خىتاي بۇنىڭدىن بۇرۇن 'شىنجاڭنى تەرەققى قىلدۇرۇش' دېگەننى يولغا قويمىغانمىدى؟

خىتاينىڭ بېيجىڭدا ئاچقان 'مەركىزى كومىتېت شىنجاڭ يىغىنى' دېگەن يىغىن تۈگىدى. خۇ جىنتاۋ بۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە 'شىنجاڭنى تەرەققى قىلدۇرۇش' دېگەننى قايتىدىن كۆتۈرۈپ چىقتى. ئەمما ئۇيغۇر' دېگەن سۆزنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمىدى. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئوبزورچىسى چېن پوكۇڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە ئوبزور ئېلان قىلدى.

0:00 / 0:00

-- خىتاينىڭ 'مەركىزى كومىتېت شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى' دېگەن يىغىن ئېچىلىپ بولدى. بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1‏ - ئايدا 'تىبەت خىزمەت يىغىنى' ئاچقاندىن بۇيان ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىغا قارىتا يەنە بىر چوڭ ھەرىكەت قوللانغانلىقى، ‏‏ - دەپ ئوبزورىنى باشلايدۇ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئوبزورچىسى چېن پوكۇڭ 'جۇڭنەنخەينىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن قەغەز پۇل تەدبىرى قوللىنىشتىن ئۆزگە ئامالى قالمىدى' دېگەن ئوبزورىدا.

خۇ جىنتاۋ كونا سىياسەتنى يېڭى دەپ كۆتۈرۈپ چىقتى

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەگەر تىبەتتە 2008‏ -يىل 14‏ - مارت ۋەقەسى يۈز بەرمىگەن بولسا، خىتاي 'تىبەت خىزمەت يىغىنى'نى ئاچمىغان بولاتتى. ئەگەر ئۈرۈمچىدە 2009‏ - يىل 5 ‏ - ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرمىگەن بولسا، خىتاي بۇ قېتىمقى 'شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى'دېگەننى ئاچمىغان بولاتتى. خۇ جىنتاۋ بۇ يىغىندا 'شىنجاڭنى تەرەققى قىلدۇرۇش' دېگەن كونا سىياسەتنى يېڭى سىياسەت دەپ كۆتۈرۈپ چىقتى.

خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، چېن پوكۇڭ ئەپەندى خۇنەن ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، ئامېرىكىدىكى كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ماگىستېرلىق ئۇنۋانى ئالغان. ئۇ 'خىتاينىڭ ئىقتىسادى - تۇمان قاپلىغان ئاۋاتلىق'، 'شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ 30 يىلى'، 'خىتاينىڭ بازار ئىگىلىكى دېگىنى چوڭ قىمارخانا'، 'جۇڭنەنخەيچە قارا ئىلىم' قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن تونۇلغان ئەرباب.

خىتاي شىنجاڭدا ۋە تىبەتتە زوراۋانلىق تەدبىرلىرىنىڭ ھەممىنى قوللىنىپ بولدى، ھېچقايسى ئاقمىدى

-- بۇلتۇر ئۈرۈمچى ۋەقەسى' يۈز بەرگەن ھامان،‏ - دەپ ئوبزورىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاپتور، - بۇ رايوندا مەيلى ئۇيغۇر بولسۇن ياكى خىتاي بولسۇن ياكى باشقا مىللەت بولسۇن، ھەممىسى كوممۇنىست خىتاي مەنپەئەتدارلار گۇرۇھىنىلا يۆلەش ئۈچۈن شىنجاڭغا سېكرېتار قىلىپ بەلگىلىگەن ۋاڭ لېچۈەننى ئەيىبلىدى، ئۇنىڭ تەختتىن چۈشۈرۈلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئەمما ۋاڭ لېچۇئەن ھازىرمۇ مەركەزدىكى مەنپەئەتدارلار گۇرۇھى بىلەن 'بىر كېمىدىكى ئوغرىلار' بولغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ مەنپەئەتلىرىگە تەسىر يەتكۈزمىگەنلىكى ئۈچۈن، خىتاي مەركىزى كومىتېتى بۇ يىل 4 ‏ - ئايغا كەلگەندە ئاندىن بىر 'دراما ئويناپ'، ئۇنى خەلقنىڭ تەلىپى بويىچە 'ۋەزىپىدىن قالدۇرمىغان'، بەلكى مەركەزنىڭ ئۆزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى' بويىچە 'يۆتكىگەن' بولدى.

خىتاي شىنجاڭدا ۋە تىبەتتە زوراۋانلىق ( قاتتىق تەدبىر) لەرنىڭ ھەممىنى قوللىنىپ بولدى. ھېچقايسى ئاقمىدى. ئەمدى باشقىچە يۇمشاق تەدبىر (ئىقتىسادىي تەدبىر) قوللىنىشتىن ئۆزگە ئامالى قالمىدى. خىتاي يىللاردىن بۇيان 'چوڭ ئېچىش'، 'چوڭ تەرەققى قىلدۇرۇش' دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئوچۇق -ئاشكارا مىللىي كەمسىتىش سىياسىتىنى يولغا قويدى. يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممىلا جايدا بىرىنچى باشلىقنى خىتايدىن تەيىنلەپ، ئۇيغۇر، تىبەتلەرنى ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى قول باشلىق قىلدى. ئالدى بىلەن خىتايلارنى باي قىلىپ'، ئۇيغۇر، تىبەتلەرنى نامرات قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دىنىنى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۈزۈل -كېسىل يوقىتىشقا كىرىشتى.

يۇقىرىدىكى ۋە تۆۋەندىكى خىيانەتچىلەرنىڭ بىردەك 'ھۇجۇم' غا ئۆتۈشىگە شارائىت ھازىرلىدى

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، يىللاردىن بۇيان بۇنداق سىياسەتلەر ئارقىلىق خىيانەتچىلەرگە (مەنپەئەتدار گۇرۇھلارغا) پۇرسەت يارىتىپ بېرىپ كېلىۋاتقان خىتاي مەركىزى كومىتېتى، بۇ قېتىم يەنە 'چوڭ تەرەققى قىلدۇرۇش'، 'نىشانلىق ياردەم بېرىش' دېگەن كونا سىياسەتنى يېڭى سىياسەت دەپ كۆتۈرۈپ چىقىش ئارقىلىق، يۇقىرىدىكى ۋە تۆۋەندىكى خىيانەتچىلەرنىڭ بىردەك 'ھۇجۇمغا ئۆتۈشىگە شارائىت ھازىرلىدى.

ۋىجدان، ئەخلاق، پەزىلەت دېگەن نەرسە قالمىغان كوممۇنىست خىتايدا ھازىر پەقەت 'قەغەز پۇللا قالدى

كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا، تىبەتلەرگە قارىتا ئازادلىق'، ئىتتىپاقلىق دېگەندەك ھېلە - مىكىرلىرى قالمىدى، ۋەھىمە سېلىپ باقتى، قانلىق باستۇرۇپمۇ باقتى، ھېچقايسىسى ئۈنۈم بەرمىدى. خىتايلاردا 'نامراتلىشىپ قەغەز پۇلدىن ئۆزگە ھېچنېمىسى قالماپتۇ' دەيدىغان بىر ئوخشىتىش بار. شۇنىڭغا ئوخشاش، ۋىجدان، ئەخلاق، پەزىلەت دېگەن نەرسە قالمىغان كوممۇنىست خىتايدا ھازىر پەقەت 'قەغەز پۇللا قالدى.

خىتاي ئەمدى دۆلەتنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھازىر قەغەز پۇل بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە تىبەتلەرنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنسە كېرەك. گەرچە، ھازىر خىتايلارغا قارىتا 'ھەممە مەسىلىنى پۇل بىلەن ھەل قىلىش' تەدبىرىنى قوللانسا ئاز - تولا ئاققان بىلەن، بۇ، ئۇيغۇرلاردا، تىبەتلەردە ئېقىشى ناتايىن.

چۈنكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر پەقەت ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلغاندىلا، ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ. بۇنى جۇڭنەنخەي بىلمەيدۇ ئەمەس. ئەگەر كوممۇنىست خىتاي ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قانلىق زوراۋانلىق سىياسىتىنى ئەمدى 'قەغەز پۇلى' بىلەن يۇمشاق ئېلىپ بارىمەن دېسە، ھامان دۆلەتنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.