خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى ھەققىدە توختالدى

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ، بۈگۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مۇخبىرلارنىڭ تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا دۇچ كەلگەن. بۈگۈنگە قەدەر خىتاينىڭ ئۆلكە ۋە شەھەر دەرىجىلىك ساقچى ئورگانلىرى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باياناتىغا ئىنكاس قايتۇرغان بولسىمۇ، رەسمىي دۆلەت ئەربابلىرى بۇ تېمىدا ئىپادە بىلدۈرمىگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

باياناتچى ليۇ جيەنچاۋ سۆزىدە، شەرقى تۈركىستان تېررورچىلىرى مەۋجۇت، خەلقئارا جامائەتنىڭ بىزگە بۇ جەھەتتە ياردەملىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز دېگەن.

ليۇ جيەنچاۋ بۈگۈنكى يىغىندا تۇنجى دۇچ كەلگەن سوئال كۈنمىڭدىكى ئاپتوبۇس پارتلاش ۋەقەسى بولغان. مۇخبىر ئۇنىڭدىن كۈنمىڭدىكى پارتلاش بېيجىڭ ئولىمپىكىغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ، بۇ سەۋەبلىك، تېررورلۇققا قارشى تەدبىر كۈچەيتىلەمدۇ دەپ سورىغان. ليۇ جيەنچاۋنىڭ جاۋابى مۇنداق بولغان: "
مەن كۈنمىڭدىكى ئاپتوبۇس پارتىلاشنىڭ ئولىمپىك بىخەتەرلىكى بىلەن بىۋاستە ئالاقىسى بار دەپ قارىمايمەن. شۇنداقتىمۇ ئۇ پارتلاش، بېيجىڭ ئولىمپىكى مەزگىلىدە، مۇھىم جامائەت سورۇنلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدۇردى."

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ داۋامىدا يەنە بىر مۇخبىر، تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى ھەققىدە مۇنداق سوئال سورىغان: كۈنمىڭدىكى ئاپتوبۇس پارتلاشتىن كېيىن، ئۆزىنى شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتى دەپ ئاتىغان بىر تەشكىلات مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالدى، بىراق خىتاي تەرەپ ئۇلارنىڭ باياناتىنى رەت قىلدى. سىلەرنىڭ بۇ تەشكىلاتتىن قانچىلىك خەۋىرىڭلار بار؟ ھۆكۈمىتىڭلار نەزىرىدە مانا مۇشۇنداق بىر تەشكىلات مەۋجۇتمۇ؟ بۇ سوئالغا ليۇ جيەنچاۋ مۇنداق جاۋاب بەرگەن: "كۈنمىڭدىكى پارتلاشنى بىر چەتكە قويۇپ تۇرايلى، شۇلارغا ئوخشاش تۈركىستانچى تېررورچىلار ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى جۇڭگودا مەۋجۇت، شۇڭا بىز خەلقئارا جامائەتنىڭ بىزنىڭ تېررورلۇق ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىمىزنى چۈشىنىشنى، تېررورغا قارشى كۈرىشىمىزنى، جۈملىدىن شەرقى تۈركىستانچىلارغا قارشى كۈرىشىمىزنى قوللىشىنى ۋە ياردەملىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز."

ليۇ جيەنچاۋ جاۋابىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، بۇ قوللاشنىڭ باشقا دۆلەتلەر ئۈچۈنمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. مۇخبىر تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنى شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتى دەپ ئاتىغان، ليۇ جيەنچاۋمۇ شۇ بۇيىچە جاۋاب بەرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقى بۈگۈن ليۇ جيەنچاۋنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىگە قارىتا بىر تۈركۈم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاراشلىرىنى ئىگىلىگەن. ئاۋسترالىيىدىكى ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى Michael Clarke، "شىنجاڭ ئۈستى يېپىق بىر قازان، ئۇ يەردە نېمە بولۇۋاتقىنىنى بىلىش مۇمكىنسىز" دەپ بىلدۈرگەن ۋە خىتاينىڭ تېررورلۇق تەھدىتى ھەققىدىكى بايانلىرىغا ئىشىنىشكە بولمايدۇ دېگەن.

ئامېرىكىنىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق ھەربىي مۇتەخەسسىسى Robert Karniol باشقا جايلاردا بولغىنىدەك، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ قوراللىق كۈرەش يولىدا مېڭىۋاتقان ۋە سىياسىي كۈرەش يولىدا مېڭىۋاتقان ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلارنىڭ بارلىقىنى، بۇلارنىڭ تەبىئىي ھالدا خىتايغا نىسبەتەن تەھدىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: "خىتاينىڭ تېررور تەھدىتىنى ئەڭ چوڭ تەھدىت دېگىنىگىمۇ ئىشەنمەيمەن، تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى ئۇ پارتلىتىشلارنى قىلمىدى دېگىنىگىمۇ ئىشەنمەيمەن."

كۈنمىڭدىكى ئاپتوبۇس پارتلاش ۋەقەسى ۋە تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ باياناتى خىتايدىكى ئۇچۇر - ئالاقە كونتىرولىنىڭ قاتتىقلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۈنتەرتىپكە ئەكەلدى. مەزكۇر تېمىدا پىكىر بايان قىلغۇچىلار، ئومۇمىيۈزلۈك خىتاي ئاخبارات كونترولىدىن شىكايەت قىلغان. بۈگۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىمۇ، مۇخبىرلار، ليۇ جيەنچاۋدىن شاڭخەي ۋە كۈنمىڭدىكى پارتلاش ھەققىدە نېمە ئۈچۈن ئېنىق مەلۇمات بەرمەيدىغانلىقىنى سورىغان. ليۇ جيەنچاۋ بۇ سوئالغا بىخەتەرلىك تەھدىتى سەۋەبىدىن دەپ جاۋاب بەرگەن.