خىتاي 4 - ئومۇميىغىندا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەكىتلىدى ئەمما ئەمەلىيىتى باشقىچە
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009.09.18
2009.09.18
ياڭ جىڭ سۆزىدە، "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ياخشى چاغدا، كىشىلەردە بۇ ھەقتە ئېنىق بىر تۇيغۇ بولمىغان ئىدى، ئەمما مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن بولسا، كىشىلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ھاۋادىنمۇ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ يەتتى" دېگەن. ئۇ ئۆز سۆزىدە، نۆۋەتتە خىتايدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغانلىقىنى، ھازىر مىللەتلەر مەسىلىسى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھەم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم كۈن تەرتىپلىرىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى بايان قىلغان.
ئوخشاش بىر كۈندە ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى لى شياۋ مۇ "دۆلەت بايرىمىنىڭ 60 يىللىقىدا، مىللەتلەر ئىتتىپاقمۇ؟ كومپارتىيە بىلەن دۆلەتنىڭ قايسىسى كۈچلۈك؟ "ماۋزۇلۇق خەۋەر ئانالىزىنى ئېلان قىلدى. لى شياۋ ماقالىسىدە،" خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى دۆلەت بايرىمىنىڭ 60 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدا، بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىن بەك ئەنسىرىمەكتە، بۇ قېتىملىق دۆلەت بايرىمىدا زور كۆلەملىك ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق،خىتاي خەلقىگە ۋە خەلقئاراغا خىتاي ئارمىيىسىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىگە شەرتسىز بويسۇنىدىغانلىقىنى جاكارلىماقچى "دەپ كۆرسەتتى.
لى شياۋنىڭ ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ بىر - بىرىگە تامامەن زىت بولغان ئىككى خىل خەۋىرى نەقىل ئېلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەكىتلەۋاتقان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئەمەلىيەتتە پەقەت قەغەز يۈزىدىلا تەكىتلىنىدىغان قۇرۇق شوئار ئىكەنلىكى مۇلاھىزە قىلىنغان.
ماقالىدە، " خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق دۆلەت بايرىمى پائالىيىتىدە، گەۋدىلەندۈرۈلىدىغان مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى، خىتايدا مىللەتلەرنىڭ ئېجىل - ئىناق ياشاۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈش بولماقتا. دۆلەت بايرىمىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا، سەھنە دېكراتسىيىسى قىلىنغان 56 تال تۈۋرۈك، 1 - ئۆكتەبىر كۈنى تيەنئەنمىن مەيدانىدا نامايان بولىدۇ.
خىتاينىڭ " غەربىي جۇڭگو گېزىتى"نىڭ 16 - سېنتەبىردىكى سانىدا، " بۇ 56 تال تۈۋرۈك 56 مىللەتنىڭ ئىناق باراۋەرلىكىنىڭ سىمۋولى، 56 مىللەت خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەقىقىي خوجايىنى، ئۇلار بىرلىكتە دۆلەتكە ئىگىدارچىلىق قىلىپ، جۇمھۇرىيەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشماقتا " دەپ كۆرسىتىلدى. لېكىن يەنە شۇ "غەربىي جۇڭگو گېزىتى"نىڭ 13 - سېنتەبىردىكى سانىدا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مەركىزى ھۆكۈمەت ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جۇ يۈڭكاڭنىڭ 12 - سېنتەبىر كۈنىدىكى سۆزىدە، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق مەسىلىسىنىڭ ھەممىدىن مۇھىملىقى، شۇڭا كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ تېررورلۇق قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش، بۆلگۈنچى كۈچلەرنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەكلىكى، تىبەتكە نىسبەتەن راھىبلارغا قانۇن تۈزۈم تەربىيىسى ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تىبەت مۇستەقىللىق كۈچلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى. ھازىر خىتايدا ھۆكۈمەت تەرەپ شوئارىدا "مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ" دېگەن شوئار بىلەن بىرلىكتە يەنە، "خىتاي دۆلىتىدە مىللەتلەر ئىتتىپاق ۋە باراۋەر" دەپ تەشۋىق قىلىنماقتا، ئەجەبا مۇقىملىقنى باھانە قىلىپ، قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق خىتايدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئەمەلگە ئاشۇرۇلامدۇ؟ " دېيىلگەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 8 - سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە، " بۇلتۇر تىبەتتە بۇ يىل7 - ئايدا مۇسۇلمانلار ئاساسى ئاھالە بولغان شىنجاڭدا زور كۆلەملىك ئادەم يارىلىنىش ۋە قالايمىقانچىلىق ۋەقەسى يۈز بەردى، پۈتۈن خىتاي مەملىكەت مىقياسىدا كىشىلەر توپى ئوتتۇرىسىدىكى ۋەقەلەر بارغانچە كۆپىيىۋاتقان بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت بايرىمىنىڭ 60 يىللىقىنى ئىنتايىن جىددىي بولغان بىر خىل ھالەتتە كۈتۈۋالماقتا،" دېيىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 14 - سېنتەبىر كۈنى، بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىدە يەنە:" دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، بېيجىڭ شەھىرىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلىدۇ، بىر مىليون 400 مىڭ كىشىدىن تەركىپ تاپقان "پۇقرالار ئامانلىق ساقلاش ئەترىتى" تەشكىللىنىدۇ، بۇلار پىدائىيلار، ئامانلىق ساقلىغۇچى كەسپىي خادىملار، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلەۋاتقان پارتىيە ئەزالىرى ۋە دۆلەت خىزمەتچى خادىملىرىدىن تەركىپ تاپىدۇ" دەپ خەۋەر قىلىندى.
"بېيجىڭ كەچلىك گېزىتى"نىڭ 15 - سېنتەبىردىكى سانىدا: " 15 - سېنتەبىر كۈنى كېچە سائەت 0 دىن8 - ئۆكتەبىر كۈنى سائەت 0 گىچە بولغان ئارىلىقتا، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ھۆكۈمەت مەمۇرى ئىدارىلىرى جايلاشقان رايونىدا، ھەر قانداق ھالەتتىكى ئۇچۇش مەشغۇلاتلىرى چەكلىنىدۇ، خەت توشۇغۇچى كەپتەرلەر ھەم لەگلەك ئۇچۇرۇشمۇ چەكلىنىدۇ. خەت توشۇغۇچى كەپتەر جەمئىيەتلىرى، خەت توشۇغۇچى كەپتەرلەر مۇسابىقىسى پائالىيەتلىرىنى، دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە ۋاقىتلىق توختاتتى. ئۇچار جىسىملار مودېللىرى ساتىدىغان دۇكانلارمۇ ئۇچۇش چەكلەنگەن مەزگىلدە، ئۇچار جىسىملار مودېللىرى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ كىملىكىنى تىزىملايدۇ ھەم ئۇلارنىڭ ئىسىملىكىنى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرىگە يوللاپ بېرىدۇ، بۇ مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن توي مۇراسىمى ۋە ھەر خىل تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە ھاۋاغا شار قويۇپ بېرىش چەكلىنىدۇ،" دەپ خەۋەر بەردى.
ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىمىزگە رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۈشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ، قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنىدىغان بولۇپ، ئۈرۈمچىگە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىي ھەم شىمالىدىن كېلىدىغان بارلىق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ توختايدىغانلىقى، بايرام مەزگىلىدە يولۇچىلارنىڭ ئۈرۈمچىگە كىرگۈزۈلمەيدىغانلىقى ئۇقتۇرۇش قىلىنغان. ئۈرۈمچىدە يىڭنە ۋەقەسىدىن كېيىن بىر مەزگىل بوشىغان ھەربىي ھالەتنىڭ 16 - سېنتەبىردىن باشلاپ يەنە كۈچەيگەنلىكى، ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا كېچىلىرى ھەربىيلەر ۋە قوراللىق ساقچىلار ئولتۇرغان ماشىنىلارنىڭ كىرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ياپونىيىدە ئوقۇشقا چىققان ئوقۇغۇچىلار، پاسپورتىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن خىتاي ئەلچىخانىسىغا بارغىنىدا، كونسۇلخانا خادىملىرى،"سىلەر شىنجاڭلىقلارنىڭ پاسپورتى ھازىرچە چىقمايدۇ، 1 - ئۆكتەبىردىن كېيىن ئاندىن سىلەرنى ئويلىشىمىز" دەپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاسپورتىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى كېچىكتۈرگەن. پاسپورت ئۇزارتىش تەلىپى رەت قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار بۇ ئىشقا غەزەپلىنىپ كونسۇلخانا خادىملىرى بىلەن تالاش - تارتىش قىلغىنىدا،كونسۇلخانا خادىملىرى ئۆزلىرىنى ئاقلاپ، "بۇ يۇقىرىدىن چۈشكەن بۇيرۇق، سىلەر شىنجاڭلىق بولغاندىن كېيىن بىزنىڭمۇ ئامالىمىز يوق،"دېگەن.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى" ۋەقەسىدىن كېيىن، كونسۇلغا پاسپورت يېڭىلاش ئۈچۈن بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتى تا ھازىرغا قەدەر چىقمىغان ئىكەن، بەزىلەرنىڭ پاسپورتىنى ساقلاۋاتقىلى 3 ئاي بولغان. ئىگىلىشىمىزچە، بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ياپونىيىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغىمۇ بۇ ئىشلار توغرىلىق ئىنكاس قىلغان.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە تەشۋىقاتلىرىدا تەكىتلەۋاتقان "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئېتىبار بېرىپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش" شوئارى بىلەن، ئۇلارنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىدە يۈرگۈزۈۋاتقان، ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرگە نىسبەتەن، مۇقىملىقنى باھانە قىلىپ يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق باشقۇرۇش سىياسىتى، چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر قاتارلىق مىللىتى خىتاي بولمىغان خىتاي پۇقرالىرىغا نىسبەتەن پەرقلىق مۇئامىلىدە بولۇشى قاتارلىقلاردىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەكىتلەۋاتقان مىللەتلەر ئىتتىپاق، باراۋەر بولۇش سىياسىتى پەقەت تەشۋىقات ئۈچۈنلا قوللىنىۋاتقان، ئەمما ئەمەلدە ئىجرا قىلىنمايدىغان قۇرۇق شوئار ئىكەن.