈركىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇچۇن، مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا ھەم ئۆز بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.
9 - ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكا برېزېنتى باراك ئوباما مېكسىكىغا بولغان 2 - قېتىملىق زىيارىتىنى باشلىغان، ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوباما بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە ئامېرىكا، كانادا، مېكسىكا 3 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۇچۇن بارغان بولۇپ، يىغىندا مېكسىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ئىقتىسادى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش،مېكسىكا ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە زەھەرلىك چېكىملىك سودىسىغا قارشى تۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن.
ئوباما مېكسىكا سەپىرىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، مېكسىكا بىلەن ئامېرىكىنىڭ سودا - ئىقتىسادى ھەم لاتىن ئامېرىكىسىدا ئەۋج ئېلىۋاتقان زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە قارىتا ھەمكارلىشىپ زەربە بېرىشىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالغان.
ئوباما سۆزىدە ئامېرىكا ھەم مېكسىكىنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ شىمالىي ئامېرىكا ئۈچۈنلا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئامېرىكىنىڭ لاتىن تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ھەمكارلىقىدىمۇ ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ بۇ ھەمكارلىقنىڭ ئۇزۇنغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ئاۋازى ھەم ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىقتىسادشۇناسلار ھىللارى كلىنتوننىڭ ئافرىقا سەپىرى ھەم ئوبامانىڭ مېكسىكا سەپىرىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالغان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئوبامانىڭ بۇ قېتىملىق مېكسىكا سەپىرى ھەم ھىللارى كلىنتوننىڭ ئافرىقا سەپىرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى يەنىلا ئافرىقا ئەللىرى ھەم لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرى بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دۆلەتلەردىكى ئىقتىسادىي تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىكەن.