ئامېرىكا پۇل - مۇئامىلە بازىرىدىكى كرىزىس خىتاي بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك

ئامېرىكا ئۆز تارىخىدىكى ئەڭ جىددىي پۇل ‏- مۇئامىلە بۆھرانىغا دۇچ كەلمەكتە. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆز تارىخىدا 1 ‏- قېتىم بۆھرانغا ئۇچرىغان پۇل - مۇئامىلە گۇرۇھلىرىنى دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىش پىلانىنى جاكارلىدى.

0:00 / 0:00

بۇ كرىزىس خىتاي يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغان جىددىي مەسىلە بولۇپ، چۈنكى بۇ خىتاينىڭ دۆلەت غەزىنىسىدىكى 2 ترىلىئون دوللار، ئامېرىكا غەزىنە چېكى ۋە ئامېرىكا پۇل - مۇئامىلە بازىرىدىكى پاي چېكىنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ مۇناسۋەتلىك مەسىلە ئىدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەركىننىڭ بۇ ھەقتىكى ئاڭلىتىشىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئالدىنقى كۈنى تېلېفوندا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، سۆھبەت مەزمۇنى ئاساسلىقى ئامېرىكا سەرمايە بازىرىدىكى كرىزىس ۋە كرىزىسقا قارشى ئېلىنىدىغان تەدبىرلەر ئىدى. شۇ كۈنى ئاقساراي باياناتچىسى گوردون جوندىرېئو مۇخبىرلارغا بۇشنىڭ خۇ جىنتاۋغا تېلېفون قىلغانلىقىنى، خۇ جىنتاۋ بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ كرىزىسقا قارشى قوللانغان تەدبىرلىرىنى قارشى ئالغانلىقى ۋە "قوشما شتاتلارنىڭ پۇل ‏- مۇئامىلە بازىرىنى تۇراقلاشتۇرۇش يولىدا مۇھىم تەدبىرلەرنى يولغا قويغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقى، بۇ تەدبىرلەرنىڭ تېزرەك تەسىر كۆرسىتىشىنى، ئۈنۈم بېرىشىنى ۋە ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز" دېگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. جوندىرېئونىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇش ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە بازىرىنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويغان تەدبىرىنى چۈشەندۈرگەن.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە ئەسكەرتىشىچە، خۇ جىنتاۋ " ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئامېرىكا مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، بۇ يەنە خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە بازىرىنىڭ مۇقىملىقىغا پايدىلىقتۇر" دېگەن. ئامېرىكىنىڭ بوستون شەھىرىدىكى ستەيت سترېت بانكىسىنىڭ مەبلەغ ئانالىزچىسى پەرھات بىلگىن خۇ جىنتاۋنىڭ بۇش ھۆكۈمىتى يولغا قويغان ئامېرىكا سەرمايە بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش تەدبىرىنى قوللىشىدىكى سەۋەبلەرنى چۈشەندۈرۈپ، ئەگەر ئامېرىكا سەرمايە بازىرىدىكى كرىزىس يامانلاشسا بۇ خىتاي دۆلەت غەزىنىسىدىكى 2 ترىلىئون تاشقى پېرىۋۇتنىڭ ئاز دېگەندە 3 دەن 2 قىسىمىنى ئىگىلەيدىغان دوللارنىڭ ھەمدە خىتاينىڭ قولىدىكى ئامېرىكا دۆلەت غەزىنە چېكى ۋە ئامېرىكا سەرمايە گۇرۇھى فەنىي مېي ۋە فرەدىي مەكتىكى مەبلىغىنىڭ زور خەتەرگە يولۇقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي بانكىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نيۇيوركنىڭ Wall Street بازىرىدىكى لېمان ئاكا - ئۇكىلار مالىيە گۇرۇھىنىڭ ۋەيران بولۇش ۋەقەسىدە 7 خىتاي بانكىسى 700 مىليون دوللار زىيان تارتقان. بۇ مەزكۇر مالىيە گۇرۇھىنىڭ بىر خىتاي مەبلەغ سېلىش فوندىغا بەرگەن 500 مىليون دوللار قىممىتىدىكى كاپالەت سوممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايتتى.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا ئامېرىكىنىڭ 2 خۇسۇسي مالىيە گۇرۇھى فەنىي مېي بىلەن فرەدىي مەكنى دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى، ئامېرىكا سەرمايە بازىرىنى قۇتقۇزۇش پىلانىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى، بەزى بانكىلارنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن 700 مىليارد دوللار ئاجرىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن بۇ پۇلنى ئىشلىتىش ھوقۇقى بۇش ھۆكۈمىتى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئارىسىدا ئىختىلاپ ياراتقان بولۇپ، دۆلەت مەجلىسى پۇلنىڭ قالايمىقان يەرگە خەجلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش، پۇلنىڭ خەجلىنىش جەريانىغا نازارەتچىلىك قىلىشنى تەكىتلىمەكتە. لېكىن بۇ يەردە يەنە ئامېرىكا سەرمايە بازىرىنى قۇتقۇزۇش پىلانىغا كېرەكلىك پۇلنى كىم تەمىنلەيدۇ ؟ دېگەن مەسىلە مەۋجۈت. بەزىلەر بۇ پۇلنى خىتايغا ئامېرىكا غەزىنە چېكى سېتىش بىلەن ئۈندۈرۈش مۇمكىنلىكى ئۈستىدە توختالماقتا. لېكىن بۇش بىلەن بىلەن خۇ جىنتاۋنىڭ تېلېفون سۆھبىتى بۇ مەسىلىگە چېتىلغان ياكى چېتىلمىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

ئامېرىكا ستەيت سترېت بانكىسىدىكى پەرھات بىلگىن سەرمايە بازىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا قارىغاندا بۇ ئېھتىماللىقنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا سەرمايە بازىرىنى قۇتقۇزۇش پىلانى دۆلەت ئامېرىكا بانكىلىرىنىڭ تارقاتقان قەرزىنى سېتىۋېلىش، باشقا بانكىلارنىڭ ۋەيران بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بولۇپ، بۇ پىلان ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى پائۇلسون بىلەن فېدېراتسىيە غەزىنە رەئىسى بېرنانكىلارنىڭ تەشەببۇسىدۇر. بۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى سوممىسى ئەڭ زور قۇتقۇزۇش پىلانى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ پىلاندا ئامېرىكىدىكى چەتئەللىك بانكىلارنىڭ ئىلكىدىكى مۈلۈكنى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىغا سېتىشىغا رۇخسەت بېرىلگەن. بوستوندىكى ئامېرىكا ستەيت سترېت بانكىسىنىڭ مەبلەغ ئانالىزچىسى پەرھات بىلگىن قۇتقۇزۇش پىلانىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە توختالدى.

لېكىن بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا سەرمايە بازىرىنى قۇتقۇزۇش پىلانى بەزى ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. بۇ پىلاننى تەنقىد قىلغۇچىلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ پۇل - مۇئامىلە بازىرىغا ئارىلاشقانلىقى، بەزى بانكىلارنى سېتىۋالغانلىقى ئامېرىكا بازار ئىقتىسادىنىڭ لىبېرالىزم روھىغا خىلاپ، دەپ قارايدىغانلىقىنى، پۇل - مۇئامىلە بازىرىدىكى كرىزىسىنى بازار ئىقتىسادىنىڭ ئۆز قانۇنىيىتى بىلەن تەڭشەشنى تەكىتلىمەكتە.

يەنە بەزىلەر بولسا قۇتقۇزۇش پىلانى ئامېرىكا پۇقرالىرىغا زور ماددى زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. لېكىن پرېزىدېنت بۇش شەنبە كۈنى سۆزلىگەن رادىئو نۇتۇقىدا قۇتقۇزۇش پىلانى ئېلىپ كېلىدىغان ماددىي يۈكنىڭ كرىزىس پەيدا قىلىدىغان قەھەتچىلىككە قارىغاندا كۆپ يېنىك چۈشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ستەيت سترېت بانكىسىدىكى پەرھات بىلگىن ھۆكۈمەتنىڭ قۇتقۇزۇش پىلانى بازارنى ئىزىغا سېلىشتىكى ئۆتكۈنچى چارە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەگەر ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قۇتقۇزۇش پىلانى يولغا قويۇلسا بۇ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت قەرزى 11 ترىلىئونغا يېتىدۇ، دېگەنلىكتۇر.