خىتاي ئافغانىستانغا كۆز تىكمەكتە
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﺎﻣﯩﻞ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ
2009.05.01
2009.05.01

AFP Photo
بۇ ماقالە كانادالىق ئىككى نەپەر ئىستراتېگىيە ۋە مۇداپىئە مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئافغانىستانغا كۆز تىكىشىدە، خىتاينىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقى ئالاھىدە تەھلىل قىلىنغان.
بۇ ماقالە تورونتودىكى كانادا خەلقئارا كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى توماس ئادامس بىلەن ئوتتاۋادىكى مۇداپىئە كېڭىشى جەمئىيىتىنىڭ مۇداپىئە مەسىلىلىرى ئانالىزچىسى ئارناۋ مانچاندا تەرىپىدىن يېزىلغان.
ماقالىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تالىباندىن كېيىنكى ئافغانىستان بىلەن ئالاقىلارنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى، ئافغانىستاننىڭمۇ يىراقتىكى غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۆپخىللاشتۇرۇش ئۈچۈن خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىشىغا قىزىقىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ ئافغانىستانغا ئالاھىدە قىزىقىشىدا ئۈچ خىل ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتىنىڭ ئالاھىدە تۈرتكىلىك رولى بولۇۋاتقانلىقى ئىزاھلاپ ئۆتۈلگەن.
ئىقتىسادى ئىستراتېگىيىلىرى
ماقالە ئاپتورلىرى خىتاينىڭ ئافغانىستانغا كۆز تىكىشىدىكى ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيىسى ھەققىدە توختىلىپ: "خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تىز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىشى چەتئەلدىن ئېنېرگىيە ۋە يېقىلغۇ كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئافغانىستان مول تەبىئىي بايلىقلارغا ئىگە. 2008 - يىلى خىتاينىڭ جياڭشى ئۆلكىلىك مىس شىركىتى بىلەن خىتاي مېتاللۇرگىيە شىركىتى بىرلىشىپ، 3 مىليارد 500 مىليون دوللارلىق مەبلەغ سېلىپ، ئافغانىستاننىڭ تېخى ئېچىلمىغان ئايناك ناملىق مىس كېنىنىڭ تولۇق ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىۋالدى، بۇ كېلىشىم خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ غەلىبە ھېسابلىنىدۇ،" دەپ يازىدۇ.سىياسىي ئىستراتېگىيىسى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى
كانادالىق ئىستراتېگىيە ۋە مۇداپىئە مۇتەخەسسىسلىرى، خىتاينىڭ ئافغانىستانغا قىزىقىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: " خىتاي بىلەن ئافغانىستان "ئۈچ خىل كۈچ" كە يەنى رادىكاللىق، تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك بىلەن كۆرەش قىلىشتا ئورتاقلىققا ئىگە. ئەمما بېيجىڭ ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئاتالمىش "ئۈچ خىل كۈچ" ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئافغانىستان بىلەن 76 كىلومېتېرلىق ئۇزۇنلۇقتىكى چېگرا لىنىيىسىگە ئىگە. بېيجىڭنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشى بۇيىچە، "شەرقىي تۈركىستان ئىسلامى ھەرىكىتى" ناملىق تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى 90 - يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا، ئافغانىستاندا تالىباننىڭ ياردىمى بىلەن ھەربىي مەشىق ئېلىپ بارغان، كېيىن ئۇلار خىتايغا قايتىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جىھات ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان،" دەپ يازىدۇ.ماقالە ئاپتورلىرى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقانلىقىنى ۋە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ ئېغىر بەدەل تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: "بۇ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇنۇۋاتقان خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۈچۈن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئاقىۋەتتۇر. ئەگەر خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر رايونىدىن ئايرىلسا، بۇ تىبەتلىكلەرنىڭ ئالىي ئاپتونومىيە تەلىپىگە ئىلھام بېرىدۇ. گەرچە تىبەتلىكلەر خىتايدىن پۈتۈنلەي ئايرىلمىغان تەقدىردىمۇ. بۇ يەنە تەيۋەننىڭ رەسمىي مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇڭا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن ئافغانىستان چېگرىسىدىكى بىخەتەرلىك كۈچلىرىنى كۆپەيتمەكتە،" دەپ يازىدۇ.
ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيىسى
ماقالە ئاپتورلىرى ئافغانىستاندا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنىڭ ئىشقا ئېشىشىنىڭ خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: "ئافغانىستاننىڭ مۇقىملىقى خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئىستراتېگىيىلىك ۋە ئىختىسادىي مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينايدۇ. خىتاي پاكىستاننىڭ بەلۇجىستان ئۆلكىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان، گۋادار پورتىغا كۆپلەپ مەبلەغ سالدى. چۈنكى خىتاي ئىمپورت قىلغان نېفىتىنىڭ 60% ى بۇ پورتنىڭ 400 كىلومېتېر غەربىدىكى ھورمۇز بوغىزىدىن ئۆتىدۇ. ئايناك مىس كېنى ۋە گۋادار پورتى بىلەن خىتاينى تۇتاشتۇرىدىغان قۇرۇقلۇق يولى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئۆتىدۇ،" دەپ يازىدۇ.
ئۇلار ماقالىسىدە ئۇيغۇرلار ۋەتىنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ.
خىتاينىڭ ئافغانىستانغا سىڭىپ كىرىشى ۋە بۇنىڭ ئاقىۋىتى
بۇ ماقالىدە يەنە ، خىتاينىڭ ئافغانىستاندىكى بۇ " بۈيۈك ئويۇن" غا باشقىلارغا ئوخشاش ئويۇنچى سۈپىتىدە بىۋاستە قاتنىشىشنى ۋە بۇ دۆلەتكە قول تىقىشنى خىيال قىلىۋاتقانلىقى، لېكىن بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى تۈپەيلىدىن نۆۋەتتە بىر چەتتە قاراپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى ۋە ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىكى ناتو نىڭ، يەنى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قىسىملىرى تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان مۇددەتتە، خىتاينىڭ بۇ يەردىن ئەمەلىي بىر مەنپەئەت ئالالمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلىدۇ.بۇ ئىككى نەپەر كانادالىق ئىستراتېگىيە ۋە مۇداپىئە مۇتەخەسسىسلىرى، ئافغانىستاندا تىنچلىق ئىشقا ئاشقاندا، خىتاينىڭ بۇ دۆلەتكە تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئافغانىستان ئۈچۈن مۇھىم دۆلەتكە ئايلىنىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئاخىرىدا سەلبىي ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: "بۇ يەردە يوشۇرۇن سەلبىي ئامىللار مەۋجۇت. ئادەتتە خىتاي سىڭىپ كىرگەن دۆلەتلەرگە، ئۆزلىرىنىڭ تۇتقان يولى، ئىجتىمائى، سىياسى ۋە ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىنى تاڭىدۇ. خىتاي ئافغانىستانغا سىڭىپ كىرگەندىن كېيىن، بۇ دۆلەتنىڭ ئىجتىمائى ۋە سىياسى تەرەققىياتىنى كونترول قىلىۋالىدۇ،" دەپ يازىدۇ.
ئۇلار ماقالىسىدە، ئافغانىستاننىڭ تېنچلىقى ئۈچۈن قان تۆكۈۋاتقان ۋە ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەۋاتقان غەرب دۆلەتلىرىنى، خىتاينىڭ بۇ دۆلەتكە سىڭىپ كىرىشىگە قارىتا، ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا چاقىرىدۇ.