خىتاينىڭ " شىنجاڭ خىزمىتى" توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ ھەقىقىي نىشانى نېمە؟

خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتنىڭ بۇ يىلقى "شىنجاڭ خىزمىتى" سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ چېگرىنى مۇستەھكەملەش" ئىسىتراتېگىيىسى بويىچە ئۇيغۇر ئېلىدە بىر قاتار تەدبىر ھەم ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بارماقتا، بۇ تەدبىر ھەم سىياسەتلەرنىڭ تۈپكى نىشانى نېمە؟ بۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقى بىلەن قانداق مەنپەئەت توقۇنۇشى بار؟ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ھەم پائالىيەتچىلىرى مەزكۇر مەسىلىلەر ھەققىدە مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزمەكتە.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل - 5 ئايدا ئېچىلغان خىتاي كومپارتىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق - 7 نۆۋەتلىك كومىتېتى - 9 ئومۇمىي يىغىنىدا 2020 - يىلىغا بارغاندا ئۇيغۇر ئېلىدە مۇتلەق نامراتلىق ئەھۋالىنى ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ئىدى.

بۇنىڭغا ماس ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتى " شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، ۋە گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ چېگرانى مۇستەھكەملەش " ئىستىراتېگىيىسى بويىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساھەلەر بويىچە تەدبىرلەرنى قوللانماقتا شۇنداقلا بۇ جەھەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى " خەلق تۇرمۇشىغا ئەھمىيەت بەرگەندىلا ئەل رايىنى مۇجەسسەملەشتۈرگىلى بولىدۇ" دەپ ئىزاھلىماقتا ۋە بۇنىڭ نىشانى ئۇيغۇر ئېلىدىكى "ھەر مىللەت خەلقىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىسلاھات ھەم تەرەققىياتنىڭ نەتىجىلىرىدىن ھەقىقىي بەھرىمان قىلىش" دەپ كۆرسەتمەكتە.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ بەزىلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە خەلق تۇرمۇشىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە ساھەلەر بويىچە تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى، "ئۇيغۇر ئېلىدىكى چوڭقۇر قاتلاملاردا ھەل بولمىغان مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىدا ئۈمىد پەيدا بولدى" دەپ كۆپتۈرسە، بەزىلىرى يەنە " ھەل بولۇشقا تېگىشلىك مۇھىم تەخىرسىز مەسىلىلەر ھەل بولۇپلا قالماستىن، خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى، خەلقنىڭ قەلبىنى مۇجەسسەملەشتۈردى" دېمەكتە.

ھالبۇكى كۆزەتچىلەر، بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلار شۇنداقلا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بولسا، - 5 ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئارقا - ئارقىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان بۇ خىل ھالقىما تەرەققىيات تەدبىرلىرىنىڭ ئەسلى مەقسىتىنىڭ كۆرۈنۈشتىكىدەك ئانچە گۈزەل ئەمەسلىكىنى، بۇ سىياسەتلەر ئارقىلىق خىتاينىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈر توقۇنۇش بارلىقىنى مۇلاھىزە قىلماقتا.

بۇ ھەقتە ئالدى بىلەن ۋاشىنگتوندا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئېلشات ئەپەندىنىڭ كۆز قارشلىرىنى ئاڭلىدۇق.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئالىم دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى بولسا، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىگە قىلىۋاتقان تۇيۇقسىز غەمخورلۇقلىرىنىڭ تېگىدىكى شۇملۇقلارنى ئاشكارىلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بولسا، خىتاينىڭ - 5 ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان بارلىق سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيەتتە "ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش جىنايەتلىرىنىڭ خەلقئاراغا يەنىمۇ پاش بولۇشىغا قارشى قوللانغان كۆز بويامچىلىق ۋە ئۇيغۇرلاردىن ھۈركۈپ كەتكەن خىتايلارنى ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىشكە رىغبەتلەندۈرۈش "نى مەقسەت قىلغان دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ،" شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى،ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمنلىكى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك تەدبىر "دەپ تەرىپلەۋاتقان خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى پىلانلىرىنىڭ ھەقىقىي نىشانى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ھەققىدە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئاڭلىدىڭلار.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.