مەزكۇر سىياسىيلاشقان تارىخ تەربىيىسىنى ئېلىپ بېرىش نىشانى ئاساسلىقى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەت ئاھالىلىرىدىن سىرت، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى دەرىجىلىك پەن - مائارىپ، ئاخبارات - مەتبۇئات ساھەسىدىكى خىزمەتچىلەرگىمۇ قارىتىلغان. كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ مەزكۇر ئىدېئولوگىيىلىك تەشۋىقات ھەرىكىتىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي روھىنى سۇسلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر ھەرىكەت، دەپ قارىماقتا.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پەن - مائارىپ، ئاخبارات ساھەسىدە ئىشلەۋاتقان ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە «شىنجاڭنىڭ ئۈچ تارىخى» ھەققىدە دوكلات بېرىش پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتكەن. شىنجاڭنىڭ ئۈچ تارىخى «شىنجاڭ تارىخى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى ۋە شىنجاڭدىكى دىنلارنىڭ ئۆزگىرىش تارىخى» قاتارلىق ئۈچ مەزمۇننى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكومنىڭ بىۋاستە يېتەكچىلىك قىلىشى ئاستىدا شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى تيەن ۋېيجياڭ ۋە ما پىڭشۈ تەرىپىدىن تەييارلانغان ئىكەن.
جۇڭگو خەۋەرلەر تورىدا بېرىلگەن خەۋەردىن قارىغاندا، «شىنجاڭ تارىخى» قىسمى ھەققىدە تيەن ۋېجاڭ «خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ ئىدارە قىلىنغانلىقىنى، لياۋ، سۇڭ، يۈەن، مىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىمۇ غەربىي رايونلارنىڭ ئىدارە قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرىدىكى پاكىتلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەزەلدىن تارتىپلا جۇڭخۇانىڭ بىر قىسمى» دېگەننى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ، دېگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل كۆز قاراشنى تەشۋىق قىلىشنى ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى باشلىغان بولۇپ، بۇنى ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىنىڭ تارىخ دەرسلىكى ئوقۇشلىقىدىمۇ ئۇچرىتىش مۇمكىن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بۇ ئىدېئولوگىيىنىڭ ئىلمىي قىممىتى بولسا ئۇيغۇر تارىخچىلىرى ۋە بۇ ساھەدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان چەتئەللىك تارىخچىلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن. ئۇلار زامانى ئېنىق بولمىغان بۇ «ئەزەلدىن» سۆزىنىڭ ئىلمىيلىكتىن ئۇزاقلىقىنى بىلدۈرىدۇ. تۈركىيە ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى دەل مۇشۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يۇقىرىدىكى خىتاي مۇتەخەسسىسىلەر ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بۇ كۆز قاراشنىڭ ئىلمىي قىممىتىنىڭ يوقلۇقىنى، بۇنىڭ پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ئىرادىسىگە بىنائەن زاكاس بىلەن تەييارلىنىپ چىققان بىر تەشۋىقات ماتېرىيالى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
شىنجاڭنىڭ ئۈچ تارىخى ناملىق دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان قالغان ئىككى نوقتا بولسا، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى بولۇپ، تيەن ۋېيجاڭ سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەزەلدىن كۆپ خىل مىللەتلەر بىرلىكتە ياشاپ كەلگەن رايونلىقىنى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ئورتاق ھالدا ھەسسە قوشۇپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىر - بىرىدىن ئايرىلالماسلىقى تارىخى ئاساسقا ئىگە» دېگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 1949 - يىلىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇس قاتلىمىنى غەرەزلىك ھالدا مۇرەككەپلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتىنى ھەر يىلى ئاشۇرۇپ ئورۇندىماقتا. 2011 - يىلى ئېلان قىلىنغان 6 - قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىگە مۇقىم ئولتۇراقلاشقان خىتايلارنىڭ ئومۇمىي سانى ھازىر 8 مىليون 746 مىڭدىن ئېشىپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 40 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلغان. ئۇيغۇر قاتارلىق بارلىق باشقا مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى `13 مىليون 67 مىڭ رەقەم بىلەن ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 59 پىرسەنتتىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلغان. ئەمما بۇ نوپۇس تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئۇيغۇر قاتارلىق باشقا مىللەتلەرنىڭ نوپۇس سانى ئايرىم - ئايرىم بېرىلمىگەن. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەسلى ئىگىلىرىنىڭ زادى كىم ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن 1949 - يىلىدىن ئىلگىرىكى نوپۇس ستاتېستىكىسىغا قاراشنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىنى شەرھىيلەپ، ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى كۆپ مىللەتلىك رايون دەپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يالغۇز قويۇش سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى، دەپ كۆرسەتتى.
«شىنجاڭنىڭ ئۈچ تارىخى» دا تەشۋىق قىلىنغان ئۈچىنچى بىر مەسىلە بولسا، دىنلارنىڭ ئۆزگىرىش تارىخى بولۇپ، خىتاي مۇتەخەسسىسلەر ئۇنىڭدا ئاساسلىق ئۇيغۇر ئېلىدە كۆپ خىل دىنلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن رايونلىقىنى، ھەرقانداق بىر دىننىڭ زامان ۋە ماكانغا قاراپ تۇرۇپ ئۆزگىرىش ياسىغانلىقىنى، شۇڭا ھەرخىل دىنلارنىڭ ئۆز - ئارا ماسلاشقان ھالدا ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدەك بىر ئەھۋالنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ دىنىي تارىخىدىكى ئاساسىي ئېقىم دەپ كۆرسەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۇقىرىدىكى كۆپ خىل دىنلارنى تەشۋىق قىلغاننىڭ ئەكسىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي ئەركىنلىكنى قاتتىق چەكلەپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق يوسۇندىكى دىنىي پائالىيەتلىرىنى «قانۇنىسز دىنىي پائالىيەت، دىنىي رادىكاللىق» نامى ئاستىدا باستۇرۇپ كەلمەكتە. ئامېرىكىدىكى دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئۆز دوكلاتلىرىدا ئېلان قىلغىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە دىنىي رادىكاللىق» قا قارشى تۇرۇش دولقۇنىدىن ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان خەلق بولغانلىقىدەك بىر ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆز دىنىغا ئىشىنىش، ئۇنىڭ شەرتلىرىنى ئادا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ كەلدى. ھەتتا خىتاي دائىرىلىرى ئىسلام دىنىنىلا ئەمەس، بەلكى ھەرقانداق بىر دىنغا ئىشەنگۈچىلەرنى ئوخشاشلا باستۇرۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم. بۇنىڭ ئەڭ جانلىق بىر ئۆرنىكى ئۇيغۇر خرىستىئان مۇرىتى ئالىمجان ھىمىت بولسا كېرەك. كۆزەتكۈچىلەر دىنسىزلىقنى زولاپ تېڭىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىردىنلا ئۇيغۇر ئېلىدە كۆپ خىل دىنلارنىڭ ئورتاق مەۋجۇت بولغانلىقىنى تەكىتلەپ كېتىشىنى ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن زىت ۋە يامان نىيەت يوشۇرۇنغان، دەپ باھا بەرمەكتە.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ «ئۈچ تارىخ» تەشۋىقات مەخسۇس پائاليىتىنى 2011 - يىلى سىنتەبىردىن باشلىغان. ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىك قىلىشى ۋە شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن مەخسۇس تەشكىللەنگەن «ئۈچ تارىخنى تەشۋىق قىلىش ۋە تەربىيىلەش ئۆمىكى» قۇرۇلۇپ، ئالدى بىلەن ئۈرۈمچىدە پائالىيەتلىرىنى باشلىغان. كېيىن بۇ ئۆمەك يەنە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى، چۆچەك، ئالتاي، قۇمۇل، ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق ۋىلايەتلىرىگە ئەۋەتىلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر تەشۋىقاتتا ئاساسلىق ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغانلىقى، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن كۈچەيتىپ يۈرگۈزۈشكە باشلىغان ئۇيغۇر خەلقىگە «جۇڭخۇا مىللىتى» ئېڭىنى قوبۇل قىلدۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.