ھازىرقى ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۇنازىرىسى

يېقىندا ۋاشىنگتوندىكى ۋېلسون تەتقىقات مەركىزىدە، ھازىرقى ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمىدە، ئامېرىكىنىڭ ۋە خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسلىرى، ئامېرىكا بىلەن خىتاي دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 يىلغا (خىتايدا ئىشىكنى ئېچىش - ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش يولغا قويۇلغان 30 يىلغا) نەزەر سالدى ۋە ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ھەققىدە ئۆزىنىڭ پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

0:00 / 0:00

بۇ مۇھاكىمىدە، خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مۇنازىرىسى ئامېرىكا بىلەن خىتاي قانداق ھەمكارلىشىشى كېرەك، توقۇنۇشلارنى قانداق ئازايتىشى كېرەك، ئۇقۇشماسلىقنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك دېگەن مەسىلىگە مەركەزلەشتى.

خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ھەر خىل تەسۋىرلەر ئارقىلىق 'خىتاي ھازىر كۈچلۈك' دەپ پوپوزا قىلىشقا تىرىشتى. ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرى بۇنىڭغا قارىتا كەسكىن جاۋاب بەرگەن.

جاڭ چىڭگو: ئەگەر خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە ھەمكارلىق ياخشى يولغا قويۇلمىسا، مۇناسىۋەت كەينىگە چېكىنىدۇ

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنىستىتوتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جا چىڭگو ' ئامېرىكىدا ئوباما تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئاكتىپ پوزىتسىيىدە بولۇپ، ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈردى. پرېزىدېنت ئوبامانىڭ، كۆپ دۆلەت دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ چىڭداۋدا ئۆتكۈزىلىدىغان دېڭىز پاراتىغا ئادەم ئەۋەتمەكچى بولغانلىقى بۇنىڭ بىر ياخشى مېسالى' دەپ گېپىنى باشلاپ، ھازىرقى مەسىلىلەرنى ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى كۆرسەتكەن.

ئۇنىڭ قارىشىچە، ھازىر خىتاي - ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ، دېڭىز ئارمىيە ھەمكارلىقى، تېررورچىلىققا زەربە بېرىش، دېڭىز قاراقچىلىرىغا زەربە بېرىش، يادرو قوراللىرىنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنى چەكلەش، ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىلىرىدە ھەمكارلىقنى يولغا قويىدىغان بوشلۇق ناھايىتى كۆپ. ئەگەر خىتاي - ئامېرىكا ئوتتۇىرسىدىكى بۇ مەسىلىلەر ياخشى بىر تەرەپ قىلىنسا، بۇ ئىككىى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى نورمال تەرەققى قىلىدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، بىخەتەرلىك مەسىلىسى ۋە سىياسىي مەسىلىلەردە كەينىگە چېكىنىدۇ.

گۇ گولياڭ: ئامېرىكا چۇقۇم خىتاينىڭ يادرو كۈچىنىڭ ۋەھىمە كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك

خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئامېرىكا ئىنىستىتوتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گۇ گولياڭ مۇنازىرىدە 'خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ھازىرقى ھەربىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭ كەينىدە قالدى. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ، بۇ ئىككى دۆلەت بىر - بىرىنى دۈشمەن دەپ قارىماسلىقى كېرەك، بەلكى دوست ۋە ھەمكارلاشقۇچى دەپ قارىشى كېرەك. بۇ جەھەتتە ، ئامېرىكا چۇقۇم خىتاينىڭ يادرو كۈچىنىڭ ۋەھىمە كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك، ئۇنى سەل چاغلىماسلىقى كېرەك. قارشى تەرەپنىڭ خۇددى تەيۋەن مەسىلىسىدەك ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، ئاندىن خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ساغلام تەرەققى قىلىدۇ. بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ھازىر بۇ مەسىلىدە ھەمكارلىشىشى ئۈچۈن يەنە بوشلۇق بار' دەپ كۆرسەتكەن.

جوزىپ ناي : ئەگەر ئامېرىكا خىتاينى دۈشمەن دەپ قارىسا، ئۇ چۇقۇم بىزنىڭ دۈشمىنىمىزگە ئايلىنىدۇ

ئامېرىكىدىكى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنىستىتوتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جوزېپ ناي بۇ مۇنازىرىدە 'ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۆزگىرىشچان' ئىكەنلىكىنى تەسۋىرلەپ كۆرسەتكەن.

جوزىپ ناي ئەپەندى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزىرىيىسى ساھەسىدىكى لىبىراللار نىڭ ۋەكىلى، ئۇ 1958 ‏ - يىلى ئامېرىكىدىكى پرىنستون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاممىۋىي مۇناسىۋەت نەزىرىيىسىى بۇيىچە دوكتورلۇق ئۈنۋانى ئالغان، 1960 - يىلى ئەنگىليىدىكى ئوكىسپورت ئۇنىۋېرسىتېتىدا پەلىسەپە - سىياسەت - ئىقتىساد نەزىرىيىسى بۇيىچە ماگىستىرلىق ئۈنۋانى ئالغان، 1964‏ - يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا سىياسەت پەنلىرى بۇيىچە دوكتورلۇق ئۈنۋانى ئالغان. ئۇ، مۇشۇ ساھەرلەردە ئەڭ بۇرۇن پەم - پاراسەت كۈچى smart power دېگەن نەزىيىۋىي ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويغان كىشى. ئۇ مۇشۇنداق سالاھىيەت بىلەن سابىق پرېزىدېنت جىمى كارتېرنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى بولغان. سابىق پېرىزىدېنت كىلىنتوننىڭ ئۇچۇر - ئاخبارات كومىتېت رەئىسى بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا قايتىپ، كېننىدى تەتقىقات ئىنىستىتوتىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۆتىگەن. ئۇنىڭ يازغان كىتابلىرى كەڭ كۆلەمدە ئالقىشقا ئىگە.

پروفېسسور ناي بۇ مۇھاكىمە يىغىنىدا خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ 'جۇڭگو كۈچلىنىپ كەتتى' دەپ ئىپادىلىگىنىگە قارىتا ' بۇ ئامېرىكىغا ۋەھىمە كەلتۈرەلمەيدۇ. ئەگەر ئامېرىكا خىتاينى دۈشمەن دەپ قارىسا، ئۇ چۇقۇم بىزنىڭ دۈشمىنىمىزگە ئايلىنىدۇ؛ ئەگەر خىتاينى دوستىمىز دەپ قارىسا، بىز بىرمۇ دوستقا ئېرىشەلمەيمىز. ئەگەر خىتاينىڭ ئالدىنى توسىدىغان بىرسى بار دېيىلسە، ئۇ خىتاينىڭ ئۆزى' دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇ مۇنازىرىدە يەنە 'ئەگەر خىتاي باشقىلارنى قىستايمەن دېسە، ئۇ ئۆزى ئۈچۈن خۇددى ھىنىدستان، ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيىلەرنىڭ دۈشمىنىدەك بىر ئوبراز يارىتىدۇ، بۇ دۆلەتلەر ھەممىسى بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ خىتاينىڭ ئالدىنى توسايدۇ. بىز بۇنداق ئاقىبەتنى كۆرۈشنى خالىمايۋاتىمىز، بەلكى خىتاينى دۇنيادا بىر مەسئۇلىيەتچان دۆلەت بولۇشقا، خەلقئارا جەمئىيەتكە ماسلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈۋاتىمىز، مانا بۇ ئامېرىكىنىڭ 1995‏ - يىلىدىن بۇيانقى خىتاي سىياسىتى' دەپ چۈشەندۈرگەن.

جوزىپ باي ئەپەندى خىتاينىڭ ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ نازۇك يېرىنى كۆرسىتىپ 'ئەگەر خىتاينىڭ نەزىرىدە ، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن، تېبەت مەسىلىلىرىدىكى كۆز قارىشى خىتاينىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئارىلاشقانلىق دەپ ھېسابلىنىۋەرسە، ئامېرىكا - خىتاي مەسىلىسىدە جىددىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش پەيدا بولىدۇ، بۇنداق ئەھۋال چىقماسلىقى مۇمكىن دېيىلگەندىمۇ، ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئىسىتبقالى پارلاق بولمايدۇلا ئەمەس، بەلكى خۇنۇكلىشىپ كېتىشى مۇمكىن' دەپ كۆرسەتكەن.