'بوشۈن تور گېزىتى'دە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا يېقىنقى 50 كۈن ئىچىدە 6 قېتىم بالىلار باغچىسى ياكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئۆسمۈرلەرنى چانايدىغان قەبىھ قىرغىنچىلىق يۈز بەردى. ئاتا - ئانىلارنىڭ يۈرەك - باغرى ئۆرتەندى. جەمئىيەت قاتتىق سىلكىندى.
'سۇمرۇغ تېلېۋىزىيىسى'نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بۇ مەسىلىگە پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ 'ھۆكۈمەت جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاشتا قاتتىق تەدبىر قوللىنىپلا قالماي، بۇنداق ھادىسە يۈز بېرىشنىڭ چوڭقۇر ئىجتىمائىي سەۋەبلىرىنى تېپىش لازىم' دەپ بۇيرۇق چۈشۈرگەن.
'ئاجىزنى بوزەك قىلىش، كۈچلۈكتىن قورقۇش خىتاينىڭ مىللىي مىجەزى'
تەيۋەندە تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى لىن باۋخۇانىڭ قارىشىچە، بۇ، خىتاينىڭ مىجەزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئاجىزنى بوزەك قىلىش، كۈچلۈكتىن قورقۇش، بۇ خىتاينىڭ مىللىي مىجەزى، سەن ئۇنىڭغا يېلىنساڭ، سېنى بوزەك قىلىدۇ، قانچە يېلىنساڭ شۇنچە بوزەك قىلىدۇ، ئەگەر ئۆزەڭنى كۆرسىتىپ قويساڭ، ساڭا چېقىلالمايدۇ. خىتاي ئۇيغۇرلارنى، تىبەتلەرنى سانى ئاز بولغانلىقى ئۈچۈنلا بوزەك قىلىۋاتىدۇ. ئەمما كۈچلۈكتىن قورقۇدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى دەل مۇشۇنداق خىتاي مىجەز. ئۇ، ئاجىز مىللەتكە كۆرەڭلىگەن بىلەن ئامېرىكىلىقتەك، رۇسلاردەك كۈچلۈك مىللەتتىن قورقۇدۇ.
گەرچە بەزىدە ئامېرىكا ئادەمگەرچىلىك قىلىپ قويسا، ئۇنىڭغا ھۆرپەيگىنى بىلەن ياكى ئۇنى ئاخماق قىلماقچى بولغىنى بىلەن، ئۇ قاپىقىنى تۈرسىلا دەرھال يېلىنىپ، ئامېرىكا ماللىرىنى سېتىۋالىدۇ. خىتاي رۇسىيىدىنمۇ قورقۇدۇ. رۇسلار خىتايلارنىڭ مېلىنى مۇسادىرە قىلىپ كەتسە ياكى بوزەك قىلسا گەپ قىلالمايدۇ. مانا بۇ خىتاينىڭ مىللىي مىجەزى. تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ پارتىيىۋىلىكى.
'ئۇيغۇرلار قولىغا قورال ئېلىپ كەلگەن ساقچىغا ھۇجۇم قىلدى، بۇ نورمال مىجەز'
مۇستەقىل تەتقىقاتچى لىن باۋخۇانىڭ قارىشىچە، خىتايدا ھەممە ئادەمنىڭ مىجەزى مۇشۇنداق خىتاي مىجەزمۇ ئەمەس، مەسىلەن، ياڭ جيا ئاجىزنى بوزەك قىلمىدى، قولىدىكى قورالنى تەڭلەپ يۈرۈپ ئادەم بوزەك قىلغان ساقچىنى ئۆلتۈردى.
بۇنداق ئاجىزنى بوزەك قىلىدىغان، كۈچلۈكتىن قورقۇدىغان خىتاي مىجەز ئەمەس كىشىلەرمۇ بار. ئۇيغۇرلارمۇ دەل شۇنداق، ئۇلار ئاجىزغا ئەمەس، قولىغا قورال ئېلىپ كەلگەن ساقچىغا ھۇجۇم قىلدى. بۇ نورمال مىجەز.
'يامانغا تاقابىل تۇرالماي ، ئاچچىقىنى بالىلاردىن ئالغان بۇنداق خىتاي مىجەز ئادەملەرنى ھەرگىز كەچۈرۈشكە بولمايدۇ'
مۇستەقىل تەتقىقاتچى لىن باۋخۇا نىڭ قارىشىچە، خىتايدا بالىلارغا قىرغىنچىلىق قىلىدىغان بۇنداق ۋەھشى ۋەقەلەر، خەلق ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىغان، دەردىنى ئېيتىدىغان يەر يوق، غەزىپىنى باسالمايۋاتقان ئەھۋالدا يۈز بەرگەن. ئەمما جىنايەت سادىر قىلغانلار ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلغان يامانغا تاقابىل تۇرالماي ، ئاچچىقىنى بالىلاردىن ئالغان، گەرچە ئۇلارمۇ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەر بولسىمۇ، ئەمما بۇنداق خىتاي مىجەزى بىلەن ئىش قىلغان ئادەملەرنى ھەرگىز كەچۈرۈشكە بولمايدۇ.
'خىتايلارنىڭ مىجەزىنى ئەڭ ياخشى بىلىپ، ئەڭ قاتتىق تەنقىد قىلغان ئادەم لۇشۈن'
- خىتايلارنىڭ مىجەزىنى ئەڭ ياخشى بىلىپ، ئەڭ قاتتىق تەنقىد قىلغان ئادەم بۇنىڭدىن 80 يىل بۇرۇن ئۆتكەن ئەدىپ لۇشۈن ، - دەيدۇ مۇستەقىل تەتقىقاتچى لىن باۋخۇا . ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، لۇشۈن 'ئادەتتە باتۇر غەزەپلەنسە، ئۆزىدىن كۈچلۈك دۈشمىنىگە پىچاق تارتىدۇ. قورقۇنچاق غەزەپلەنسە ئۆزىدىن ئاجىزغا پىچاق تارتىدۇ. ئەمما خىتايلاردا ئۇنداق ئەمەس.
خىتايلار دۈشمەن بىرىنى ئاچىقىپ مىلتىق بىلەن ئاتسا، يۈگۈرۈپ كېلىپ تاماشا كۆرىدۇ. قۇتقۇزۇش ئىنتايىن قېيىن بولغان بۇ مىللەتتە مۇنداق 'باتۇر'لار بار، ئۇلار پەقەت بالىلارغىلا ھومىيىدۇ. كىچىكىدىن تارتىپ مۇشۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچراپ چوڭ بولغان بالىلارمۇ، غەزەپلەنسىلا ئۆزىدىن كىچىك بالىلارغا ھومىيىدۇ. مۇشۇنداق مىجەزدە چوڭ بولغان بىرىنچى ئەۋلادمۇ شۇنداق، ئىككىنچى ئەۋلادمۇ شۇنداق، ئۈچىنچى ئەۋلادمۇ شۇنداق، تۆتىنچى ئەۋلادمۇ شۇنداق' دەپ يازغان. لىن باۋخۇانىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ مىجەزى دەل مۇ شۇنداق مىجەز، ئۇلار ئۇيغۇرلارنى، تىبەتلەرنى سانى ئاز ، قولىدا ھوقۇق يوق، پۇل يوق، بىزگە قارىتىپ ئاتىدىغان قورالى يوق دەپ بوزەك قىلىدۇ، ھەتتا سۆزلىگىلىمۇ قويمايدۇ.
'خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بايلارنى بۇلاپ مۈلۈككە ئىگە بولۇشقا ئادەتلەنگەن'
خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تارىخىنى پىششىق بىلىدىغان مۇستەقىل تەتقىقاتچى لىن باۋخۇانىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى قۇرۇلغاندا ئۇنىڭ تەركىبىدە بىر قىسىم غايىلىك زىيالىيلار بار ئىدى، 1927 - يىلىدىكى مەغلۇبىيەتتىن كېيىن، يېزىلارغا بېرىپ، خىتايدىكى ئىشلىمەي يەپ - يېتىشنى ئويلايدىغان ھورۇن، لۈكچەكلەرنى ئىشلىتىپ، ئارزۇيى بۇيىچە باندىتلىق قىلىپ بايلارنى بۇلاپ مۈلۈككە ئىگە بولۇشقا ئادەتلەنگەن. خىتايدىكى ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇنداق باندىتلار. مانا بۇ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ پارتىيىۋىلىكى ۋە خىتاي مىللەتچىلىكى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.