خىتاي نېمە ئۈچۈن ئافرىقىغا يۈزلىنىدۇ

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان "ئەل دەۋەت" جۇرنىلىنىڭ 2008 - يىلى 3 - ماي سانىدا، " خىتاي نېمە ئۈچۈن ئافرىقىغا يۈزلىنىدۇ " دېگەن ماۋزۇدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان.

0:00 / 0:00

خىتايلار پۈتۈن ئافرىقا دۆلەتلىرىگە سىڭىپ كىرىشكە باشلىغان

ئۇنىڭدا مۇنداق دەپ يېزىلغان: "چاد دۆلىتى ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىچىدە ئەڭ نامرات ۋە سىياسىي ھەم ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن ئەڭ مۇقىمسىز دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چاد دۆلىتىنىڭ كۆپلىگەن يېزا، قىشلاقلىرىدا، بەلكى ئافرىقا قىتئەسىنىڭ كۆپ جايلىرىدا قۇرۇق چۆل ھاياتىدىن باشقا ھېچ نەرسە يوق. چۈنكى ئۇلارنى تاشقى ئالەم بىلەن باغلايدىغان يا راۋان يول ياكى تېلېفون ياكى باشقا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى يوقتۇر. لېكىن ئۇلاردا خىتايلارنىڭ بۇ يىراق چۆللەرگە ئېقىپ كېلىشىگە تۈرتكە بولغان قىممەتلىك بايلىق بار. ئۇ بولسىمۇ، نېفىتتۇر. شۇ سەۋەبتىن خىتايلار بۇ پېقىر دۆلەتلەرگە يول ياساپ بېرىش، سۇ ئىنشائاتلىرىنى سېلىپ بېرىش ۋە ماددىي جەھەتتىن ياردەم قىلىش ۋەدىلىرى بىلەن ئۇلارنى قايىل قىلىش نەتىجىسىدە، بۇ پېقىر دۆلەتلەرگە يۈزلەنمەكتە. ئافرىقا دۆلەتلىرى نېفىتنىڭ مەنبەسى. شۇ سەۋەبتىن خىتايلار پۈتۈن ئافرىقا دۆلەتلىرىگە سىڭىپ كىرىشكە باشلىغان. مەسىلەن: ئانگۇلا، نىگېرىيە، گانا ۋە كونگۇ قاتارلىق دۆلەتلەردە خىتايلار خېلى بۇرۇنلا يىلتىز تارتقان. مۇندىن باشقا خىتايلار ئافرىقىدىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ياكى ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن مۇقىمسىزلىقىدىن پايدىلىنىپ، بۇ دۆلەتلەرگە چوڭ شىركەتلىرىنى يۆتكەپ بولغان."

خىتايلار ئافرىقىدا غەربلىكلەرنىڭ ئورنىنى ئالماقچىمۇ؟

جۇرنالدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن:" ئۆتمۈشتە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدا ياشىغان بۇ ئافرىقا دۆلەتلىرى يېقىن زامانغىچە غەربلىكلەر بىلەن ھەر قايسى جەھەتلەردىن ھەمكارلاشقان بولسىمۇ، كېيىنچە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ئاجىزلىشىپ قالغان، ھەتتا بەزى دۆلەتلەردىكى ئۆز ‏ - ئارا ھەمكارلىق پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن. بۇنىڭ سەۋەبىگە كەلسەك، غەرب دۆلەتلىرى ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئىش بېشىدىكىلەرنىڭ دېموكراتىيىنى يولغا قويۇشتا پاسسىپلىقىغا نارازى بولۇپ، ئۇلاردىن ۋاز كەچكەن. ئافرىقا دۆلەتلىرى بولسا غەربلىكلەرنى ۋەدىسىگە تۇرمىدى، دەپ ئەيىبلەش بىلەن ئۇلاردىن يىراقلاشقان. ئافرىقىلىقلار مۇشۇنداق بۇرۇنقى دوستلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن خىتايلار ئۇلارغا يېڭى دوست سۈپىتىدە كەلگەن ۋە ئۇلارنى خۇددى ئىلگىرىكى غەربلىكلەرگە ئوخشاش ۋەدىلەر بىلەن قايىل قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا ياردەم قىلىدىغان ساخاۋەتچى سۈپىتىدە يانچۇقلىرىنى دوللار بىلەن تولدۇرۇپ كەلگەن. شۇنداق قىلىپ خىتايلار غەرب ئەللىرى تاشلىۋەتكەن ئافرىقا چۆللىرىگە يۈزلەنگەن. لېكىن غەرب دۆلەتلىرى خىتايلارنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى كېڭىيىشىگە رازى ئەمەس."

"خىتايلار ئافرىقىلىقلارنىڭ دېگەن يېرىدىن چىقامدۇ ياكى ئەكسىچە قىلامدۇ؟"

دۇبەينىڭ " ئەل ئەرەبىيە" تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر سۆھبەتتە، ئىقتىسادشۇناس مەريەم ئەبۇ لەيلى مۇنداق دېگەن ئىدى:" خىتاينىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن تاپقان پايدىلىرى 80 - يىللارنىڭ باشلىرىدا 10 مىليونغا يەتمىگەن مىقداردا بولۇپ، 2007 - يىلنىڭ ئاخىرىدا، خىتاينىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن بىر يىل ئىچىدە تاپقان پايدىلىرى 55 مىليارد دوللارغا يەتكەن. بۇ ئافرىقىدەك پېقىر دۆلەتلەرگە نىسبەتەن خېلى چوڭ رەقەمدۇر."

خىتايلار ئافرىقىغا راستىنلا تەرەققىيات كەلتۈرەمدۇ؟

جۇرنالدا يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:" غەرب دۆلەتلىرىدىن ئاغرىنىپ، ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگەن ئافرىقىلىقلار يېڭى دوستنى سىناپ بېقىش كويىغا كىرگەنمۇ قانداق، ئۇلار خىتايلارغا ئىشىكلىرىنى كەڭ ئېچىۋەتكەن ۋە ئۈمىدىنى ئۇلارغا باغلىغاندەك تۇرىدۇ. خىتايلار ئافرىقىلىقلارنىڭ دېگەن يېرىدىن چىقامدۇ ياكى ئەكسىچە قىلامدۇ. بۇنىڭغا ھازىرچە ئالدىراپ بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ. لېكىن شۇ ئېنىقكى، خىتايلارنى بۇ قاقاس چۆللەرگە ئېلىپ كەلگەن نەرسە نېفىتتۇر. خىتاينىڭ نېفىتكە بولغان زور تەشنالىقى ئۇلارنى ئافرىقىغا يۈزلەندۈرگەن دېيىشكە بولىدۇ."