بۇنداق بولۇشىدا رايوننىڭ ئالاھىدە مۇھىم جۇغراپىيىلىك ئورنى، مول ئېنېرگىيىسى ۋە باشقا ئامىللار رول ئوينىغان بولۇپ، ھەر بىر دۆلەتنىڭ كۆزلىگەن مەقسىتى بولۇشى تەبىئىي. ئۇنداقتا خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىشىدىكى ئاساسلىق مۇددىئاسى نېمە؟ ئەلۋەتتە، بۇ ھەقتە ھەر خىل كۆز قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ، بۇ مەسىلە ھەققىدە خىتاي كۆزەتكۇچىلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىمۇ ئۆزگىچىلىككە ئىگىدۇر.
خىتاي ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئېنېرگىيىسى كېرەك!
بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى ۋاڭ كې ئۆزىنىڭ "ئوتتۇرا ئاسىيا ئۈچۈن كۈرەش - ئامېرىكا - رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئېلىشىشى " ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە بەزى ئۆزىگە خاس بولغان كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خىتاي - ئامېرىكا - رۇسىيە ئارىسىدىكى تالىشىش نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى شەرھىلەش بىلەن بىرگە خىتاينىڭ بۇ رايوندىن كۆزلىگەن مەقسىتى ھەققىدە توختىلىدۇ.
ئۇنىڭ قاراشلىرىنى تۆۋەندىكىدەك يىغىنچاقلاش مۇمكىن. ئۇنىڭ قارىشىچە، "يېقىنقى بىر قانچە يىللار ئىچىدە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى تېز راۋاجلاندى، جۇڭگونىڭ ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجى كۈندىن - كۈنگە ئاشقان بولۇپ، دېڭىز ئارقىلىق توشۇلىدىغان نېفىت جۇڭگونىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە پارىس قولتۇقىدىكى نېفىتلىكلەرنى تەمىنلەشنى غەرب شىركەتلىرى ئىگىلىۋالغان بولۇپ، ئەنە شۇ بىر قاتار سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن جۇڭگو ئۈچۈن يېڭى بىر جەڭ مەيدانى ئېچىش كېرەك بولۇپ قالدى. ئۇ، بولسىمۇ جۇڭگو بىلەن يېقىن، ئېنېرگىيە مەنبەسى مول ئوتتۇرا ئاسىيا ئىدى. جۇڭگو ئۆزبېكىستان، قازاقىستان ۋە تۈركمەنىستان بىلەن ئېنېرگىيە كېلىشىملىرى تۈزدى. كەلگۈسىدە جۇڭگو بۇ جايغا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىشى مۇمكىن ۋە ئۆزىنىڭ بىر چوڭ دۆلەتلىك ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيانى بىرمۇ - بىر كونترول قىلىشى شۇنىڭدەك ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشى مۇمكىن. ھازىرقى دۇنياۋى پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى جۇڭگو ئۈچۈن مۇھىم بىر پۇرسەتتۇر."
خىتاي ئۈچۈن پايدىلىق شارائىتلار
مۇتەخەسسىس ۋاڭكې نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن قولاي شارائىتلار مەۋجۇت ئىكەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دەپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ؛ "جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشىغا پايدىلىق بىر قانچە سەۋەبلەر مەۋجۇت، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى دېموكراتىك مەملىكەت ئەمەس بولۇپ، بىر قانچە يىللاردىن بۇيان پەيدا بولغان رەڭلىك ئىنقىلابلار ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى قورقۇتۇۋەتتى. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى گەرچە تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەمدە ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى تەكىتلىسىمۇ، لېكىن بەرىبىر ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى باشتىن ئاخىرى ئوتتۇرا ئاسىيانى دېموكراتىيىلەشتۈرۈشتىن ۋاز كەچمىدى، شۇڭا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئامېرىكىدىن ناھايىتى ئېھتىيات قىلىدۇ.
بۇنىڭ ئەكسىچە، رۇسىيە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بۇ جايدا ھەربىي مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ئىنتىلسىمۇ، لېكىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى ئالدىنقى سەپ بولۇپ قېلىشنى، ئۆزلىرىنىڭ سابىق چوڭ ئاكىسىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاشنى خالىمايدۇ."
مەزكۇر خىتاي مۇتەخەسسىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنە شۇنداق بىر قاتار ئەۋزەللىكلەردىن پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ شۇنىڭدەك كەلگۈسىدە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان تۈرلۈك ھەمكارلىقلىرىنىڭ تېخىمۇ زىچ بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئۆز كۆز قاراشلىرىنى مۇنداق يەكۈنلەيدۇ؛ " جۇڭگودەك ئېنېرگىيە ئېھتىياجى بار بىر مەملىكەت ئۈچۈن ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كەلگۈسىدىكى مۇھىم ئەھمىيىتى ئۆزگەرمەيدۇ. بۇ، جۇڭگونى بۇ جەھەتتىكى ھەمكارلىقلاردا تەشەببۇسكار بولۇشقا ئۈندەيدۇ. جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئارىسىدىكى تۆمۈر يولنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تېخىمۇ زىچ ئالاقە قىلىشىغا قولايلىق شارائىت يارىتىدۇ، كەلگۈسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگو ئارىسىدىكى ھەمكارلىق تېخىمۇ قويۇقلىشىپ، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرى ئاستا - ئاستا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ."
يۇقىرىدىكى كۆز قاراش خىتاي مۇتەخەسسىسى ۋاڭ كېغا مەنسۇپ بولۇپ، بۇ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئامېرىكا باشلىق غەرب، رۇسىيە ۋە خىتاي ئارىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ئورنىنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ھېچ قايسىسىنىڭ رايوندىكى تەسىرىنىڭ ئاجىزلىشىپ قېلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى كۆرسەتسە كېرەك.
ۋاڭ كە ئېيتقاندەك، خىتاي كەلگۈسىدە بۇ رايوندا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشى مۇمكىنمۇ؟ بۇ بىر سوئال، چۈنكى، كۆزەتكۈچىلەر غەرب، رۇسىيە شۇنىڭدەك بۇ رايون بىلەن ئۆز مەنپەئەتلىرىنى باغلاۋاتقان ئىران، تۈركىيە، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭمۇ قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرماسلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.
