خىتاينىڭ 'يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى' ھەققىدە ئۇيغۇر ئىنكاسلىرى

ھازىر بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئۈچىنچى ئومۇميىغىندا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ قوللانغان ئاتالغۇسى بۇيىچە ئېيتقاندا، 'يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى' مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتىدۇ.

0:00 / 0:00

'ۋولت سترېت ژۇرنىلى'نىڭ يازغۇچىسى ئاندرىۋ باتسوننىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن يوللىغان دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، بېيجىڭدا تۈنۈگۈندىن باشلاپ داۋاملىشىۋاتقان سىياسەت بەلگىلەش يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنياۋىي مالىيە كرىزىسىگە بولغان دىققىتىنى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىلىرىگە يەنى 750 مىليون دېھقانغا تاقىلىدىغان مەسىلىگە قاراتتى.

مەزكۇر دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەسىلىلەرنىڭ مۇھىم نوقتىسى يەر مەسىلىسى. خىتايدا يەر ھۆكۈمەتنىڭ، ھۆكۈمەت يەرنى دېھقانلارغا 30 يىلغىچە ئىشلىتىپ تۇرۇشقا بەرگەن. ئەمما دېھقانلارنىڭ يەرنى سېتىش ياكى ئۆتۈنۈپ بېرىش ھوقۇقى يوق. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ يەرنى ئۆزى ئىشلىتىش ياكى ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە رۇخسەت قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى ھەققىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى تىڭ - تىڭلاشقا باشلىغان

خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويماقچى بولغان 'يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى'نىڭ ئۇيغۇرلاغا بولغان ئەھمىيىتى ھەققىدە خەلقئارا ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى تەشكىلاتىنىڭ باش تەپتىشى ھاجى ئابدۇرىشىت كېرىمى مۇلاھىزە ئېلان قىلدى.

ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىمىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يىغىن ئېچىپ يەر تۈزۈمى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقاندا، ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا ھۆكۈمەت ئاللىقاچان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەقتە نېمە دەيدىغانلىقىنى تىڭ - تىڭلاشقا باشلىغان.

خىتاينىڭ يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئۇيغۇرلارغا چوڭ بالايى - ئاپەت كەلتۈرىدۇ

ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلىپ بېرىشنى ئويلاۋاتقان يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى يەنى دېھقانلارغا يەرنى ئىشلىتىش ياكى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە رۇخسەت قىلماقچى بولغانلىقى ئۇيغۇرلارغا بىر چوڭ بالايى - ئاپەت كەلتۈرىدۇ.