ئامېرىكا، 1958 ‏ - يىلى خىتايغا ئاتوم بومبىسى تاشلىماقچى بولغان

چارشەنبە كۈنى جورج ۋاشىنگىتون ئۇنىۋېرسىتېتى، دۆلەت مەخپىيەتلىكى ئارخىپلىرىغا تايىنىپ ھازىرلىغان بىر دوكلات ئېلان قىلدى. دوكلاتتا، 1958 ‏ - يىلى يەنى ئىككىنچى قېتىملىق تەيۋەن كرىزىسى مەزگىلىدە، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا ئاتوم بومبىسى تاشلىماقچى بولغانلىقى، ئەمما كرىزىس تەخمىن قىلىنغان دەرىجىدە يۈكسەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ بۇ پىلانىنى ئىجرا قىلمىغانلىقى ئاشكارىلانغان.

0:00 / 0:00

ھۇجۇم ۋاقتى 8 ‏ - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بېكىتىلگەن

مەزكۇر دوكلات ھازىرقى زامان ھاۋا ئارمىيە تارىخچىسى Bernard C Nalty تەرىپىدىن تەييارلانغان. تارىخچى بەرنارد دوكلاتىنى، مەخپىيەتلىكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بىر تۈركۈم تارىخىي ھۆججەتلەرگە ئاساسەن تەييارلانغان. دوكلاتتا بىلدۈرۈلىشىچە، مەزكۇر پىلان ئەينى چاغدا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كابىنت يىغىنىدا، ھاۋا ئارمىيە گېنېرالى Nathan F. Twining تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

يىغىندا، ئەگەر خىتاي تەيۋەننى ئىشغال قىلىشقا ئۆتسە، ئامېرىكىنىڭ گۇئام ئارىلىدىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن خىتاينىڭ شيامېن شەھىرىگە دەسلەپكى قېتىمدا 15 كىلوتوننىلۇق ئاتوم بومبىسىنى ئېتىش پىلانلانغان. ھۇجۇم ۋاقتى 8 ‏ - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى قىلىپ بېكىتىلگەن. گۇئام ھاۋا ئارمىيە بازىسى ھەرىكەتكە تەييار بولغان. ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىدا، خىتاي ئىشغالغا ئۆتمىگەن بولغاچقا، مەزكۇر پىلان ئىجرا قىلىنمىغان.

CIA تىبەت پارتىزانلىرىنى ئامېرىكىدا تەربىيىلىگەن

خىتاي - تەيۋەن مۇناسىۋەت تارىخىدا، بىرىنچى قېتىملىق تەيۋەن كرىزىسى 1954 ‏ - يىلى يۈز بەرگەن، 2 ‏ - قېتىملىق كرىزىس 1958 ‏ - يىلى يۈز بەرگەن. ئىككىنچى قېتىملىق كرىزىس خىتاينىڭ، تەيۋەننىڭ ماتسۇ ۋە كومېي ئارىلىنى توپقا تۇتۇش بىلەن شەكىللەنگەن. 44 كۈن داۋام قىلغان كرىزىس خىتاي تەرەپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش ئېلانى بىلەن ئاخىرلاشقان. ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە ياردىمىمۇ قورال‏ - ياراق تەمىنلەش بىلەن چەكلەنگەن.

يەنە ب ب س تەييارلىغان، يوتۇبدا ئېلان قىلىنغان بىر ھۆججەتلىك فىلىمدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئىككى قېتىملىق تەيۋەن كرىزىسى يۈز بەرگەن مەزگىلدە، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى، تىبەت مۇستەقىلچىلىرىگە ھەربىي ياردەم بەرگەن. ئەينى چاغدا ۋەزىپە ئۆتىگەن ئامېرىكىلىق خادىملار ۋە تىبەت ئىنقىلابچىلىرى زىيارەت قىلىنغان بۇ فىلىمدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ئەينى چاغدا بىر تۈركۈم تىبەت ئىنقىلابچىلىرىنى ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە شتاتىغا ئەكىلىپ ئۇلارغا ھەربىي تەلىم بەرگەن ۋە ئۇلارنى پاراشۇت ئارقىلىق تىبەتتىكى پارتىزانلار سېپىگە يەتكۈزگەن. بىر قىسىم ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرى تىبەتتىكى تىبەت ئىنقىلابچىلىرىنىڭ سېپىگە بىۋاستە قېتىلغان.

ئالدىنقى ئايدىكى خەۋەرلەردە، ئامېرىكىنىڭ، تەيۋەنگە، ئۇقۇشماستىن ئاتوم بومبىسى باتارىيىسىنى يوللاپ سالغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

" خىتاي خەلقارا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىسا بىزنىڭ دۈشمىنىمىز بولىدۇ"

بۇ يىل 30 ‏ - ئاپرىل كۈنى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى Michael Hayden، خىتاينىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن رەقىپ سانىلىپ - سانالمايدىغانلىقى ھەققىدە توختالغان، ئۇ سۆزىدە، بىز خىتاينى ساقلانغىلى بولمايدىغان دۈشمەن " دەپ قارىمايمىز دەپ بىلدۈرگەن. يەنى خىتاينىڭ ئامېرىكىغا دۈشمەن بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى يۈز بېرىشى مۇتلەق بىر ئاقىۋەت دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ۋە ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ دۇنيا دۆلەتلىرى ئارىسىدا قۇدرەتلىك بىر كۈچ بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما، قۇدرەتلىك كۈچ بولۇش يالغۇز ھەربىي جەھەتتىن كۈچلىنىش ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەت مەسىلىلىرىدە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش بىلەن ئەمەلىيلىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

Hayden ئەپەندى سۆزىنى مۇنداق خۇلاسىلىغان: " تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن تاللاش يوللىرى بار، ئەگەر خىتاي قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلىنىپ، خەلقئارا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالسا، ئۇ بىزنىڭ دوستىمىز، ئەگەر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمىسا، مەسئۇلىيەتنى بىز ئۈستىمىزگە ئالىمىز، ئۇ چاغدا خىتاي تەبىئىي ھالدا بىزنىڭ رەقىپلىرىمىز قاتارىغا ئۆتىدۇ."

بۇش: "دۇنيانىڭ نەرىدە ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچىلار بولسا، بىز ئۇلار بىلەن بىللە"

1 - ماي كۈنى ئاقسارايدا ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا ۋە ئاتلانتىك ۋەتەنداشلىرى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇراسىمدا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسەت پرىنسىپىنى مىسال بىلەن ئىزاھلىغان. ئۇ سۆزىدە دادىسى جورج بۇشنىڭ ئامېرىكا - ياپون ئۇرۇشىغا قاتناشقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن: " چوڭ بۇش ياپونىيىنى دۈشمەن ئىلان قىلىپ ئۇرۇش قىلغان ئىدى، كىچىك بۇش ياپونىيە پرېزىدېنتىنى كۈتۈۋېلىپ دوستلۇقنى كۈچەيتىۋاتىدۇ، ئارىدىكى ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياپونىيىدىكى ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىدۇر."

سۆز ئارىسىدا، تىبەتتىكى ۋەزىيەتتىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى قىستۇرۇپ ئۆتكەن جورج بۇش، 3 ‏ - ماي ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر بايانات ئېلان قىلغان. باياناتىدا، خىتاي، كۇبا، بېرما قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىنى چەكلەۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان جورج بۇش، خەلقئارا مەسىلىلەردىكى مەيدانىنى مۇنداق ئىپادىلىگەن :" دۇنيانىڭ نەرىدە ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلار بولسا بىز ئۇلار بىلەن بىللە."

بۇش: " دۇنيادا ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، تېرورچى ئاتىلىۋاتقانلار بار"

جورج بۇش بۇ باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ 2007 ‏ - يىل ئىچىدە، دۇنيادىكى 40 دۆلەتتە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 78 مىليون دوللار خىراجەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ باياناتىدا، دۇنيادا ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلارنىڭ تېررورچى، رادىكال كۈچ دەپ ئەيىبلىنىپ ئۆلتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

يۇقىرىدا بىز سىلەرگە ئامېرىكىنىڭ بۇندىن 50 يىل بۇرۇن خىتايغا ئاتوم بومبىسى تاشلاشنى پىلانلىغانلىقىدىن تارتىپ، تۈنۈگۈنكى باياناتىدا ئەركىنلىك كۈرەشچىلىرىگە ھېسداشلىق بىلدۈرگەنلىكىگە قەدەر، ئامېرىكىنىڭ خىتاي سىياسىتىنى كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن دىققەتكە سازاۋەر بولغان بىر قىسىم ۋەقەلەرنى بايان قىلدۇق.