ئامېرىكا، خىتاينىڭ ئالەم بوشلۇقى ۋە ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكىگە تەھدىتى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادى - بىخەتەرلىك كۆزىتىش كومىتېتىنىڭ دۆلەت مەجلىسىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنى، خىتاينىڭ ئالەم بوشلۇقى ۋە تور سىستېمىسىدا ئامېرىكا بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش كۈچى، زور كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنىڭ تارقىلىشىدىكى رولى ۋە بۇ تۈردىكى قوراللارنى چەكلەش ئەھدىنامىسىغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەش شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پىكىرىنى ئېلىشقا بېغىشلانغان يىغىنلارنىڭ بىرىدۇر.

0:00 / 0:00

شۇ كۈنكى يىغىندا ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئالەم بوشلۇقى، يەرشارى ئىنتېرنېت مەشغۇلاتىغا مەسئۇل گېنېراللار، تاشقىي ئىشلارمىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتى ۋە ئامېرىكا تەتقىقات ئورگانلىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىرى ئېلىندى. ئىسپات بەرگۈچىلەر ئىچىدە ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىستراتېگىيىلىك قارارگاھىنىڭ ئالەم بوشلۇقى پروگراممىسى مەسئۇلى، مۇئاۋىن قوماندان جېفرېي خورېن ۋە ئىستىراتېگىيىلىك قارارگاھى قارمىقىدىكى يەر شارى تور سىستېمىسى مەشغۇلات قىسىملىرىنىڭ مەسئۇلى پولكوۋنىك گەرىي مىكئالۇم شۇنداقلا ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن ياردەمچى مىنىستىرى پاترىشىيە مىكنېرنېيلار بار ئىدى.

" خىتاي سۈنئىي ھەمراھقا قارشى تۇرۇش قوراللىرىغا زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى "ئەسەبىيلىك" بىلەن راۋاجلاندۇرۇۋاتىدۇ "

يىغىندا گېنېرال جېفرېي خورېن، خىتاينىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى راۋاجلاندۇرۇش دۆلەتنىڭ ئابرويى ۋە دۆلەتنىڭ قۇدرىتىنى نامايەن قىلىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە،دەپ قارايدىغانلىقى، سۈنئىي ھەمراھ ، باشقا ئالەم ئەسلىھەلىرىنى ۋە سۈنئىي ھەمراھقا قارشى تۇرۇش قوراللىرىغا زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى "ئەسەبىيلىك" بىلەن راۋاجلاندۇرۇۋاتقانلىقى شۇنداقلا بۇنىڭ ئامېرىكا ۋە باشقىلارغا پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتى كۈچىيىۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى بىلدۈردى.

بۇ قوراللارنىڭ تەرەققىياتى تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ۋەزىيىتىدە زور مەنىگە ئىگىلىكىنى تەكىتلىگەن جېفرېي خورېن، " خىتاي ھەربىي كۈچىنى تەرەققى قىلدۇرۇش بىلەن تەڭ ئالەم بوشلۇقى ۋە ئالەم بوشلۇقى قوراللىرىغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرمەكتە....خىتاي تەرەققى قىلدۇرۇۋاتقان ئالەم بوشلۇقى قوراللىرى سۈنئىي ھەمراھقا قارشى تۇرۇش، ئالەم بوشلۇقىنى تىڭ-تىڭلاش شۇندااقلا ئالەم بوشلۇقىدا ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە قوراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ قوراللار تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ۋەزىيىتىدە زور مەنىگە ئىگە " دەيدۇ.

گېنېرال جېفرېي خورېن ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتىدىكى سۆزىدە يەنە، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ يېقىنقى بىر يازما يوللانمىسىدا دۈشمەننىڭ تىڭتىڭچى سۈنئىي ھەمراھلىرىنى، يولباشلىغۇچى سۈنئىي ھەمراھ ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى سۈنئىي ھەمراھلىرىنى "گاس ھەم قارغۇ" قىلىۋېتىش كېرەك، دەپ تەكىتلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

" خىتاي ئارمىيىسىنىڭ يەر شارى ئوربىتىسىدىكى سۈنئىي ھەمراھلارغا زەربە بېرىش ئىقتىدارى بار "

جېفرېي خپرېن، خىتاينىڭ 2007 ‏ - يىلى 1 ‏ - ئايدا ئالەم بوشلۇقىدىكى بىر كېرەكسىز ھاۋارايى سۈنئىي ھەمراھىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىك ۋەقەسى خىتاي ئارمىيىسىنىڭ يەر شارى ئوربىتىسىدىكى سۈنئىي ھەمراھلارغا زەربە بېرىش ئىقتىدارى بارلىقىنىڭ نامايەندىسى، دەپ تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلسا ، بۇنىڭغا ئامېرىكىنىڭ قايتۇرىدىغان ئىنكاسىنى تىلغا ئالمىدى. ئۇ پەقەت ئامېرىكىنىڭ "ئالەم بوشلۇقى ئىقتىدارىنى قوغداش جەھەتتىكى ئاكتىپچانلىقىنى ساقلاش" زۆرۈر، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا ئامېرىكا يەر شارى تور سىستېمىسى مەشغۇلات قىسىملىرىنىڭ مەسئۇلى، پولكوۋنىك گەرىي مىكئالېم، خىتاينىڭ ئامېرىكا تور سىستېمىسىغا تەھدىت سېلىش ئىقتىدارى ئۈستىدە توختىلىپ، خىتاي 2050 ‏ - يىلىغا قەدەر ئېلېكترون ساھەسىدە يەر شارى ئۈستۈنلۈكىگە ئېرىشىش، يەر شارى ئۇچۇر ئاساسى ئەسلىھەلىرىگە ئەجەللىك زەربە بېرەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشنى كۆزلىمەكتە، دەپ كۆرسەتتى.

پولكوۋنىك گەرىي مىكئالۇم ئوتتۇرىغا قويغان بۇ پەرەز ئامېرىكىدىكى كەۋېن كولمەن تېكنولىتىك ئىنستىتۇتىنىڭ يېقىندا تەييارلىغان بىر دوكلاتىدا تەكىتلەنگەن ئىدى. كولمەن ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادى - بىخەتەرلىك كۆزىتىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىغا "بۇ مەسىلىنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە مۇزاكىرە قىلىش كېرەك " دەپ قارايدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى تەھدىت بولماي، يېقىن كېلەچەكتىكى تەھدىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

" خىتاي قورال - ياراقلار سودىسىنى توختىتىشى كېرەك "

خىتاينىڭ بەزى ساھەلەردە مۇناسىۋەتلىك ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنى ھەيران قالدۇرغانلىقىنى تەكىتلىگەن كولمەن، " خىتاينىڭ بىر قانچە جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقى ئامېرىكا مۇداپىئە ۋە ئاخبارات خادىملىرىنى ھەيران قالدۇردى شۇنداقلا خىتاينىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى مۆلچەرلەش قابىلىيىتىمىزدە گۇمان قوزغىدى " دەيدۇ. بۇ قېتىمقى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا دوكلات بەرگەن ئەرباپلارنىڭ بىرى، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا بىخەتەرلىك، قىرغىنچى قوراللارنى تىزگىنلەش ئىشلىرىغا جاۋابكار مۇئاۋىن ياردەمچى مىنىستىرى پاترىشىيە مىكنېرنېي ئىدى. ئۇ، خىتاينىڭ قىرغىنچى قوراللارنى تىزگىنلەش مەسىلىسىدىكى خاتىرىسىنى تەنقىد قىلدى.

مىكنېرنېي، ئىراننىڭ ئىراقتىكى قارشىلاشقۇچى كۈچلەر ۋە تېررورچىلارنى قورال - ياراقلار بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىغا قارىماي، خىتاينىڭ ئىرانغا قورال - ياراقلارنى يوللاۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى قوراللارنىڭ ئىراقتىكى قارشىلاشقۇچى كۈچلەرنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، خىتاينىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ قورال - ياراقلار سودىسىنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى، چۈنكى ئىراقتىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ بۇ قوراللاردا ئۆلتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. خىتاينىڭ قورال - ياراقلار سودىسى يالغۇز ئىران بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن مىكنېرنېي، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا خەتەرلىك، دەپ قارايدىغان دۆلەتلەر بېرما، سۇدان ۋە سۈرىيەلەرگە قورال - ياراقلار سېتىۋاتقانلىقى، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن ، دېڭىز پورتى ۋە ئايرودروملىرىنى لۈكچەك دۆلەتلەرنىڭ خەتەرلىك ماتېرىياللارنى يۆتكىشىگە ئېچىپ بەرگەنلىكى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ،" ئەلۋەتتە بىز خىتاينىڭ چەتئەللىك قورال - ياراغ توشۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ بىخەتەرلىك ئۆتكۈنچى بېكىتى، دېگەن نامنى چۆرۈپ تاشلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز." . لېكىن ئۇ يەنە ، خىتاينىڭ قىرغىنچى قوراللارنى تىزگىنلەش سىياسىتىدە بىر ئاز ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى، بولۇپمۇ شىمالىي كورىيە بىلەن ئىرانغا يادرو پروگراممىسىدىن ۋاز كېچىش توغرىسىدا بېسىم ئىشلەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

"خىتاي خاكېرلىرىنىڭ ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى دائىم ئىشىتكىلى بولىدۇ "

ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادى - بىخەتەرلىك كۆزىتىش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى Daniel Blumenthal بولسا ئامېرىكا چوقۇم يۈز بېرىش ئېھتىمالى مەۋجۇت ھادىسىلەرگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىشى كېرەك، دەي قارايدىغان ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرى. ئۇ ئامېرىكا دۇچ كېلىۋاتقان بۇ تەھدىت توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: " بىز شۇنى قىياس قىلىشىمىز كېرەك. خىتاي ھەربىي ۋە ئاممىۋى ئىشلاردا ئامېرىكا بىلەن ئالەم بوشلۇقى رىقابىتى ئېلىپ بېرىپلا قالماي، ئالەم بوشلۇقى قوراللىرىنى ئاكتىپ تەرەققى قىلدۇرماقتا. ئامېرىكا چوقۇم بۇ ئەھۋالغا قارشى تەييار تۇرۇشى كېرەك".

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى زوئې لوفگرېن ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادى - بىخەتەرلىك كۆزىتىش كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقان ئىشتىراكچىلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ يىغىندا ئامېرىكىنىڭ تور بىخەتەرلىكى دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىت ئۈستىدە توختالدى.

ئامېرىكا تور سىستېمىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش كۈنتەرتىپتىكى مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن لوفگرېن، " خىتاي خاكېرلىرىنىڭ ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى دائىم ئىشىتكىلى بولىدۇ. مەسىلەن ، 2006 ‏ - يىلى 10 ‏ - ئايدا ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي خاكېرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئورگانلىرى نۇرغۇن سەزگۈر ماتېرىياللىرىنى ئادەتتىكى تور بەتلىرىدە ساقلايدۇ. شۇڭا بۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىر ئىش بولۇپ قالدى " دەيدۇ. ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادى بىخەتەرلىك كۆزىتىش كومىتېتى 2000 ‏ - يىلى قۇرۇلغان ئورگان بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى خىتاي بىلەن بولغان سودا - ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلەرنى كۆزىتىش، نازارەت قىلىش، دۆلەت مەجلىسىگە تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرىش شۇنداقلا خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە دائىر دوكلات ھازىرلاشتۇر.