ھىلارىي كلىنتون: دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەر قانداق ساغلام جەمئىيەتنىڭ ئۇل تېشى

26 - ئۆكتەبىر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2009 - يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

0:00 / 0:00

ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا مەسئۇل مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايكىل پوسنېر ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

26 - ئۆكتەبىر، مەزكۇر دوكلاتنى ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىم، دىنىي ئېيتقاد ئەركىنلىكىنىڭ ھەر قانداق بىر ساغلام جەمئىيەتنىڭ ئۇل تېشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە مۇنداق دېدى: "دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھۆكۈمەت مۇلازىمەتلىرىنى جانلاندۇرىدۇ، ئوخشاش بولمىغان گۇرۇپپىلار ئارىسىدىكى ئۆز ‏ - ئارا ھۆرمەت ۋە سەۋرچانلىقىنى بېيىتىدۇ."

ھىلارىي كلىنتون خانىم مەزكۇر دوكلاتنىڭ تەييارلىنىشىدىكى ئامىللار ھەققىدە توختىلىپ: "دىنىي ئەركىنلىك ئامېرىكا دىپلوماتىيىسىدە ئاڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا يىللىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى بىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلىرىمىزنىڭ مۇھىم تەرەپلىرىدىن بىرى،" ‏دېدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان، "2009 - يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك" دوكلاتى، دۇنيادىكى 198 دۆلەت ۋە رايوننىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش ئەھۋالىنى ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش ئۇچۇن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى باھالاپ چىقىدۇ. بۇ يىللىق دوكلاتتىمۇ، خىتاي يەنىلا ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشاش ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەت تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان. دوكلاتنىڭ كىرىش قىسىمدا خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلگەن ۋە "تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىرىدا ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي ئەركىنلىككە قاراتقان باستۇرۇشى يەنىلا كەسكىن ھالەتنى ساقلاپ قالدى. ئۇيغۇر ۋە تىبەت ئاپتونوم رايونىدىكى دىنغا ئىشەنگۈچى ئامما دىنىي پائالىيەتلەردە قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچرىدى،" دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ ھەقتە توختالغان ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا مەسئۇل مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايكىل پوسنېر، خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا - خىتاي دىئالوگىنىڭ بىر قىسمى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى ۋە خىتاينىڭ دائىم دىن ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى مەسىلىسىنى، ئاپتونومىيە ۋە سىياسىي مۇستەقىللىق بىلەن باغلاپ مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى ۋە مۇنداق دېدى: "كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بۇددا راھىبلىرى دائىم ئۆچ ئېلىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغىمۇ ئوخشاش. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇچ ئاي ئىلگىرى يۈز بەرگەن زوراۋانلىقلاردىن كېيىن، بۇ رايوندا مۇسۇلمان دىنىي شەخسلەرنى قاتتىق باستۇردى. شۇڭا بۇلار خىتاي مۇناسىۋەتلىرىمىزدىكى ئەڭ جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى، بۇلار بەك قىيىن مەسىلىلەر."

دوكلاتتا ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلى جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج قىلىشى ۋە پاسپورت ئېلىشى جەھەتلەردە چەكلىمىلەرگە ئۇچراپ كەلگەنلىكى ۋە كەمسىتىلىشكە ئۇچرىغانلىقى كۆرسىتىلىپ:" 2008 - يىلى ئولىمپىك يىغىنىغا ئوخشاش سەزگۈر پەيتلەردە، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ۋە تىبەت بۇددىست راھىبلىرى ھەددىدىن تاشقىرى دەرىجىدە كەمسىتىشكە ئۇچرىدى. بېيجىڭدىكى مېھمانخانا خادىملىرى ئۇلارغا ياتاق بېرىشنى رەت قىلدى دەپ تەكىتلەندى."

دوكلاتتا، خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلىگەنلىكى، بۇلارنىڭ غۇلجا ۋە چىڭگىل قاتارلىق ناھىيە، شەھەرلەردە چەكلەنگەن 23 خىل دىنىي پائالىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغانلىقى، خىتاينىڭ 2009 - يىلى مارتتا خوتەندە 7 دىنىي مەكتەپنى تاقاپ، ئەڭ ئاز دېگەندە 39 ئادەمنى قولغا ئالغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلاتتا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدا خرىستئان مۇرىتلىرىنىڭ ئوخشاش قىسمەتلەرگە ئۇچرىغانلىقى، بۇنىڭدىن ئالىمجان ھىمىت ۋە ئوسمانجان ئىمىنلارنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: "بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇق ئەندىشىلىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باستۇرۇش خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك ۋاسىتىلىرىنى سەۋەب بىلەن تەمىنلىدى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ تىنچ يوسۇندا ئېلىپ بارىدىغان دىنىي پائالىيەتلىرىنى چەكلەشتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى".

دوكلاتتا يەنە، ئۇيغۇر ئېلى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا، ئۆز ئالدىغا ھەج قىلىش، دىنىي تەلىم ئېلىش ۋە دىنىي ئوقۇشلۇقلارنى تارقىتىش قاتارلىقلارنى قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت دەپ قاراپ باستۇرىدىغانلىقى، ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك دوكلات مەۋسۇمى جەريانىدا، ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭ، چىڭدۇ ۋە شاڭخەي شەھەرلىرىدىكى ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلىرى خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ خىتايدا دىنىي ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.

دوكلاتتا، 5 - ئىيۇل ۋەقەسى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن بولۇپ، دوكلاتنىڭ تەييارلىنىش جەريانى بىلەن تونۇش بىر ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ نۆۋەتلىك دوكلات مەۋسۇمى 2009 - يىلى 6 - ئايغىچە بولغاچقا 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى كىرگۈزۈشكە ئامال بولمىغان بولۇپ، بۇ يىل باھاردا ئېلان قىلىنىدىغان شۇ خىلدىكى دوكلاتتا ئورۇن بېرىلىدىكەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنىڭ تاشقى سىياسەت ۋە دۆلەت سىياسىتىنى بەلگىلىشىگە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىكەن.