' 2008 خىتابنامىسى' گە ئىمزا قويغان خىتاي زىيالىسىدىن بىرى ئۇيغۇر ئېلىگە سۈرگۈن قىلىنغان

2008 خىتابنامىسىگە ئىمزا قويغۇچىلاردىن بىرى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن پروفېسسورى خې ۋېيفاڭ بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە ئۇ مەزكۇر خىتاب نامىدىكى ئىمزاسىدىن ۋاز كېچىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىگە سۈرگۈن قىلىنغان.

0:00 / 0:00

ئۇنىڭ ئەنگىلىيە تېلېگراف گېزىتىگە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە سۆز پىكىر ئەركىنلىكىنى ئىككى يىل ئاۋۋالقىغا قارىغاندا تېخىمۇ قاتتىق بوغماقتا ئىكەن.

2008 - يىلى دېكابىردا، خىتايدا بىر قىسىم زىيالىي، يازغۇچى، ئادۋوكات، مۇخبىر، پېنسىيىگە چىققان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، ئىشچى، دېھقانلار ۋە سودىگەرلەردىن تەركىب تاپقان 303 نەپەر خىتاي پۇقراسى بىرلىكتە ئىمزا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قانۇن ئۆزگەرتىش، دېموكراتىيىنى يولغا قويۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى تەلەپ قىلىپ ئوچۇق خەت يوللىغان ئىدى.

مەزكۇر ئوچۇق خەت " 2008 خىتابنامىسى" ياكى " 2008 نىزامنامىسى" دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇ خىتاي جەمئىيىتى، جۈملىدىن دۇنيا مىقياسىدا بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلغان بولسا، خىتابنامىگە ئىمزا قويغۇچىلاردىن بىر قىسىملىرى خىتايدا نەزەربەند ئاستىغا، يەنە بەزىلىرى تۈرمىگە ئېلىنغان.

پروفېسسور خې ۋېيفاڭ:" كومپارتىيە سۇغا غەرق بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ قىرغاققا چىقىۋالدى"

نۆۋەتتە ، ئۇيغۇر ئېلىدە سۈرگۈندە ياشاۋاتقان، پروفېسسور خې ۋېيفاڭ، مەزكۇر خىتابنامىگە ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇن پروفېسسورى ئىدى.

ئەنگىلىيىدىن چىقىدىغان "تېلېگراف" خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، بېجىڭدىكى خىزمەت ئورنىدىن سۈرگۈن قىلىنىپ، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ھەپتىسىگە 6 سائەتتىن دەرس بېرىپ جان كەچۈرۈۋاتقان پروفېسسور خې ۋېيفاڭ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە سۆز - پىكىر ئەركىنلىكى جەھەتتە كەينىگە چېكىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە: " نۆۋەتتە مەسىلىلەر دەرياسى چوڭقۇرلاشقان بولۇپ، پارتىيە بۇنىڭدىن چۆچۈگەن ئىدى. شۇڭا ئۇ، سۇغا غەرق بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ قىرغاققا چىقىۋالدى" دېگەن ۋە بۇ خىلدىكى چېكىنىشنىڭ ئۆتكەن ئىككى يىل جەريانىدا بارغانچە يامانلىشىپ بارغانلىقىنى قوشۇمچە قىلغان.

ئۇ، مەزكۇر خىتابنامىگە ئىمزا قويغۇچىلاردىن بىرى بولغان يازغۇچى ليۇ شياۋبونىڭ تېخىچە نەزەربەند ئاستىدا ئىكەنلىكى ۋە ئۆزى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىنتېرنېت مۇنازىرە سەھىپىسىنىڭ تاقالغانلىقىدىنمۇ، بۇ خىلدىكى باستۇرۇشنىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن.

پروفېسسور خې ۋېيفاڭ :" ئەگەر كەسكىن زورلۇق ھەرىكەتلىرى مەيدانغا كېلىدىكەن ، كومپارتىيە يوقىلىدۇ"

پروفېسسور خې ۋېيفاڭ، " 2008 خىتابنامىسى" ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە تەنقىدنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى، "خىتابنامە"نىڭ خىتاي كومپارتىيىسى ئۆتكۈزگەن خاتالىق ۋە جىنايەتلەرنىڭ تىزىملىكى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ۋە: " خەلقنىڭ ھەقىقەتنى بىلىشى بەك زۆرۈر بولۇپ، پەقەت ھەقىقەت ئارقىلىقلا پۇرسەت ياراتقىلى بولىدۇ" دېگەن.

ئۇ يەنە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۆز خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلماي كەلگەنلىكى، لېكىن بۇنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى ئۈچۈن تېخىمۇ ئەجەللىك خاتالىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ۋە: " پارتىيە جىنايەتلىرىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك، ئەمما ئۇنداق قىلالمىدى. ئۇلار شۇنداق قىلىشنى ئۆزلىرىنىڭ قانۇنىي ئورنىنى تۆۋەنلەتكەنلىك دەپ قارايدۇ. ئەگەر ئۇلار ماسلاشمايدىكەن، ئىسلاھات تىنچ يوسۇندا مەيدانغا كەلمەيدۇ. ئەگەر كەسكىن زورلۇق ھەرىكەتلىرى مەيدانغا كېلىدىكەن ، كومپارتىيە يوقىلىدۇ. بۇ بىر ماسلىشىش ياكى ئۆلۈش مەسىلىسى" دېگەن.

پروفېسسور خې ۋېيفاڭ ئالدىنقى ئايدا شىخەنزىگە يۆتكىۋېتىلگەنل

خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، پروفېسسور خې ۋېيفاڭ،"2008 خىتابنامىسى" گە ئىمزا قويغانلىقى ئۈچۈن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن جېجىياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا يۆتكەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ خىزمەت رەسمىيىتى" نامەلۇم قوللار " تەرىپىدىن توسۇۋېلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئالدىنقى ئايدا شىخەنزىگە يۆتكىۋېتىلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

قارشى پىكىردىكى ياكى ئىلغار پىكىرلىك خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە سۈرگۈن قىلىنىشى سابىق خىتاي رەئىسى ماۋ زىدۇڭ دەۋرىدىمۇ يۈز بەرگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا خىتاي يازغۇچىسى ۋاڭ مېڭ ۋە شائىر ئەي چىڭلەرمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە سۈرگۈندە ياشىغان ئىدى.