خىتاي ھەيكەلتاراشنىڭ ھەيكەللىرى باغچىدا، ئۆزى ئايرودرومدا ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىدى

4 ‏- ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسى خىتاينىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى زور ۋەقەلەردىن بىرىدۇر. شۇڭا خىتاي ئىچى- سىرتىدىكى خىتاي دېموكراتچىلىرى، 1 ‏- ئىيۇندىن باشلاپ 4 ‏- ئىيۇن ۋەقەسىنىڭ 21 يىللىقىنى خاتىرىلىمەكتە.

0:00 / 0:00

ئەمما خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ تۈرلۈك توسالغۇلىرىغا دۇچ كەلمەكتە. 29 ‏- ماي كۈنى خوڭكوڭنىڭ زامانىۋى مەيدان دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئاممىۋىي باغچىسىدا، 4 - ئىيۇن ۋەقەسىنى خاتىرىلەپ كۆرگەزمە ئېچىلغان. كۆرگەزمىگە ھەيكەلتاراش تەرىپىدىن ياسالغان ئىككى دانە ھەيكەل قويۇلغان. ھەيكەلنىڭ بىرى " دېموكراتىيە مەبۇدىسى"، يەنە بىرى بولسا، 4 ‏- ئىيۇن پاجىئەسى نامىدا بولۇپ، مەزكۇر ئەسەرلەر كۆرگۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان. دەل شۇ كۈنى خوڭكوڭ ساقچىلىرى مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، ئىككى ھەيكەلنى مۇسادىرە قىلغان. كۆرگەزمىنى ئۇيۇشتۇرغان دېموكراتىيە قوللاش جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى ھەيكەلنى مۇداپىئە قىلىپ، ساقچىلارغا قارشىلىق كۆرسەتكەن.

ئاخىرى خوڭكوڭ ساقچىلىرى قوپال تەدبىر قوللىنىپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرىدىن 13 كىشىنى تۇتقۇن قىلغان. بۇ ۋەقە 3 كۈندىن بېرى خوڭكوڭ مەتبۇئاتى ۋە خوڭكوڭ پارلامېنتىدا جىددىي تالاش- تارتىشلارغا سەۋەب بولماقتا. ھۆكۈمەت تەرەپ ئاخىرى ۋەقە ھەققىدە ئىزاھات بېرىشكە مەجبۇر بولغان. ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر كۆرگەزمە خوڭكوڭنىڭ قاتناش قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن توختىتىلغان.

خوڭكوڭدىكى دېموكراتچىلارنىڭ قارىشىچە، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى بېيجىڭ تەلىماتىغا شەرتسىز بويسۇنۇپ، ئىككى ھەيكەلنىڭ كۆرگەزمىسىگە توسقۇنلۇق قىلغان. جامائەت ئىچىدىن كەلگەن قاتتىق نارازىلىقتىن كېيىن، خوڭكوڭ ساقچىلىرى مۇسادىرە قىلىنغان ئىككى ھەيكەلنى جايىغا ئاپىرىپ قويغان؛ ئەمما ھەيكەللەر يۆتكىلىش جەريانىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىدىلەنگەن ۋە بۇزۇلغان.

مەزكۇر ھەيكەللەرنىڭ ئىجادچىسى ھەيكەلتاراش چېن ۋېيمىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان، يېڭى زېللاندىيە ۋەتەندىشى خىتاي بولۇپ، ئۇ يۇقىرىقى ۋەقەدىن كېيىن، يەنى 1 ‏- ئىيۇن كۈنى ئامېرىكىدىن خوڭكوڭغا قاراپ يولغا چىققان. ئەمما ئۇ بۈگۈن خوڭكوڭ چېگرىسىدا توسۇۋېلىنىپ كىرگۈزۈلمىگەن. ئۇ چېگرادا بىر قانچە سائەت توختىتىپ قويۇلغان. بۇ جەرياندا، خوڭكوڭ پارلامېنتىدىكى دېموكراتچى ۋەكىللەردىن شۈ جىنشېن ئايرودرومغا يېتىپ كېلىپ ھەيكەلتاراشنى زىيارەت قىلغان ۋە چېگرا خادىملىرىدىن ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىگەن. ئەمما ئاقىۋەتتە، ھەيكەلتاراش چېگرادىن كىرگۇزۇلمەي ئارقىسىغا قايتۇرۇلغان. بۇ ئارىلىقتا ھەيكەلتاراش ئادۋوكاتىنىڭ ۋاستىسى بىلەن خوڭكوڭ پارلامېنتىنىڭ ئالدىدا بايانات ئېلان قىلغان.

ئۇ باياناتىدا، خىتايدا يولغا قويۇلغان بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم دېگەن تۈزۈمنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مۇستەقىل بىر ھاكىمىيەت ئەمەس، بېيجىڭغا بېقىنغان قورچاق ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ھەيكەلتاراشنىڭ بۇ سۆزلىرى بۈگۈن خوڭكوڭدا 20 دىن ئارتۇق ئاخباراتتا باش خەۋەر قىلىپ بېرىلگەن.

4 ‏- ئىيۇن ۋەقەسى خىتاينىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى زور ۋەقەلەردىن بىرىدۇر. كۆزەتكۈچىلەر، بۇندىن كېيىن خىتايدا بىر سىياسىي ئۆزگىرىش بولسا، بۇ ئۆزگىرىشنىڭ چوقۇم مەزكۇر ۋەقەگە قايتىدىن باھا بېرىش بىلەن باشلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. خوڭكوڭ پارلامېنتىدا ھەر يىلى 4 ‏- ئىيۇن مەزگىلىدە مەزكۇر ۋەقەگە قايتىدىن قاراپ چىقىش، ۋەقەدە قارىلانغانلارنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدە تەكلىپ لايىھىسى سۇنۇلماقتا. ئەمما خوڭكوڭ پارلامېنتىدا بېيجىڭ تەرەپدارى ۋەكىللەر كۆپ سانلىقتا بولغاچقا تەكلىپ لايىھىسى رەت قىلىشقا ئۇچرىماقتا.

بۇ قېتىممۇ مەزكۇر لايىھە پارلامېنتتا يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دېموكراتچى ۋەكىللەر پارلامېنتقا دېموكراتىيە مەبۇدىسى نامىدىكى ھەيكەلنى كۆتۈرۈپ كىرگەن ۋە 9 نەپەر ۋەكىل سۆز قىلىپ 4 ‏- ئىيۇن ۋەقەسى سەۋەبلىك بېيجىڭنى ئەيىبلىگەن؛ ئەمما پارلامېنتتىكى بېيجىڭ تەرەپدارى ۋەكىللەر تەكلىپكە ئىنكاس قايتۇرمىغان؛ پەقەت سۈكۈت ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسەتكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.