خىتاينىڭ مىللەتچى زىيالىيلىرى يىللاردىن بېرى، خىتاي دېموكراتىيىگە ئۆتسە، خىتايدا ئانارخىزم كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى، بۇ پۇرسەتتە خىتاي دۆلىتىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىش ئېھتىمالى تۇغۇلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.
باراك ئوباما تەختكە چىققاندىن كېيىنكى مۇنازىرىلەردە خىتاي دېموكراتچىلىرى مەزكۇر كۆز قاراشنى جىددىي شەكىلدە تەنقىد قىلماقتا. تەنقىدلەردىن بىرىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: "ئامېرىكا قۇرۇلغان چېغىدا 13 شتات ئىدى، ئۇ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلىپلا دېموكراتىيىگە ئۆتتى؛ شۇنىڭدىن بېرى ئامېرىكا دۆلىتى پارچىلانمىدى، ئەكسىچە زورىيىپ ماڭدى ۋە 50 نەچچە شتات بولدى. دېمەك دۆلەتنىڭ پۈتۈنلۈكىنى قوغدايدىغان كۈچ قورال - ياراق ئەمەس، ئادالەتتۇر."
بۇ پىكىرنى ئاپتور چېن پوكۇڭ "جۇڭگو ئامېرىكىدىن 200 يىل ئارقىدا" ناملىق ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان. بىر قىسىم خىتاي مىللەتچى زىيالىيلىرى يەنە ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە پىشىپ يېتەلمىگەنلىكىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، خىتايدا دېموكراتىك تۇزۇمىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.
چېن پوكۇڭ بوشۈن تورىدا ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ماقالىسىدە بۇ پىكىردىكىلەرگە مۇنداق سوئال قويىدۇ: " دۆلەت قۇدرەت تاپقاندىن كېيىن دېموكراتىيىگە ئۆتۈش كېرەكمۇ ياكى دېموكراتىيىگە ئۆتكەندىن كېيىن قۇدرەت تاپامدۇ؟
ئاپتور ئۆز سوئالىغا يەنە مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: "ئامېرىكىدا دېموكراتىيە يولغا قويۇلغىنى 220 يىل بولدى. 220 يىلنىڭ ئالدىدىكى ئامېرىكا ئىقتىسادى جەھەتتىن بۈگۈنكى خىتايدىن باي ئەمەس ئىدى. دېمەك ئامېرىكا ئاۋۋال دېموكراتىيىنى يولغا قويۇپ، ئاندىن قۇدرەت تاپتى. جۇڭگودىمۇ ئاۋۋال دېموكراتىيە يولغا قويۇلۇپ، خەلق ئازاد قىلىنىشى كېرەك."
ئاپتور بۇ سۆزلىرىدىن كېيىن، دېموكراتىيە يولغا قويۇلمىغىنى ئۈچۈن خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكىدىن ئىقتىسادىي جەھەتتە 50 يىل، پەن - تېخنىكا جەھەتتە 100يىل، ئاڭ - مەدەنىيەت جەھەتتە 200 يىل ئارقىدا قالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
ئاپتور يەنە ماقالىسىدە، بۈگۈن دۇنيادا ئەڭ باي، ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ ئىلغار دۆلەتنىڭ دېموكراتىك دۆلەت يەنى ئامېرىكا ئىكەنلىكىنى، بۇ قېتىمقى پرېزىدېنت سايلىمىدا بۇ نۇقتىنىڭ تېخىمۇ نامايەن بولغانلىقىنى، دۇنيانىڭ ئامېرىكىنى ئۈلگە ئېلىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭمۇ بۇ يۈزلىنىشتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
خىتاينىڭ دۆلەت پۈتۈنلۈكى ۋە دېموكراتىيە مەسىلىسىدە بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى خۇ پىڭنىڭ قارىشى يەنە باشقىچە. ئۇ، دۆلەتنىڭ پۈتۈنلۈكى مەقسەت ئەمەس، بەلكى ۋاستە، ئەگەر دۆلەتنىڭ پۈتۈنلۈكى جۇڭگو خەلقىغە تېنچلىق ۋە بەخت - سائادەت ئېلىپ كەلسە، ئۇ قوغدىلىشى كېرەك؛ ئەگەر ئۇ خەلققە تېنچسىزلىق ۋە بەختسىزلىك ئېلىپ كەلسە پارچىلىنىشى كېرەك دەپ قارايدۇ. ئۇ بىر دۆلەتتىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى بىر ئائىلە مۇناسىۋىتىگە ئوخشىتىدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ: "ئائىلە ئەر - ئايال ئىككى تەرەپنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن قۇرۇلىدۇ؛ بىر تەرەپ ناماقۇل بولغان ئەھۋالدا ئايرىلىدۇ. دۆلەتنىڭ پۈتۈنلۈكىمۇ ھەر ئىككى مىللەتنىڭ رازىلىقى بىلەن بولۇشى كېرەك، بىر تەرەپ قېتىلمىسا بۆلۈنۈشى كېرەك. مانا بۇ چاغدا ئادالەت جايىنى تاپقان بولىدۇ."
يۇقىرىدا، باراك ئوبامانىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتلىقىغا يۈكسىلىش جەريانىدىن تەسىرلەنگەن خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ دېموكراتيە ۋە دۆلەت پۈتۈنلۈكى ھەققىدىكى قاراشلىرى بىلەن تونۇشتىڭلار.