'خىتاي 30 يىلدا تىنچ ئۆزگىرىپ كاپىتالىزىمغا ئايلاندى، ئەمما كوممۇنىست ئىدېئولوگىيىسى تېخى ئۆزگەرمىدى' (1)

ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھازىر بېيجىڭدا ئامېرىكا-خىتاي دېپلوماتىيە ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتىدۇ.

بۇ 30 يىلدا خىتايدا قانداق ئۆزگىرىش بولغانلىقى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىرى بولغانلىقى ھەققىدە دۇنيا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيغۇر شۆبىسىدىن پېشقەدەم يازغۇچى ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىمى مۇلاھىزە ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا خىتاينى تىنچ ئۆزگەرتىۋېتەلىدى

ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىمىنىڭ قارىشىچە، بۇ 30 يىلدا ئامېرىكا خىتاينى تىنچ ئۆزگەرتىۋىتەلىدى، خىتاينىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىدە زور ئۆزگىرىش بولدى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە يۈگەن سېلىندى.

خىتاي ھازىر 'سوتسىيالىزم' دېيەلمەيدىغان بولدى

ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىمى ئۆز كەچۈرمىشلىرىگە ئاساسەن بايان قىلىشىچە، بۇ 30 يىلدا، قىسقىسى خىتاي 'سوتسىيالىزم' دېيەلمەيدىغان بولدى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئازراق يوچۇق ئېچىلدى. خىتاي ساقچىلىرى تۈرمىدىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنى خالىغانچە ئۆلتۈرىۋېتەلمەيدىغان بولدى، يېزىلاردا دېھقانلار يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ، بۇرۇنقىدىن سەل ياخشىراق سىياسەتكە ئىگە بولدى. چەتئەللەرگىمۇ چىقالايدىغان بولدى.

بۇ 30 يىلدا تېخى ھەل بولمىغان مەسىلە --كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيىسى مەسىلىسى

ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىمىنىڭ قارىشىچە، بۇ 30 يىلدا تېخى ھەل بولمىغان مەسىلە --كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيە مەسىلىسى، بۇنداق ئىدېئولوگىيە شارائىتىدا، ھازىر ئۇيغۇرلاردا دىنىي ئەركىنلىك مەۋجۇت ئەمەس، كىشىلىك ھوقۇق مەۋجۇت ئەمەس، مانا بۇ خىتايدىكى ھازىرقى چوڭ مەسىلە ھەم ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن چوڭ مەسىلە.