بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بېيجىڭلىق بىر گۇرۇپپا ئادۋوكات ۋاشىنگتونغا كېلىپ، خىتايدا دىنىي ئەركىنلىك ۋە قانۇننىڭ رولى توغرىسىدا دوكلات بەردى شۇنداقلا خىتاينىڭ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"گە قاتناشقان ئۇيغۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنىڭ خىتاي قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى ئاساس قىلىپ تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا كەسپىي زىيالىي چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتايدا دىنىي ئەركىنلىك ۋە قانۇننىڭ رولىغا دائىر مەسىلىلەردىكى پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە پرېزىدېنت ئوبامانىڭ 11 - ئايدىكى خىتاي زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلدى.
مەزكۇر پائالىيەتنى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ ئارىسىدا جاڭ كەي، لى فاڭپىڭ ۋە جيەن تيەنيۇڭغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك داۋاسىغا ئارىلاشقان ياكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىدىغان ئادۋۇكاتلار بار ئىدى.
يىغىندا 6 كىشىىلىك گۇرۇپپا تەركىپىدىكى بېيجىڭ يىجيا قانۇن مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ خادىمى، تۈرمىدىكى قەشقەرلىك ئۇيغۇر خرىستيان مۇرىتى ئالىم ھىمىت ۋە ئوسمان ئىمىنلارنىڭ ئادۋوكاتى جاڭ كەي سۆز قىلىپ، خىتايدا ئادۋوكاتلارنىڭ مەھبۇسلارغا ۋەكىللىك قىلىش ۋە ئۇلارنى ئاقلاش ھوقۇقى ئېغىر دەخلى تەرۇزغا ئۇچرايدىغانلىقىنى، دائىرىلەرنىڭ سەزگۈر دىلولاردا ئادۋوكاتلارغا تەھدىت سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جاڭ كەي، جۇڭگو" ئەدلىيە سېستىمىسى دائىم بۇ تۈرلۈك دىلولارغا يولۇققاندا دىلونى ئاقلىشىڭىزغا يول قويمايدۇ ياكى دىلو تۇرغۇزسىمۇ سوت ئاچماي تۇرۇۋالىدۇ ۋە ياكى سوت ئاچسىمۇ ھۆكۈم ئېلان قىلماي تۇرۇۋالىدۇ. بەزىدە ئادۋوكاتلار تەھدىتكە ئۇچرايدۇ" دەپ كۆرسەتتى.
جاڭ كەي، بۇ تۈردىكى ۋەقەلەرنىڭ تىپىك مىسالى ئۇيغۇر خرىستيان مۇرىتى ئالىم ھىمىتنىڭ دىلوسى ئىكەنلىكىنى، دائىرىلەرنىڭ ئۇنى ياكى سوتلىماي ۋە ياكى ھۆكۈم ئېلان قىلماي تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋاشىنگتوندىكى بۇ پائالىيەت ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما كېلەر ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خىتاينى زىيارەت قىلىدىغان، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى تەشكىلاتلار ئوبامانى خىتاي بىلەن ئىقتىساد، ئېنىرگىيە ۋە كېلىمات مەسىلىسىنى سۈزلىشىپلا قالماي، كىشىلىك ھوقۇقنى، ئاساسى ئەركىنلىك مەسىلىسىنى سۆزلىشىشكە چاقىرىۋاتقان مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.
يىغىندا بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭ، خىتاي ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ دىنىي مەسىلىلەرگە دۆلەت بىخەتەرلىك نۇقتى نەزىرىدە مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى، ئادۋوكاتلارنىڭ بۇ تۈردىكى دىلولاردا رولى يوقلۇقىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": ئادەتتىكى ئەھۋاللاردا يەرلىك ھۆكۈمەتلەر دىلو بېجىرگەندە دىنىي مەسىلىگە دائىر دىلولارنى دۆلەت بىخەتەرلىك نۇقتى نەزىرىنى چىقىش قىلىپ، بىر تەرەپ قىلىدۇ. نورمالدا ج خ دائىرىلىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانى، دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ئەترىتى ياكى خۇراپى دىنلارغا قارشى تۇرۇش ئەترىتى دېگەن ئورگانلار بىر تەرەپ قىلىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى يەنە بۇ تۈرلۈك دىلولاردا قانۇن ساھەسى ۋە ئادۋوكاتلارغا سىياسى سەزگۈرلۈكنى تەشەببۇس قىلىدۇ....بۇ ئەھۋالدا ئادۋوكاتلارنىڭ خىزمىتى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، كۆپ ئەھۋاللاردا ئادۋوكاتلارنىڭ ھېچقانداق رولى بولمايدۇ."
ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدىكى يىغىنغا قاتناشقان 6 كىشىلىك گۇرۇپپىدىكى زاتلارنىڭ يەنە بىرى، بېيجىڭدىكى يەر شارى قانۇن مۇلازىمەت ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى جيەن تيەنيۇڭدۇر. ئۇ، 2008 - يىلى 3 - ئايدىكى نامايىشقا قاتناشقان تىبەتلىك لامالارنىڭ كىشىلىك، دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىغا ئائىت دىلوسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى ئاقلاش بىلەن تونۇلغان ئىدى. جيەن تيەنيۇڭ يىغىندا مۇخبىرىمىزنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە دائىر سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، "شىنجاڭ" دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا ئاتالمىش "5 - ئىيۇلدىكى ۋەقەگە قاتناشقان ئۇيغۇرلار"نى سوت قىلىش ئۇسۇلى خىتاي قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ، ئۈرۈمچىدىكى "سوتنىڭ قانۇنى رەسمىيىتىدىكى ساقلانغان مەسىلىلەردە قانۇن ساھەسىدىكىلەرنىڭ كۆز قارىشى ئوخشاش. بۇ كىشىلەر جۇڭگو قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن خالىغان ئادۋوكاتنى تەكلىپ قىلالىدىمۇ ؟ بىزگە شىنجاڭ ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئادۋوكاتلارغا بۇ كىشىلەرنى بىر تۇتاش ھاۋالە قىلغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر كەلدى. بۇ ناھايىتى ئەخمىقانىلىقتۇر... بېيجىڭ ئەدلىيە ئىدارىسى بولسا ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئائىت دىلولارنى قوبۇل قىلغان ئادۋوكاتلارنىڭ دىلونى تەستىقلىتىشىنى تەلەپ قىلىدىغان ئۇقتۇرۇش چىقاردى. بۇ ئادۋوكاتلارنىڭ كەسپىي ھوقۇقىغا قانۇنسىز ئارىلىشىش بولۇپلا قالماي، ئەيىبلەنگۈچىلەرنىڭ ئادۋوكات تەكلىپ قىلىش ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقتۇر. شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر ئۈرۈمچىدىكى سوتتا يۈز بەرگەن ئادالەتسىزلىك ۋە قانۇنسىزلىقنى تونۇپ يەتتى" دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"نى چەتئەلدىكى ئاتالمىش "بۆلگۈنچى" كۈچلەرنىڭ پەيدا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىغ ئۇچىنى ئۇيغۇر رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمغا قاراتقان ئىدى. لېكىن جيەن تيەنيۇڭ بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئەيىبلىشىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى ۋەقەنى باشقىلارنىڭ ئۈستىگە ئارتىشنىڭ ئورنىغا ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك ئىدى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": لېكىن بىز بىلىمىز، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەتلەنگەن بىر مىجەزى بار. بىرەر ۋەقە يۈز بەرسە دائىم مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئارتىدۇ. ئۇ دائىم مەسئۇلىيەتنى ئارتقىنى بولىدىغان سەۋەبنى تېپىپ، ئۈزىنىڭ مەسئۇلىيىتى يوقلۇقىنى ئىپادىلەشكە تىرىشىدۇ. بۇ ياخشى خائىش ئەمەس. ئەگەر ھۆكۈمەت مەسئۇلىيەتكار بولسا ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىققان، باشقۇرۇشتىكى خاتالىقىنى تۈزەتكەن بولاتتى. مەسئۇلىيەتنى مەلۇم بىر تەشكىلات ياكى شەخسكە ئارتمايتتى."
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" قاتنىشىپ، ئاتالمىش"جىنايەت" سادىر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئۇيغۇرلارنى ئۈزلۈكسىز سوتلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ شىددەتلىك تەنقىدىگە ئۇچراپ، ئۇلار سوتنىڭ ئادالەتسىز ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى بىر تەرەپلىمىلىك جازالاش، رايوندىكى مىللىي زىددىيەتنى ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆتكۈرلەشتۈرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.
بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋۇكاتى جاڭ كەي يىغىن ئارىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ئەدلىيە سېستىمىسىدىكى ئادالەتسىزلىككە خاتىمە بېرىشنىڭ يولى سوتنىڭ تەرەپسىز ۋە مۇستەقىللىقىدۇر، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، جۇڭگو ئەدلىيە سېستىمىسىدا "جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك نىگىزلىك مەسىلە ئەدلىيەنىڭ مۇستەقىللىقىدۇر. ئەدلىيە مۇستەقىل بولمىسا، ئۇ ھۆكۈمەتكە تەۋە بولسا، ئۇنىڭ توغرا ھۆكۈم چىقىرىشى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى ئىمكانسىز. جۇڭگودا ئەدلىيە سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ، تەرەپسىز ئەمەس. ئەدلىيە مۇستەقىل ئەمەس دېگەنلىك، ئۇ ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى تەرەپسىز ئاتقۇرالمايدۇ دېگەنلىكتۇر،" دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدىكى يىغىنغا جاڭ كەي، لى فاڭپىڭ ۋە جيەن تيەنيۇڭلار قاتناشقاننىڭ سىرتىدا يەنە، بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ۋە پائالىيەتچىسى دەي جىنبو شۇنداقلا ساۋ جى ۋە ۋاڭ گۇاڭزىلار قاتناشقان. ئادۋوكاتلار يىغىندا پرېزىدېنت ئوباما كېلەر ئاي خىتاينى زىيارەت قىلغاندا دىنىي ئەركىنلىك، قانۇننىڭ رولى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئالدىغا قويۇشى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.