'خىتاي كومۇنىستلىرىنىڭ ئىشغالىيىتىدىكى شەرقىي تۈركىستان' تېمىسىدا ئىلمىي يىغىن

"خىاي كومۇنىستلىرىنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ 60 يىللىقى" دېگەن تېمىدىكى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا دىموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيتىنىڭ پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى مەركىزىنىڭ يىغىن زالىدا ئېچىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009-05-18
Share
Rabiye-xanim-sozde-305 ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﺳﯚﺯﺩﻩ.
UAA Photo

ئامېرىكا دىموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئورگانلار تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ يىغىن 2 كۈن داۋام قىلىدۇ.

ئامېرىكا دىموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۆۈلگەن "خىتاي كومۇنىستلىرىنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى" دېگەن تېمىدىكى بۇ يىغىن، ئامېرىكىدا چاقىرىلغان بۇ تۈردىكى مۇھىم خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پەيشەنبە كۈنى باشلىنىدىغان ۋاشىنگتوندىكى4 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ھارپىسىغا توغرا كەلگەن بولۇپ، ياۋروپا، تۈركىيە، ئاۋستىرالىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىكى يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىلا ئاز دىگەندە 70 - 80 گە يېتەتتى.

يىغىندا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رابىيە قادىر خانىم ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلىدى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەسىرلىك ئارزۇ ‏ - ئارمانلىرىنى كۆڭلىگە پۈككەن كىشىلەرنىڭ بۈگۈن بۇ يەرگە جەم بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن رابىيە قادىر خانىم، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنڭ زىمىسىدىكى يۈكنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقى، بۈگۈنكى كۈننىڭ ئۇيغۇر داۋاگەرلىرى 60 يىلدىن بۇيان تەشنا بولۇپ كېلىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
 
بۇ قېتىمقى يىغىن جەمئىي 2 كۈن داۋام قىلىدۇ. يىغىننىڭ 1 - كۈنىدىكى مۇزاكىرە كۈنتەرتىپى ئۇيغۇرلانىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، خىتاينىڭ تېرورىزىمنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا دىنىي، مىللىي ، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي، مەدىنىيەت جەھەتلەردە باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەت، خىتاي ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمىلى شەرت - شارائىىتىنى نەزەردە تۇتقاندا ئۇيغۇرلار قانداق قىلىشى كېرەك ؟ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ چارە - تەدبىرى نىمىلەردىن ئىبارەت ؟ دېگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئىدى.

شۇ كۈنكى يىغىندا سۆزلىگەن مۇھىم ئەرباپلارنىڭ بىرى مەركىزى گوللاندىيەدىكى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى مارىنو بۇسداچىن ئەپەندى. ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدىنىيەت، مۇھىت ۋە نۇپۇس جەھەتلەردە زور تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، رايوننىڭ نۇپۇس قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگۈرۈش بىر قاتار مەسىلىلەرنى پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ ": خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ئۇيغۇر تىلى ئاممىۋى سورۇنلاردا يەكلىمىگە ئۇچۇرىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەركىزى شەھەرلەردىكى ئۇيغۇر نۇپۇسىنىڭ ئورنى ئۆزگىرىپ، بۇ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدىنىيىتى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىغا تەھدىت پەيدا قىلدى. خىتاينىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا 2007 ‏ - يىلى 100 مىڭ نەپەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ سىرتىدىكى جايلارغا ئىشلەشكە يۆتكەلگەن. بۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئاياللار. بۇ سىياسەت ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئائىلىدىكى ئورنىغا تەھدىت سالماقتا. ئۇيغۇر ئاياللىرىنى بۇيرۇق بىلەن يۆتكەش سىياسىتى پۈتۈنلەي مەجبۇرى كۆچۈرۈشكە ياتىدۇ. بۇ سىياسەتنىڭ نەتىجىسى ئۇيغۇرلارنى مائارىپ، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ۋە سىياسى جەھەتلەردە يىتىم قالدۇردى."

يىغىندىكى سۆزىدە خىىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى نۇپۇس سىياسىتىنى تەنقىدلىگەن بۇستاچىن ئەپەندى "نۇپۇس كۆچۈرۈشنىڭ ئۈن - تۈنسىز باستۇرۇش، خەلقنى مەدىنىيەتسىزلەنتۈرۇش، ئۇرۇقىنى قۇرۇتۇش، دىنىي، ئەنئەنىسىنى يوقۇتۇش بىر جىنايەتتۇر. سابىق يۇگۇسلاۋىيە ئىشلىرى بويىچە خەلقئارا سوت مەھكىمىسى ئېنىق قىلىپ، سابىق يۇگۇسىلاۋىيە دەۋرىدىكى بوسنىيە - گېرتسوگوۋىناغا نۇپۇس يۆتكەش سىياسىتىنى بۇ كاتوگورىيەگە كىرگۈزگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بولسا ئۇلار ئاز سانلىقلارغا ئايلىنىپ، ئۆز يۇرتىدا باستۇرۇلماقتا،" دەپ كۆرسەتتى.

مارىنو بۇستاچىن ئەپەندى ھازىرقى خەلقئارا شەرت - شارائىتنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇيغۇر داۋاگەرلىرىنىڭ كەڭ دائىرىلىك ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىشى بىر قەدەر ئەمىلىيەتكە سىغىدىغان تەلەپ ھىسداپلىنىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": مېنىڭچە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاسىدا يېڭى بىر سەھىپە ئېچىۇلىۋاتىدۇ، دەپ قارايمەن. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇرۇنقىدە بۆلگۈنچىلىك پائالىيىتى ياكى مۇستەقىللىق پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشنىڭ مۈمكىنچىلىكى قىيىندەك قىلىدۇ.......لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ مىللى ئاپتونومىيەنى خەلقئارا ياردەم بىلەن تەلەپ قىلىش ھوقۇقى مەۋجۈت، دەپ ئويلايمەن. خىتاي ئەلۋەتتە تېخى ئۇيغۇرلارغا ئالى ئاپتونومىيە بېرىمىز، باقمىدى. لېكىن ئۇيغۇرلار داۋاملىق ھالدا ئۆزىنىڭ قانۇنى ھوقۇقىنى تەلەپ قىلسا خەلقئارا ياردەم بىلەن مېنىڭچە ئۇزۇن بولمىغان كەلگۈسىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا چوقۇم ، بەلكى ئانمالسىز ھالدا ھازىرقىغا قارىغاندا ئۆز دىنىي، ئۆز مەدىنىيىتىنى ئەنئەنە ۋە ئۆرپ ئادىتى، تىلى ۋە ھايات يولىنى قوغداپ قالىدىغان بىر ئاپتونومىيە بېرىش مۈمكىنچىلىكى بار".

بۇ قېتىمقى يىغىننى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن مەركىزى گوللاندىيەدىكى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى، مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا دىموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى قاتارلىقلار بىرگە ئۇيۇشتۇرغان ئىدى.

يىغىندا ئامېرىكا دىموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى كارل گرىشمان ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى دىموكراتىك خىتاي زىيالىلار بىلەن ھەمكارلىشىش، ئۇلار بىلەن مەلۇم مۇنبەر تەشكىللەشكە چاقىردى. گرىشمان مۇنداق دەيدۇ": بەزىلىرىڭلار بىلىشىڭلار مۈمكىن، ئۆتكەن يىلى 10 - دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى تەخمىنەن 300 كىشىلىك خىتاي زىيالىسى خىتايدا دىموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى 2008 نىزامنامىسىنى ئېلان قىلدى. ھازىر نىزامنامىغا ئىمزا قويغانلار 11 مىڭغا يەتتى. نىزامنامىنىڭ 18 ماددىسىدا خىتايدىكى ئاز سانلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار بار. ئۇنىڭدا 'بىز ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىنى دۆلەت دەرىجىلىك سەۋىيەدە ، ئوچۇق - ئاشكارە ھالدا بارلىق دىنىي ۋە مىللى گۇرۇھلار تەڭ تەرەققى قىلالايدىغان بىر تۈزۈمنى قۇرۇپ چىقىپ، دىموكراتىك فېدىراتسىيە قۇرۇشىمىز كېرەك،' دىيىلگەن. بۇنىڭ رىئاللىققا قانچىلىك ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن. لېكىن بۇنىڭغا 11 مىڭ ئادەم ئىمزا قويغانلىقى ئۈچۈن سىلەر يالغۇز ئەمەس، دەپ ئويلايمەن."

گرىشمان ئەپەندى يەنە، "مەن شۇنداق ئويلانمەنكى 2008 نىزامنامىسى خىتاينىڭ كەلگۇسىدە قايايققا قاراپ مېڭىشى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرسە كېرەك. مېنىڭچە بىز شۇنىڭغا تەييارلىق قىلىشىمىز لازىم. يەنە بىر مۈمكىنچىلىك ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ 2008 نىزامنامىسىنى تۈزگۈچىلەر بىلەن كۆرۈش. ئەلۋەتتە بۇنى خىىتايدا قىلغىنى بولماسلىقى مۈمكىن. لېكىن ئۇلار بىلەن چەتئەلدە كۆرۈشۈپ، كەلگۈسىدىكى ئورتاقلىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى سۆزلەشسە بولىدۇ. ئەگەر سىلەر خىتاي زىيالىلىرى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلالىساڭلار بۇ بىر ياخشى ئىش بولىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا دىموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جبەمئىيىتىدىكى يىغىن چۈشتىن كېيىنكى قىسىمى " دىنىي ئەركىنلىك، ئاساسى قانۇندىكى قۇرۇق ۋەدىمۇ؟" دېگەن تېمىدا ئېلىپ بېرىلدى.

يىغىندا ئامېرىكا قانۇن، دىموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى مۇتەسسىسلەر دوكلات بەردى شۇنداقلا يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دائىر تۈرلىك سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەردى. يىغىننىڭ ئاخىرى ئەتە يەنە داۋاملىشىدۇ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت