خىتاي، ئافغانىستان ۋە پاكىستاندا تالىبان ھەم ئەل - قائىدىگە قارشى ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشامدۇ ؟

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئالدىنقى كۈنى ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئافغانىستاندىكى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە تەرەپلەرنىڭ پىكىرى ئېلىندى.

0:00 / 0:00

بۇ قېتىمقى يىغىن ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا ئەل - قائىدە تالىبانلارغا قارشى ئۇرۇشى 7 - يىلغا كىرگەن، لېكىن ئەل - قائىدە ۋە تالىبانلارنىڭ ھەرىكىتى يېقىندىن بېرى قايتا ئۇلغايغان مەزگىلدە چاقىرىلدى. يىغىندا ئەرباپلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈپەيلى رايوندا دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ كۈچىيىشى خالىمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. لېكىن خىتاي نېمە ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇشىغا ياردەمدە بولمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە ئوخشىمىغان پىكىرلەردە بولدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلغان چارشەنبە كۈنكى ئىسپات بېرىش يىغىنى ئامېرىكا 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئافغانىستاندا قوزغىغان تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇش 7 - يىلغا كىرگەن، لېكىن بۇ يىللار مابەينىدە تالىبانلار ۋە ئەل - قائىدە گۇرۇھى يوقۇتۇلمايلا قالماي، ئۇلارنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈش ئېھتىمالى كۈچەيگەن مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنلارنىڭ بىرى ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بار - يوقلۇقى، يىغىندىكى مۇزاكىرە تېمىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. شۇ كۈنكى يىغىندا كلىنتون ھۆكۈمىتى دەۋرىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلار ئىسپات بەرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ سابىق ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىچارد خولبۇرك، ئامېرىكىنىڭ ب د ت دىكى سابىق باش ئەلچىسى توماس پكېرىڭلار بار ئىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن بۇ دىپلوماتلارنىڭ پىكىر جەھەتتىكى ئورتاقلىقى بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى تېررورىزمغا قارشى سىياسىتىنى كەسكىن تەنقىد

CHINESEARMFOUND1-200
ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﯩﻨﺎ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ ﺗﺎﻟﯩﺒﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ. (AFP)

قىلغۇچىلار ئىكەنلىكىدە شۇنداقلا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئافغانىستاندا مەنپەئەت بىرلىكىگە ئىگە، ئافغانىستان ئامېرىكا بىلەن خىتاي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتەلەيدىغان بىر ساھە، دەپ قارايدىغانلىقىدا ئىدى. يىغىندا رىچارد خولبۇرك خىتاينىڭ ئەتراپىدىكى خوشنا ئەللەردە ۋەزىيەتنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتايغا رايوندا ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش ئىمكانىيىتى يارىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۆزىنىڭ يېقىندا بېيجىڭغا بارغانلىقىنى تەكىتلىگەن رىچارد خولبرۇكنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزنى ئاڭلاپ باقايلى. ئۇ،" مەن 4 - ئايدا بېيجىڭغا بېرىپ خىتاي تەرەپ بىلەن ئافغانىستان مەسىلىسى ئۈستىدە سۆزلەشتىم. ئۇلار ئافغانىستان ۋەزىيىتىگە ناھايىتى دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. مەن ئويلايمەنكى ئۇلار بىزگە ئوخشاشلا ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى، ئافغانىستاننىڭ مۇقىملىقىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئافغانىستان ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتەلەيدىغان بىر ساھە،" دەيدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى جياڭ زېمىن دەۋرىدە ئامېرىكىنىڭ 2001 - يىلى ئافغانىستاندا تالىبانلار ۋە ئەل - قائىدىگە قارشى قوزغىغان ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئامېرىكا بولسا ئافغانىستاننى بازا قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى تېررورىزم مۇددىئاسىدىكى تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ئىدى. ئوتتۇرىدا خېلى يىللار ئۆتتى، ئەمما ش ت ئى ھەرىكىتىنىڭ يېقىنقى پائالىيىتىگە ئائىت ئۇچۇرلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە دىققىتىنى تارتقان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ مەسئۇلى دېلل دېيلېي يېقىندا خىتاي تەرەپنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا بۇ ئەھۋالنىڭ ئافغانىستان ۋە پاكىستاندىكى ۋەزىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي نېمە ئۈچۈن ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقىنى ئىستەيدۇ ؟ ئامېرىكىنىڭ ب د ت دىكى سابىق باش ئەلچىسى توماس پكېرىڭ دۆلەت مەجلىسىدە ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈردى. ئۇ، خىتاينىڭ رايوندىكى دۆلەتلەرگە قىزىقىشىنى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ رايوندا ئېلىپ بارغان پائالىيىتىگە باغلايدۇ.

توماس پكېرىڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، " خىتاي بۇ رايوننىڭ ۋەزىيىتىگە ناھايىتى قىزىقىدۇ. چۈنكى خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ تالىبان دەۋرىدىكىگە ئوخشاش ئافغانىستان قاتارلىق جايلاردا قوللاش ۋە ھەربىي تەلىم - تەربىيە ئېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. شۇڭا مەن ئويلايمەنكى خىتاي مەزكۇر رايوندا ئىنقىلاب ۋە قالايمىقانچىلىقنىڭ داۋاملىشىشىنى ئەمەس، ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىشىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.

" ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن شۇ كۈنلەردە ھىندىستان ۋە پاكىستاندىكى بەزى مەتبۇئاتلار شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى كىم قوللاۋاتىدۇ، دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى ئىلگىرى سۈرگەن مەزگىلى ئىدى. ھىندىستان " ئالدىنقى سەپ" ژۇرنىلى يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى پاكىستان ئىچكى ئاخبارات ئىدارىسى مەخپىي قوللاۋاتقانلىغىنى تەكىتلىگەن. ماقالىدە پاكىستاننىڭ مەقسىدى ش ت ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ پائالىيىتىنى كوزۇر قىلىپ، خىتاينى قورقۇتۇش، خىتاينىڭ پاكىستانغا بېرىدىغان ياردىمىنى كۆپەيتىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن . لېكىن پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ پېنسىيىگە چىققان پالكوۋنىكى غۇلام سەرۋەر بۇنىڭغا جاۋابەن ماقالە ئېلان قىلىپ، ھىندىستان مەتبۇئاتىنىڭ قارىشىنى رەت قىلىدۇ ۋە ش ت ئى ھەرىكىتىنى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قوللاۋاتقانلىغىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ يېقىندا ئىسلامچىلارنىڭ بىر تور بېتىگە جەنۇبىي ۋەزىرىستاندىكى شەرقي تۈركىستان غازاتچىلىرىنىڭ 3 نەپەر خىتاينى ئۆلتۈرگەنلىك سىنئالغۇ لېنتىسى چاپلانغان مەزگىللەر ئىدى.

شۇ مەزگىلنىڭ ئۆزىدە خىتاينىڭ پاكىستاندىكى باش ئەلچىسى ئىسلامئاباد دائىرىلىرىنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ پائالىيىتى كۈچىيىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرىدۇ. رىچارد خولبۇرك، توماس پكېرىڭنىڭ پىكىر جەھەتتىكى ئورتاقلىقى ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى تېررورىزم سىياسىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلار ئىكەنلىكىدە. توماس پكېرىڭ ئافغانىستاندا ۋەزىيەتنىڭ" ئېغىر تەھدىت" ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئافغانىستاننىڭ دەۋر بۆلگۈچ نۇقتىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن پكېرىڭ،" ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا بىز ئافغانىستاننىڭ غالىبىيەت يولىغا كېتىۋاتقانلىقىدىن ئىلھاملانغان، لېكىن بۈگۈنكى كۈندە ئافغانىستان ناھايىتى ئېغىر تەھدىتلەرگە دۇچ كەلمەكتە.

بۇ تەھدىتلەر توپىلاڭچىلارنىڭ ھەرىكىتى كۈچىيىش، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى ئىرادىسى بوشاش، رايون خاراكتېرلىك رىقابەتلەرنىڭ كۆپىيىشى، يەرلىك خەلقلەردە ئىشەنچسىزلىكنىڭ ئارتىشى قاتارلىقلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپماقتا. ئافغانىستاندا تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇشى مەغلۇپ بولسا بۇ تالىبانلار ۋە ئەل - قائىدە پاناھجايغا ئېرىشتى، دېگەنلىكتۇر. ئۇ چاغدا ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى مەنپەئەتى ۋە ئامېرىكا زىمىنى تەھدىتكە دۇچ كېلىدۇ،" دەپ كۆرسەتتى. خولبۇرك بولسا ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋام قىلىش ئېھتىمالى بارلىقى، ئامېرىكىنىڭ بارا - بارا يا چېكىنەلمەيدىغان، يا - غەلىبە قىلالمايدىغان بىر نۇقتىغا كېلىپ قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

لېكىن، خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن ئافغانىستاندا ھەمكارلىشىش نىيىتى بار يوقلۇقى مەسىلىسىدە خولبۇرك بىلەن دۆلەت مەجلىسىدىكى جۇمھۇرىيەتچى ئەزالار ئارىسىدا پىكىر ئىختىلاپى مەۋجۇت ئىدى. خولبۇرك دۆلەت مەجلىسىدىكى يىغىندا بۇش ھۆكۈمىتى ئافغانىستاندىكى تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇشنى خىتاي - ئامېرىكا ھەمكارلىقىغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك ئىدى، دەپ تەنقىدلىگەن بولسىمۇ، لېكىن جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى تام تانكىرىدو، بۇش ھۆكۈمىتى ھەمكارلىشىشنى تەكلىپ قىلغان تەقدىردىمۇ خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن ئاكتىپ ھەمكارلاشمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تانكرىدو:" خىتاينىڭ بىزگە ياردەم قىلىش نىيىتى ھەرگىز مەۋجۇت ئەمەس. ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا ياردەم بەرمەسلىك، بىزگە ئاۋارىگەرچىلىك تۇغدۇرۇش خىتاي تاشقى سىياسىتىنىڭ بىر قىسىمى" دەيدۇ.