ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇنىڭ بۇ سۆزى ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي سىياسىتىنى قايتىدىن بېكىتىپ چىقماقچى بولۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەن. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ زىيارەتنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ، ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە "
[ خىتاي رەقىبمۇ ياكى ئىتتىپاقداشمۇOpens in new window ]
؟" تېمىسىدا بىر ئانالىز ئېلان قىلدى.
ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ "ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتىنىڭ" تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدا، ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇنىڭ كېلەچىكى تەھلىل قىلىنغان. ئۇ، ئانالىزىدا بۇ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن. ئۇ ماقالىسىدا، 1972 - يىلى نىكسون ھۆكۈمىتىنىڭ ۋيېتنام ئۇرۇشى مەزگىلىدە رۇسىيىگە قارشى خىتاي بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقانلىقى ۋە بۇنىڭ سوغۇق ئۇرۇش ئاياغلاشقۇچە داۋام قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن "باغداتتىن بېيجىڭغىچە پۈتۈن دىكتاتورلارنى يوقىتىدىغانلىقىنى" ئىلگىرى سۈرگەن بىل كېلىنتوننىڭمۇ كېيىنكى يېرىم مەزگىلدە خىتاي بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: "90 - يىللاردىن كېيىن خىتاي ئىقتىسادىنىڭ يۈكسېلىشكە باشلىشى بىلەن، ئىككى دۆلەت مۇناسۋەتلىرىنىڭ ئەھمىيىتى زورىيىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىدە خەلقئارا ۋە رايوننىڭ تېنچىلىقى، سىياسىي، ھەربىي ۋە ئىقتىساد - تىجارەت مۇناسىۋەتلىرى،كىشىلىك ھوقۇق ۋە تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇشتا ئوخشاش مەسىلىلەر يەر ئالدى. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ سەزگۈر نوقتا بولسا، ئالدى بىلەن تەيۋەن مەسىلىسى بولۇشى بىلەن بىرلىكتە تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلسىدۇر.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا "ئامېرىكا بىلەن خىتاي ھەم رىقابەتچى ھەم ئىتتىپاقداش" دېگەن سۆزى پەقەتلا سودىنى كۆزدە تۇتۇپ دېگەن سۆز ئەمەس.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئاسىيادىكى"ئاسىيا - تېنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى" قاتارلىق تەشكىلاتلاردا بەكرەك ئاكتىپ رولغا ئىگە بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى تاق ھاكىملىك كۈچى ئاستا - ئاستا ئاجىزلىماقتا. بۇنى ھېس قىلغان ئامېرىكىمۇ بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا ئاسىيا سىياسىتىگە قايتىدىن قاراپ چىقىشقا تىرىشماقتا.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن شەكىللەنگەن دۇنيا ۋەزىيىتى خىتايغا بەك ئوڭ كەلدى. خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلىش بىلەن بىرلىكتە ھەربىي جەھەتتىنمۇ ئۆزىنى كۈچلەندۈردى. بۇ 30 يىل جەريانىدا خىتايغا تەھدىت پەيدا قىلىدىغان بىر كۈچمۇ ئوتتۇرىغا چىقمىدى. گەرچە ئامېرىكا خىتاينى نىشان قىلىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە ئىراق ئۇرۇشى نەتىجىسىدە ئامېرىكىنىڭ نىشانى بۇرالدى.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازىدۇ :" بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسنى خىتاينىڭ ئورنىدا قانداق ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقى تولىمۇ مۇھىم. شۇڭا ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئېنىق بىر سىياسەت بەلگىلىشى بەك زۆرۈردۇر. ئەمما بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مەنپەئەت توقۇنۇشى ئوبامانىڭ تىرىشچانلىقىغا كۆلەڭگە تاشلىشى مۇمكىن. ئوباما بىلەن خۇ جىنتاۋ ئىككى يېرىم سائەتلىك ئايرىم ئۇچرىشىشتىن كېيىن مەتبۇئاتلارغا ئازراقلا سۆز قىلدى. ھەتتا مۇخبىرلارنىڭ سوئال سورىشىغىمۇ رۇخسەت قىلىنمىدى. مانا بۇ ئىككى رەھبەرنىڭ مۇزاكىرىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالمىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى."
ئۇ، ماقالىدە ئوبامانىڭ خىتايدا قىلغان نۇتقىدىكى "ئامېرىكا بىر ئاسىيا - تىنچ ئوكيان دۆلىتىدۇر" دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: "خىتاي ئىقتىسادىي كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ، ئاسىيادا ئىقتىسادىي ھەم سىياسىي كۈچكە ئىگە بولدى. زامانىمىزدا ئەڭ زور قۇدرەتكە ئىگە بولغان ئامېرىكا بۇنى سەزمەي قالمايدۇ. باراك ئوبامانىڭ ئامېرىكىنى بىر ئاسىيا - تىنچ ئوكيان دۆلىتى ۋە ئۆزىنى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان دۆلىتى رەھبىرى دېيىشىمۇ مۇشۇ سەۋەبلىك بولسا كېرەك. چۈنكى ئامېرىكا ئۆزىنىڭ رايوندىن يىراقلاشتۇرۇلۇشنى خالىمايدۇ. شۇڭا ئامېرىكا ئاسىياغا قايتىشقا تىرىشماقتا."
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئانالىزىدا، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان مەسىلىنىڭ شىمالىي كورىيە ۋە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ئىكەنلىكى، شۇڭا بۇنىڭدا ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ قارىشىچە، قىزىقارلىق بولغىنى ئامېرىكا ئۆزىگە دۈشمەن دەپ قارايدىغان ئىران، شىمالىي كورىيە، بېرما قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ ئەڭ يېقىن دوستلىرى.
خىتاي شىمالىي كورىيە بىلەن ئىتتىپاقداش ھەم ئۇنىڭ ئۈستىگە شىمالىي كورىيە 1 مىليوندىن ئارتۇق ئەسكەر ۋە يادرو قورالغا ئىگە بولغان دۆلەت. شۇڭا شىمالىي كورىيىگە خىتاينىڭمۇ گېپى ئۆتمەيدۇ.
ئىران بولسا، خىتاينىڭ ئىران بىلەن ئەزەلدىن ئېنېرگىيىگە تايانغان ياخشى تىجارىتى بار، خىتاي ئىراننى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كۆزەتچى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا تەسىرىنى يېيىشىغىمۇ ياردەم قىلغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازىدۇ : "خىتاي ئەينى ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستانغا ھېچكىمنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىغان ۋاقتىلاردىمۇ ئىران رەھبەرلىرى بۇ رايوننى زىيارەت قىلالايتتى. ئىران بىلەن خىتاي ئارىسىدا زور مىقداردا ئېنىرگىيە كېلىشىمى بار. شۇڭا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتىمۇ ئامېرىكا - خىتاي ھەمكارلىقىنىڭ ئەسقاتمايدىغانلىقى ئېنىق."
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي رەھبىرى خۇجىنتاۋنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ زىيارىتىدىن كېيىن قىلغان سۆزىدە، ئۇچرىشىشقا ئىجابىي باھا بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا ئەمەلىي بىر نەتىجە ئېلىنمىغانلىقىنى، ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ بۇندىن كېيىن ئۇنداق ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.