«ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشتىن ئاپتونومىيىگىچە»-خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئالدامچىلىقى

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلۇپ، ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، خىتاي بولمىغان باشقا مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشتىن ئاپتونومىيىگە قاراپ ماڭغان.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز يالقۇن
2012.11.08
xitay-kommunist-herbiy-305.jpg كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ماۋ زېدۇڭنىڭ ئىنقىلابىي يول-يورۇقلىرىنى ئۆگىنىۋاتقان كۆرۈنۈش. 1949-يىلى، جىنگاڭشەن.
AFP

خىتايچە چىقىدىغان «خىتاي دۆلىتىنىڭ تارىخى» قاتارلىق بىر قانچە تور بەتلەردە ئېلان قىلىنغان ماقالىلەردە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلۇپ تاكى ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغىچە بولغان ئارىلىقتا ئېلان قىلغان قانۇن، نىزامنامە ۋە خىتابنامىلىرىدا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى، ھەتتا مۇستەقىل بولۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن خىتاي بولمىغان باشقا مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشتىن ئاپتونومىيىگە قاراپ ماڭغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ.

1922-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ 2-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى چاقىرىلىدۇ ۋە قۇرۇلتاينىڭ خىتابنامىسىنى ئېلان قىلىدۇ. قۇرۇلتاينىڭ خىتابنامىسىدە خىتاي بولمىغان باشقا مىللەتلەرنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ماددىلار تۇنجى قېتىم كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، خىتابنامىنىڭ 4-ماددىسىدا «ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، دېموكراتىك فېدېراتسىيىگە ئەركىن قاتناشسا بولىدۇ» دەپ بەلگىلىنىدۇ. ئۇلار خىتابنامىنىڭ 4-ماددىسىغا بەرگەن ئىزاھاتىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ «شىنجاڭ، تىبەت ۋە موڭغۇلىيە تارىختىن بۇيان باشقا مىللەتلەر ياشاپ كەلگەن رايونلار بولۇپ، خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرى بىلەن بولغان ئىقتىسادى جەھەتتىكى پەرقى ناھايىتى چوڭ. ئەگەر بىز بۇلارنى قورال كۈچى بىلەن بويسۇندۇرىمىز دەيدىكەنمىز، بۇ خىتاي ئۈچۈنمۇ پايدىسىز. شۇڭا بىز ئۇلارنىڭ ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئەركىن فېدېراتسىيە قۇرۇش يولىنى تاللىشىمىز كېرەك.» ئەمەلىيەتتە خىتاي كوممۇنىستلىرى بۇ مەزگىللەردە يېڭىدىن قۇرۇلغان، ئاجىز مەزگىللىرى بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ تولۇق چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس ئىدى.

1931-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى خىتاي سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ 1-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئېچىلىپ، خىتاي سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئاساسىي قانۇن پروگراممىسى ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ ئاساسىي قانۇن پروگراممىسىنىڭ 14-ماددىسىدا ئېنىق قىلىپ «خىتاي سوۋېت ھاكىمىيىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە ئاجىز مىللەتلەرنىڭ خىتايدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. بۇلار ئۇيغۇر، موڭغۇل، تىبەت. قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر بولۇپ، بۇلارنىڭ خىتايدىن ئايرىلىپ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشنى ياكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەپ، خىتاي فېدېراتسىيىسىنىڭ ئىچىدە قېلىشنى تاللاش ھوقۇقى بار» دەپ بەلگىلەيدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتىيىدا قوبۇل قىلغان «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەسىلىسى ھەققىدىكى قارار» دىمۇ يۇقىرىقى مەسىلىلەر قايتا تەكىتلىنىپ، مەزمۇنى تېخىمۇ كونكرېتلاشتۇرۇلىدۇ. قاراردا مۇنداق دېيىلىدۇ «خىتاي سوۋېت ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر، موڭغۇل، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى شەرتسىز ئېتىراپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ خىتاي سوۋېت ھاكىمىيىتىدىن ئايرىلىپ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇش ياكى خىتاي سوۋېت فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچىدە قېلىشىنى ئاشۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزى بەلگىلەيدۇ.

1935-يىلى ئۇزۇن سەپەر ئۈستىدىكى خىتاي قىزىل ئارمىيىسى سىچۈەن ئۆلكىسىگە كەلگەندە، ئۇ يەردىكى تىبەت،مياۋزۇ قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن «ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش، ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش، ئۆزىنىڭ زېمىنىنى ئۆزى باشقۇرۇش ئەركىنلىكى بار» دەپ جار سالىدۇ.مۇشۇ يىلى 5-ئاي ۋە 12-ئايلاردا ئارقا-ئارقىدىن «موڭغۇللار خىتابنامىسى» ۋە «مۇسۇلمان مىللەتلەر خىتابنامىسى»نى ئېلان قىلىپ، بۇلار ئۆز ئۆزىگە خوجا بولغان مۇستەقىل ھاكىمىيىتىنى قۇرۇپ، سىياسىي، ئىقتىسادىي، دىنىي، ئۆرپ-ئادەت، ئەخلاقى، مائارىپ ۋە باشقا ئىشلىرىنى ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ،دەپ جاكارلايدۇ.

1944-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى سۇن جۇڭشەن ئۆلۈمىنىڭ 19 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يەنئەندە ئېچىلغان يىغىندا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ۋەكىلى جۇ ئېنلەي سۆزگە چىقىپ «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى چوقۇم ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك، بىز پەقەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغان باراۋەرلىك پرىنسىپى ئاساسىدا بىرلەشسەك، ئاندىن بىز بىرلىككە كەلگەن خىتاي فېدېراتسىيىسىنى قۇرالايمىز» دەيدۇ.

1945-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 7-قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان پارتىيە نىزامنامىسىدە يەنىلا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئاساسىدا دېموكراتىك فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى قۇرۇش تەشەببۇسى ساقلاپ قېلىنىدۇ.

1949-يىلى 9-ئايدا ئېچىلغان خىتاينىڭ سىياسىي كېڭەش يىغىندا ماقۇللانغان ئاساسىي قانۇن خاراكتېرىدىكى ئومۇمى پروگراممىسىدا، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش مەسىلىسىنىڭ ئەمدى ۋاقتى ئۆتتى، ئۇنى قايتا تەكىتلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق،دەپ تەكىتلەيدۇ.

1949-يىلى 10-ئايدا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى 2-دالا يۈرۈش ئارمىيىسىنىڭ ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق شتابىغا بەرگەن يوليورۇقىدا مۇنداق دەيدۇ «ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش مەسىلىسىنى ئەمدى تەكىتلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمىدى، بۇ پەقەت گومىنداڭغا قارشى ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە تەكىتلەنگەن چاقىرىق ئىدى. بۈگۈن يېڭى خىتاي دۆلىتى قۇرۇلدى، خىتاي دۆلىتىنىڭ كەلگۈسى ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىتاينى پارچىلايدىغان غالچىلارنىڭ سۇيىقەستىگە بىردەك قارشى تۇرىمىز.»

خىتاي كوممۇنىستلىرى 20 نەچچە يىلدىن بىرى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش تەشەببۇسىنى نېمە ئۈچۈن 1949-يىلىغا كەلگەندە بىراقلا چۆرۈپ تاشلايدۇ. بۇنىڭغا «خىتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تارىخى» دېگەن تور بەتتە مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ «خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىشى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت سىياسىتىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. ئۇلار ئاجىز ۋاقىتلىرىدا باشقا مىللەتلەرنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش، ھەتتا مۇستەقىل بولۇشىغا ياردەم بېرىش تەشەببۇسىنى كۆتۈرۈپ چىققان ئىدى. بۇ شۇ دەۋر تارىخى شارائىتىنىڭ تەقەززاسى بولۇپ، بۈگۈنكى خىتاينىڭ ئەھۋالىغا ماس كەلمەيدۇ.»

2003-يىلى نەشر قىلىنغان «ماۋ زېدۇڭنىڭ تەرجىمىھالى» دېگەن كىتابتا مۇنداق يازىدۇ «خىتاي كوممۇنىستلىرى مىللىي مەسىلىدە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشتىن ئاپتونومىيىگە قايتىش جەريانىنى باشتىن كەچۈردى، ئەينى چاغدا لېنىن ۋە سۇن جۇڭشەنمۇ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى، بىزمۇ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى تۇرغان ۋاقتىمىزدا بۇ شوئارنى قوللاندۇق. ھازىر ۋەزىيەتتە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولدى، بىز ئەمدى كونا سىياسەتنىڭ ئورنىغا يېڭى سىياسەت ئالماشتۇرۇشىمىز كېرەك» دەيدۇ.

ئۇنداقتا بۇ مەسىلىگە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قانداق قارايدۇ؟ بۇ خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئالدامچىلىقىمۇ ياكى خىتاي مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت خاراكتېرىدىكى ساختىلىقمۇ؟ بىز بۇ مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۇيغۇر زىيالىيسى سەمەت ئابلانى زىيارەت قىلدۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.