خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى يازغان تارىخنى ئۇيغۇرلارغا سىياسىي ئۆگىنىش سۈپىتىدە تاڭماقتا

نۇتۇق سۆزلەش ئۆمەكلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى ناھىيىلىرىگىچە چۈشۈپ، بارلىق ساھەلەر بويىچە «شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» نەزەرىيىسىنى تەشۋىق قىلماقتا.

0:00 / 0:00

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا نۆۋەتتە پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا «شىنجاڭنىڭ ئۈچ تارىخى تەربىيىسى» بويىچە دوكلات بېرىش يىغىنلىرى ئەۋجىگە چىققان بولۇپ، خىتاي پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ خادىملىرى ۋە بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن نۇتۇق سۆزلەش ئۆمەكلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، شەھەر ۋە ناھىيىلىرىگە چۈشۈپ، بارلىق ساھەلەر بويىچە «شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» نەزەرىيىسىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس نەشر قىلدۇرغان شىنجاڭنىڭ تارىخى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى، شىنجاڭدىكى دىنلارنىڭ ئۆزگىرىش تارىخىدىن ئىبارەت ئۈچ كىتاب ئارقىلىق تەشۋىق قىلماقتا ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە نۆۋەتتە داۋام قىلىۋاتقان سىياسىي ئۆگىنىش دولقۇنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك «شىنجاڭنىڭ ئۈچ تارىخى» لېكسىيىنى ئۆگىنىش پائالىيىتى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ۋە بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن تەشكىللەنگەن لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ «ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۆيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان قۇرايلى» شوئارىغا ماس ھالدا، جاي-جايلاردا ھەر ساھە، ھەر قاتلام بويىچە شىنجاڭنىڭ ئۈچ تارىخىدىكى مەزمۇنلار بويىچە يەنى «شىنجاڭ قەدىمدىن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى»،«شىنجاڭ قەدىمدىن كۆپ مىللەت بىرلىكتە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان رايون»، «شىنجاڭ قەدىمدىن تارتىپ كۆپ خىل دىن بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن رايون»، «مىللەت ۋە مىللىي مەسىلە»،«تەرەققىيات مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسىي يولى»... قاتارلىق تېمىلاردا لېكسىيە سۆزلەپ، سىياسىي ئۆگىنىش ۋە ئۆگىنىشتىن كېيىنكى تەسىرات سۆزلەشكە ئورۇنلاشتۇرغان.

تەڭرىتاغ تۈرىنىڭ 27-سېنتەبىر بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋىرىدە، لېكسىيە سۆزلىگۈچى كادىرلار، قىزىلسۇ ۋە ئاقسۇدا لېكسىيە سۆزلىگەندە يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى باسقۇچتا يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭنىڭ «ئۈچ تارىخى» دىن لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ ناھايىتى قىزىقارلىق شەرھىيلىدى دەپ تەرىپلىگەن.

شىنجاڭنىڭ «ئۈچ تارىخى» دىن ئىبارەت بۇ كىتاب، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ 16-نومۇرلۇق ھۆججىتىگە ئاساسەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ نازارىتىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ تارقىتىلغان بولۇپ، مەزكۇر ماتېرىيال 2006-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق ئالىي مەكتەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مائارىپ سىستېمىسى ۋە باشقا بارلىق كەسىپ ھەم ساھەلەرنىڭ ئاساسىي سىياسىي يېتەكچى دەرسلىكى قىلىپ بەلگىلەنگەن.

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، شىنجاڭنىڭ ئۈچ تارىخى ناملىق مەزكۇر كىتاب، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ «دۆلەت مەنپەئىتى ھەممىدىن ئەلا» دېگەن سىياسىي نىشانىغا ماس ھالدا تۈزۈلگەن بولۇپ، بارلىق ساھەلەردە ئاساسىي سىياسىي ئىدىيە، نەزەرىيە ماتېرىيالى قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

مەزكۇر تور بەت خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى خادىملارنى ئاساس قىلىپ تەشكىللەنگەن «شىنجاڭنىڭ ئۈچ تارىخى» لېكسىيىسىنى سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ پائالىيەتلىرى باشلىنىشتىن ئىلگىرى يەنى 16-سېنتەبىر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونغا بېكىتكەن رەئىسى نۇر بەكرى، ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئاكادېمىيە باشقۇرۇش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ «ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىنى مۇھىم ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يەنىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن، ۋە ئاكادېمىيىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىدىيە ئامبىرى، ئاقىللار ئۆمىكى» دەپ تەرىپلەپ، ئۇلاردىن كەسپىي قابىلىيىتىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇقىملىقنى قوغداشقا مەركەزلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي كوممۇنىستىك ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىللىگەن بۇ «ئاقىللار ئۆمىكى» نىڭ ئاتالمىش شىنجاڭنىڭ ئۈچ تارىخى ھەققىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر جايلىرى، ھەر ساھەلىرىدە سىياسىي لېكسىيە سۆزلەشكە باشلىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇتەخەسسىس ۋە ئاكادېمىكلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە بۇرمىلاپ ئېلان قىلغان كىتاب ۋە تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان يامان تەسىرلىرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلماقتا. ئامېرىكىدىكى دوكتور قاھار بارات ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتلىرى ئىلمىي ئاساسقا ئىگە بولسىمۇ، ئۇنىڭ يەكۈنىنىڭ،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئارزۇسى بويىچە پۈتۈنلەي ئىلمىي پاكىتلارغا قارشى چىقىرىلىدىغانلىقىنى بايان ئىلدى.

گوللاندىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوللاش تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى غەيرەت ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ تۈزۈپ تارقاتقان ئىلمىي ئاساسسىز سىياسىي ماتېرىياللىرىنىڭ تارىخىي، ئىلمىي ماتېرىيال سۈپىتىدە ھەر قايسى ئەللەردىكى خىتاي كونسۇللىرى ئارقىلىق، شۇ دۆلەتلەردىكى كۇتۇپخانا ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلارغا تارقىتىلىۋاتقانلىقىنى بايقىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان زىيانلىق تەرەپلىرى ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى بىلدۈردى.