خىتاي دائىرىلىرى «ئىختىساسلىق خادىملار» دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا زور ياردەملەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەرقايسى يېزا-ناھىيىلەردە ئالدىنقى سەپتە جاپالىق ئىشلەپ، ئىچكىرىنىڭ ئىلغار تېخنىكىلىرىنى ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى ھەدەپ تەشۋىق قىلماقتا. ئەمەلىيەت ھەقىقەتەن شۇنداقمۇ؟ بىزنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى بىر دېھقان بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىز يۇقىرىدىكى بۇ تەشۋىقاتنىڭ ئەمەلىيەتكە بەك ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا بىر يىلدىن بۇيان يولغا قويۇلۇۋاتقان ھالقىما تەرەققىيات پىلانىغا ئاساسەن ئىچكىرىدىكى 19 ئۆلكە شەھەرنىڭ «شىنجاڭغا ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىش، پەن-تېخنىكىدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا. خىتاي دائىرىلىرى ئاشكارىلىغان رەقەملەردىن قارىغاندا، ھازىر ئۇيغۇر رايونىغا 6 تۈركۈمدە جەمئىي 3700 كادىر يۆتكەلگەن. تەڭرىتاغ تورىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مېخانىزمى بويىچە شىنجاڭدىن مەڭگۈ كەتمەي خىزمەت قىلىدىغان ئەترەتلەر ياردەم بېرىلىدىغان رايونلارنىڭ قۇدرەت تېپىشىغا تۆھپە قوشماقتا» دەپ ئېيتىلغان.
ئۇيغۇر رايونىدا چىقىۋاتقان «ئاسىيا كىندىكى»، «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئۇيغۇر رايونىغا كەلگەن بۇ كادىرلارنىڭ ئىچكىرىدىكى ياخشى شارائىتلىرىنى تاشلاپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى جاپالىق شارائىتلاردا تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەۋاتقانلىقى تەشۋىق قىلىنىدىغان ماتېرىياللار كۆپلەپ ئېلان قىلىنماقتا. بىز ئىچكىرىدىن كەلگەن بۇ كادىرلارنىڭ ئۆز رولىنى قانچىلىك جارى قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا زادى قانچىلىك ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى مەلۇم يېزىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزغا جاۋاب بەرگەن ئۇ كىشىنىڭ بىزگە ئېيتىپ بەرگەنلىرى ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقات قىلىۋاتقىنىنىڭ ئەكسىچە بولۇپ چىقتى.
دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا پىلانلىق ھالدا كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كەلمەكتە. ئۇلار ئۆز دوكلاتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتىنى كەڭ تەشۋىقات قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر رايونىغا پىلانلىق ھالدا ئادەم يۆتكىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتايلارنىڭ سانىنىڭ قىسقىغىنە 20-30 يىل ئىچىدە زور مىقداردا ئېشىپ، يەرلىك مىللەتلەر بىلەن تەڭلىشىپ بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى نەچچە ئون يىلدىن بېرى ئۇيغۇر رايونىغا دەسلەپتە خەلق ئىشچىلىرى نامىدا ئادەم يۆتكىگەن بولسا، شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىدىن كېيىن «ئىختىساسلىق خادىم، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار» نامىدا يۆتكەشكە باشلىغان بولۇپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھالقىما تەرەققىيات پىلانىنى ئۇيغۇر رايونىغا كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتىنىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى دەپ قارىماقتا. بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ ئۇيغۇر دېھقانمۇ ئۆز بايانلىرى ئارقىلىق بۇ كۆز قاراشنى كۈچلەندۈردى.