ئامېرىكىلىقلار ئۆز لىدىرىنى قانداق سايلاپ چىقتى، خىتايچۇ؟

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما قايتا پرېزىدېنت بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن 6 - نويابىر چارشەنبە سەھەردە، سايلام كومپانىيىسى باشلانغان چىكاگودىكى باش شىتابىدا، ئامېرىكا خەلقىگە تارىخى ئەھمىيەتلىك نۇتقۇق سۆزلىدى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز گۈلشەن ئابدۇقادىر
2012.11.14
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
xitay-18-qurultay-305.jpg خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ(ئۇتتۇرىدا) 1-قۇرۇلتاي ئېچىلىش مۇراسىمىدا دۆلەت مارشى ئېيتماقتا. 2012-يىلى 8-نويابىر، بېيجىڭ.
AFP


ئوباما ئۆز خەلقىنىڭ گۈلدىراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە بۇندىن كېيىنكى تولىمۇ قىممەتلىك بۇ 4 يىلدا ئامېرىكىنىڭ كېلەچەك تەغدىرى ۋە ئامېرىكا خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتى ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە ئىزدەنمەكتە. پۈتۈن ئامېرىكا خەلقى، جۈملىدىن پۈتۈن دۇنيا، دۆلەت لىدىرى بىلەن خەلقى ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتلىك باغلىنىشتىن، سەمىمىيلىكتىن، خەلقىگە بولغان بۇ ساداقەتتىن سۆيۈنمەكتە. شۇ كۈنى ھەممە ئامېرىكىلىق كوچىلاردا، ئىش مەيدانلىرىدا ۋە تېلىۋىزورلاردا سايلام نەتىجىسىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتمەكتە ئىدى.

بۇندىن بىر كۈن كېيىن يەنى 8 - نويابىر كۈنى خىتاينىڭ 18 - قۇرۇلتىيى خىتاي پەيتەختى بېيجىڭدا ئېچىلىشقا باشلىدى. ئەمما بېيجىڭ خەلقىدىن ۋاشىنگىتوندىكى ھاياجانلىق گۈلدىراس ئالقىشلارنى كۈتكىلى بولمايتتى. خىتاينىڭ كېلەر قېتىملىق لىدىرلىرىنى كوچىلاردا، نۇتۇق مەيدانلىرىدا كۆرۈش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،خىتاي كومۇنىست پارتىيىسى قۇرۇلتاي مەزگىلىدە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئىنتايىن كۈچەيتكەن بولۇپ، خىتاي خەلقىنىڭ تيەنئەنمېن مەيدانى ئەتراپىغا كېلىشىمۇ قاتتىق چەكلەنگەن. بېيجىڭغا كىرىدىغان تاكسىلار قاتتىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتىدىغان بولۇپ، بارلىق تاكسىلارنىڭ ئەينەكلىرى ئېچىلماس قىلىنغان، ئېنتېرنېت پۈتۈنلەي قاتتىق كونترول ھالىتە بولۇپ، بېيجىڭ ئەتراپىدىكى ئۈچ چاقلىق رىكشىلار ۋە باشقا چوڭ تىپتىكى كىرا ئاپتوموبىللىرىنىڭ قۇرۇلتاي مەزگىلىدە قاتنىشى مەنئى قىلىنغان.

بېيجىڭدىكى پىچاق ساتىدىغان دۇكانلارنىڭ پىچاقلارنى تەزگادا كۆرسىتىپ سېتىشى شۇنىڭدەك رېستۇرانلاردا پىچاقلارنى ئادەم كۆرىدىغان يەرگە قويۇپ قويۇشى مەنئى قىلىنغان. ئاتا - ئانىلار ئۇششاق بالىلار ئوينايدىغان يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان ئويۇنچۇقلارنى سېتىۋېلىشى ئۈچۈن مەخسۇس ساقچىغا تىزىملىتىشى شەرت قىلىنغان. تەسادىپىي يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ۋەقەلەردىن مۇداپىئە كۆرۈش ئۈچۈن بېيجىڭ ئەتراپىدىكى 4 كىچىك كۆلدە ساياھەت كېمىلىرىنىڭ يۈرۈشىمۇ مەنئى قىلىنغان. بېيجىڭ شەھىرى ئىنتايىن سۈرلۈك تۈسكە كىرگەن بولۇپ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ، بولۇپمۇ خۇ جىنتاۋنىڭ ئالدىنقى 10 يىلدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ماختايدىغان تەشۋىقات ۋەرەقىچىلىرى ئۈزلۈكسىز تارقىتىلىغان. يەنە چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، بېيجىڭ شەھىرى خۇددى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدىكىدەك تۈسكە كىرگەن بولۇپ، بىلەكلىرىگە قىزىل بەلگە تاقىغان بىر مىليون 400 مىڭدىن ئارتۇق قىزىل قوغدىغۇچىلار يەنى خىتايچە خۇڭ ۋېيبىڭلار بېيجىڭ شەھىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن سەپلەنگەن.

شۇ كۈنى ئوباما ئامېرىكا خەلقىگە تارىخى ئەھمىيەتلىك نۇتۇق سۆزلەپ، سىلەر ۋە مەن ھەممىمىز ئامېرىكا چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرى شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ قۇرغۇچىلىرى، بىزنىڭ غەلىبە ۋە مەغلۇبىيىتىمىز ئامېرىكا ئۈچۈن، خۇددى بىر ئادەمنىڭ غەلىبىسى ۋە مەغلۇبىيىتىدەك، دەپ نۇتۇق سۆزلەۋاتقان مەزگىللەردە، شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، جۇ يۇڭكاڭنىڭ دائىمى كومىتېت ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ئەترەتنى باشلاپ بېيجىڭنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئېلىپ بارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. كانادانىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرى، جۇ يۇڭكاڭنىڭ قۇرۇلتاينىڭ بىخەتەر ئېچىلىشىدىن ئەنسىرەپ، بېيجىڭ شەھىرىدە تېخنىكلارنى چاقىرىپ خەندەك قازدۇرغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، جۇ يۇڭكاڭ سايلامغا ئەمەس، بەلكى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈۋاتىدۇ دەپ يازدى.

كانادادا چىقىدىغان يەر شارى ۋە مەكتۇپلار گېزىتىدە 18 - نۆۋەتلىك خىتاي قۇرۇلتىيى ھەققىدە بېيجىڭدىن ماقالە يازغان مۇخبىر مارك ماككىننون خىتاي ئەمەلدارلىرى نىمىشكە بۇنچىلا ئەنسىز؟ دەپ ئوقۇرمەنلەرگە سوئال قويىدۇ ماقالىسىدە. ئۇنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 18 - قۇرۇلتاي مەزگىلىدە، 1989 - يىلى بېيجىڭدا يۈز بەرگەن ئوقۇغۇچىلار دېموكراتىك ھەرىكىتىگە ئوخشاش بىر ھەرىكەتنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىدىن ئىنتايىن ئەنسىرىگەن. مارك ماككىنون يەنە ماقالىسىدە تونۇلغان تارىخچى جاڭ لىفەن ئەپەندىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئىچىدە ئېغىر كرىزىس مەۋجۈت. خىتاي ھۆكۈمىتى 1989 - يىلىدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئەڭ ئېغىر ۋەزىيەتتە تۇرماقتا دېگەن.

ئوباما سايلام نۇتقىدا يەنە، مەيلى كىم ۋە نەدىن كەلگەن بولسۇن، مەيلى قارا مەيلى ئاق، مەيلى باي مەيلى گاداي، مەيلى ياش مەيلى قېرى، مەيلى يەرلىك ئامېرىكىلىق ۋە كۆچمەن ئاسىيالىق بول، مەيلى كىم قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ئامېرىكىدا باراۋەر ياشىيالايدۇ ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ، دەپ ئامېرىكىنىڭ ھەممە ئېتنىك مىللەت ۋە ھەممە ئىرقلار باراۋەر بولغان قىممەت قارىشىنى جاكارلاۋاتقان كۈنلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل قاتارلىق خىتايدىكى يانداش مىللەتلەرنى مىللەت سۈپىتىدە يوق قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيىلىك پىلانلىرىنى تۈزۈش بىلەن ئالدىراش.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.