دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ 'خەتەرلىك' تۈزۈم فېدېراتسىيە ھەققىدىكى قاراشلىرى

خىتاي دېموكراتچىلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان 2008 نىزامنامىسىدىكى ئەڭ تالاش - تارتىشلىق تېما، نىزامنامىنىڭ 18 ‏ - ماددىسى بولماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.01.02
Dr-Erkin-Ekerm-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺩﺭ. ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﻪﻛﺮﻩﻣﻨﯩﯔ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
RFA Photo / Erkin Tarim

18 ‏ - ماددىدا خىتاينىڭ يەرلىك ۋە ئېتنىك مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن فېدېراتسىيە تۈزۈمىگە ئۆتۈشى كېرەكلىكى بايان قىلىنغان. ئەمما نۆۋەتتە خىتاي ئىچى - سىرتىدىكى بىر تۈركۈم زىيالىيلار نىزامنامىنىڭ مەزكۇر ماددىسىنى خەتەرلىك ماددا دەپ بايان قىلماقتا.

ئۆتكەن ھەپتە خۇبېى ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئەزاسى، خىتاي ئىچىدىكى ئۆكتىچى زات ياۋ لىشىننى خىتاي ساقچى ئورگىنى سوراققا تارتقان، سوراق جەريانىدا ساقچىلار، مەزكۇر نىزامنامىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان فېدېراتسىيە تۈزۈمىنىڭ دۆلەتنى پارچىلاشقا يېتەكلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ياۋ لىشىننى ئىمزا قويۇش ھەرىكىتىگە قېتىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.

تۈنۈگۈن يەنە خىتايچە ئىشتىراك ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر سۆھبەت خاتىرىسىدىمۇ، فېدېراتسىيە تۈزۈمىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت پۈتۈنلۈكىگە تەھدىت ئىكەنلىكى ھەققىدە پىكىرلەر بايان قىلىنغان.

تۈركىيىدىكى ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، بۈگۈن رادىئومىزغا بۇ تېمىدا پىكىر بايان قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ فېدېراتسىيە تۈزۈمىنى خەتەرلىك دەپ قارىشى، خىتاي مىللەتچىلىكى نۇقتىسىدىن قارىغاندا توغرا، ئەمما ئىنسانىيەتچىلىك نۇقتىسىدىن خاتا. چۈنكى فېدېراتسىيە تۈزۈمى يولغا قويۇلسا، ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەر ئۆزىگە تېگىشلىك ھەقلىرىنىڭ زور بىر قىسمىنى قولغا كەلتۈرگەن بولىدۇ.

ئەركىن ئەكرەم فېدېراتسىيە تۈزۈمى يولغا قويۇلسا، ئۇيغۇرلار،رايوندىكى يەرلىك مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە بەلگىلىك دەرىجىدە ئەسلىگە كېلىش ئىمكانىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئېڭى ۋە ئىرادىسىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەركىن ئەكرەم فېدېراتسىيە تېمىسىدا، خىتايغا ئۈمىدسىز قارايدىغانلىقىنى، يەنى خىتاينىڭ سىياسى تارىخىي، ئاڭ - مەدەنىيەت سەۋىيىسى ۋە ھاكىمىيەت ئەنئەنىسىنى نەزەردە تۇتقاندا، خىتاينىڭ فېدېراتسىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇشىنىڭ ئېھتىمالدىن يىراق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئەركىن ئەكرەم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي بۈگۈن مەيلى فېدېراتسىيە، مەيلى ئالىي ئاپتونومىيە، مەيلى ساختا ئاپتونومىيىنى يولغا قويسۇن ئاخىرقى ھېسابتا، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىگە بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى، چۈنكى خىتاي قانچە تەرەققىي قىلغانسېرى مۇقىملىققا شۇنچىلىك ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ سىياسىي مەسىلىسى ھەل بولماي تۇرۇپ خىتايغا ئارامچىلىق يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.