خىتاينىڭ شىنجاڭ سىنىپىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار نېمىلەرنى ھېس قىلىدۇ؟

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يولغا قويۇۋاتقان قوش تىل مائارىپ سىياسىتى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تەنقىدكە ئۇچراپ كەلمەكتە، ئەمما خىتاي تىلى بىلمىگەنلەرنىڭ خىزمەتسىز قالىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتقان ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى خىتايچە مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشقا مەجبۇرلانغان بولۇپ، ھەتتا بەزى ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە تەسىس قىلىنغان " شىنجاڭ سىنىپى"دا ئوقۇتۇش يولىنى تاللىدى.

سياسىي كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، بالىلارنى ئاتا - ئانىلىرىدىن، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا يۇرتىدىن ئايرىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدە تەسىس قىلىنغان شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇتۇشىنىڭ مەقسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىنى مىللىتى ئۇيغۇر، ئېڭى خىتاي قىلىپ يېتىشتۇرۈشتىن ئىبارەت دېگەن يەكۈننى چىقاردى.

" شىنجاڭ سىنىپى" نى تاماملىغان ئوقۇغۇچىلار ھەقىقەتەن قىياس قىلىنغىنىدەك ئاقىۋەتلەرگە دۇچ كەلدىمۇ ؟ خىتاي ئۆلكىسىدىكى " شىنجاڭ سىنىپى" نى تاماملىغان، مەلۇم بىر ئوقۇغۇچى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلدى.