خىتاينىڭ ئۆز دۆلىتى ئىچىدىكى كرىزىسلارنى ھەمدە خەلقئارا بېسىملارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ئالەم قاتنىشى پروگراممىسىنى جان - جەھلى بىلەن داۋاملاشتۇرۇشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان سىياسىي كۆزەتچىلەر بۇنى خىتاينىڭ سىياسىي ئورنىنى ئۆستۈرۈشتىكى تىرىشچانلىقى دەپ قارىسا، ئەمما خىتاي ئۆكتىچىلەر خىتاينىڭ بۇنىڭدىكى غەرىزىنىڭ پەقەت خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش دەپ ئوتتۇرىغا قويماقتا.
خىتاي تەرەپ بۇ قۇرۇلۇشىنى ئۈچ باسقۇچلۇق ئالەم پونكىتى قۇرۇش پىلانىنىڭ مۇھىم قەدىمى دەپ كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان خىتاي ئۆكتىچىلىرى خىتاينىڭ مۇنداق مىنۇتلاردا نەچچە مىليون دوللارلىق ئالەم قاتنىشىشى پروگراممىسىنى يولغا قويۇشىنىڭ پەقەت خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
بۇ ھەقتە توختالغان ئامېرىكىدىكى لاۋگەي فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى خارىي ۋۇ ( ۋۇ خوڭ دا) خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ مەقسىتى نەچچە مىليون دوللارلىق شۇ خىلدىكى قۇرۇلۇشلار ئارقىلىق ئۆز پارتىيىسىنىڭ خەلق نەزىرىدىكى ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە كوممۇنىستىك رېجىمىنى كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خارىي ۋۇ مۇنداق دېدى: " بىز ، خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۇچۇن نامراتلارنى يۆلەشكە مەبلەغ سالمىدى؟ ئۇلار نېمە ئۈچۈن ئامېرىكىغا مەبلەغ سالىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇلار ئايغا سۈنئىي ھەمرا چىقىرىدۇ؟ دەپ سوئال قويىمىز. ئەگەر بۇ مىليونلىغان دوللار خەلققە سېلىنغان بولسا ئۇلارغا كۆپ مەنپەئەتى تېگەتتى. چۈنكى خىتايدا نامراتلار بەك كۆپ. نۇرغۇن مەكتەپلەرنىڭ ئەسلىھەلىرى تولۇق ئەمەس، خەلقنىڭ ھەتتا قانداق زىرائەت تېرىشنى قارا قىلىدىغان ھوقۇقىمۇ يوق. بۇلارنىڭ ھەممىسى كوممۇنىست رېجىمىدىن بولۇۋاتقان گەپ."
ئۇ يەنە خىتاينىڭ سىياسىي سىستېمىسىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى ، قارىماققا ئوخشاشتەك قىلسىمۇ، يەنىلا ماۋ زېدوڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان زامانلارغا تۈپتىن ئوخشىشىدىغانلىقىنى، خىتايدىكى رېجىم ۋە باستۇرۇش تۈپەيلى پۇقرالارنىڭ، ئۆزلىرى يولۇقىۋاتقان نامراتلىققا ئوخشاش مەسىلىلەر ئۈستىدە ئوچۇق پىكىر بايان قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ھالبۇكى، ب ب س ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىنىشىچە، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان دۆلەتلىك ئاسىيا تەتقىقات ئىشخانىسىدىكى دىن چېڭ، خىتاينىڭ ئالەم قاتنىشى پروگراممىلىرىنى يىل ئۇلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇشى، خىتاينىڭ خەلقئارا سەھنىگە چىققانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنە خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدە ئالەم قاتنىشى غەلىبىسى ئارقىلىق ئۆز پارتىيىسىنى مۇستەھكەملەش مەقسىتىنىڭ بارلىقىنىمۇ چەتكە قاقمىغان.
لېكىن بۈگۈن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىندا خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ليۇ جىيەنچاۋ، خىتاينىڭ ئادەم سېلىنغان ئالەم كېمىسىنى قويۇپ بېرىشتىكى مەقسىتى ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچ يوسۇندا پايدىلىنىش، خىتاي ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە خىتاي خەلقىغە بەخىت يارىتىش دەپ كۆرسەتمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ نۆۋەت ئۇچقۇچىسىنى ئالەم بوشلۇقىدا مەشغۇلات قىلدۇرۇپ سىناش ھەمدە كەلگۈسى ئون يىلدا ئالەم پونكىتى قۇرۇشنى پىلان قىلغان ئىدى.
ھالبۇكى خىتاينىڭ ئالەم قاتنىشى تېخنولوگىيىسىنىڭ تېخنىكىلىق سەۋىيىسىدىن خەۋەردار مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئۆز ئالدىغا ئالەم پونكىتى قۇرۇش سەۋىيىسىگە ئالدىراپ يېتەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
ب ب س خەۋەرلەر تورىدا خىتاينىڭ ئالەم قاتنىشى تېخنولوگىيىسى ھەققىدە بېرىلگەن بىر پارچە ماقالىدە نەقىل قىلىنىشىچە، ئامېرىكا دۆلەتلىك ھاۋا ۋە ئالەم قاتنىشى مۇزېيى، ئالەم قاتنىشى تارىخى بۆلۈمىدىكى تەتقىقاتچى دوكتۇر روگەر لانىۇس، گەرچە خىتاي ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچقۇچى سېلىنغان ئالەم كېمىسىنى يوللىغان ئۈچىنچى دۆلەت بولسىمۇ، ئەمما بۇ جەھەتتە ئامېرىكا ۋە رۇسىيىلەر يەتكەن سەۋىيىگە يېتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ باسىدىغان مۇساپىسى ئىنتايىن ئۇزۇن ئىكەن.
دوكتور لانىۇس ئەپەندىم بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتايلارنىڭ ئالەم قاتنىشى پروگراممىسىنى سىرتتىن كۈزەتكەندە، ئۇلارنىڭ ئۇچقۇچى سېلىنغان ھەمدە بەزى مەھسۇلاتلارنى ئېلىپ بارالايدىغان ئالەم كېمىسى ياساش جەھەتتە مۇئەييەن نەتىجە قازانغانلىقىنى، ئەمما بۇلارنىڭ ئالەم قاتنىشىدا خىتايلار كۆزلىگەن نىشانغا يېتىشكە يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە: " ئۇلار بۇ نۆۋەت ئالەم بوشلۇقىدا مەشغۇلات قىلىشنى پىلان قىلماقتا. ئۇلارنى بۇ جەھەتتە غەلىبە قازاندىمۇ دەيلى، ئەمما ئالەم بوشلۇقىدا بىر قېتىم مېڭىش (مەشغۇلات ئىشلەش) بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ،" دېگەن.
خىتاي ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى 25 - سېنتەبىر بېيجىڭ ۋاقتى 21 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، جيۇچۈەن ئالەم قاتنىشى بازىسىدىن شېنجۇ 7 تىپلىق ئالەم كېمىسىنى قويۇپ بەردى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئالەم كېمىسىگە ئىككى خىتاي ئالەم ئۇچقۇچىسى سېلىنغان بولۇپ، بۇ كېمىنى ئۇزۇن سەپەر تىپلىق توشۇغۇچى راكېتا ئالەمگە ئېلىپ ماڭغان.
خىتاي 1958 - يىلىدىن بۇيان ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىغا ئىزچىل مەبلەغ سېلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، شۇ يىلى خىتاي ئارمىيىسى گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى جيۇچۈەن رايونىغا ئالەم كېمىسى قويۇپ بېرىش بازىسى قۇرغان ۋە 2003 - يىلىغا كەلگەندە ئالەم ئۇچقۇچىسى باشقۇرىدىغان شېنجۇ 5 تىپلىق ئالەم كېمىسىنى قويۇپ بېرىپ خەقلەرنىڭ دىققىتىنى تارقاتقان بولسا، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ 2007 - يىلى يانۋاردا ھاۋارايى ساھەسىدە ئىشلىتىلىدىغان بىر سۈنئىي ھەمراھنى باشقۇرۇلىدىغان بومبىدا ئېتىپ چۈشۈرۈشى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.