دۇنيا سودا تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئىككى يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت داۋاملاشقان مەزكۇر نەشر ھوقۇقى دەۋاسىدا خىتاينىڭ يېڭىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
13 - ئاۋغۇست دۇنيا سودا تەشكىلاتى WTO ئامېرىكا بىلەن خىتاي نەشر ھوقۇقى دەۋاسىغا قارىتا 460 بەتلىك قارارىنى ئېلان قىلدى. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر قارارىدا، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى كىنو ۋە ناخشا،مۇزىكا فىلىم شېركەتلىرىنى پەقەت خىتاي دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى شىركەتلەر بىلەنلا سودا ئالاقىسى ئورنىتىش بىلەن چەكلىمەسلىكى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىش بىلەن تەڭ، خىتاينىڭ چەتئەل شېركەتلىرىنىڭ ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئۆز نەشر بۇيۇملىرىنى سېتىشىغا يول قويۇشى كېرەكلىكى بېكىتىلكەن.
بۇ ئامېرىكىدىكى كىنو، كومپيوتېر ئويۇنلىرى ۋە ناخشا، مۇزىكا پلاستىنكىلىرى، كىتاب ۋە كومپيوتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىگە نىسبەتەن ئىنتايىن زور غەلىبە، خىتاي ئۈچۈن بولسا بۇ دۇنيا سودا تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى ئېكسپورت قىلىش بېجى مەسىلىسىدىن كېيىن بېرىلگەن ئەڭ قاتتىق جازا ھېسابلىنىدۇ.
ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مەزكۇر نەشر ھوقۇقى دەۋاسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل سودىيە خىتاينى، " 2001 - يىلى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەن چاغدىكى، سەنئەت بۇيۇملىرىنىڭ ئەركىن سېتىلىشىغا يول ئاچىدىغانلىقى ھەققىدىكى ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلدى،" دەپ ئەيىبلىگەن.
ئامېرىكا كىنو سەنئىتى جەمئىيىتى دىرېكتور مۇدىرىيىتى باشلىقى Dan Glickman دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قارارىنى ئالقىشلاپ " بۇ ناھايىتى مۇھىم بىر قەدەم، بۇنىڭ بىلەن بازار ئەركىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن تەڭ خىتايدا ھوللىۋود فىلىملىرىنى قانۇنسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا زەربە بەرگىلى بولىدۇ" دېگەن.
ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئەقلى مۈلۈك ھوقۇقى ئادۋوكاتى Kenyon LLP نىڭ پەرىزىچە، خىتاي بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان چەتئەل نەشر بۇيۇملىرىنىڭ 20% تىن 30% كىچە بولغىنى قانۇنسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىلىۋاتقان نەشر بويۇملار بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن بولۇپمۇ ئامېرىكا شىركەتلىرى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىماقتا.
ئامېرىكىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا خىتاي ئۈستىدىن سۇنغان نەشر ھوقۇقى ئەرزىدە، ئامېرىكا شىركەتلىرى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان كىنو، vcd، dvd، cd، كومپيوتېر ئويۇنلىرى، يۇمشاق دېتاللار، كىتاب ۋە باشقا بۇيۇملارنىڭ خىتايدا قانۇنسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىلىشى بىلەن ئامېرىكا شېركەتلىرىنىڭ ھەر يىل تەخمىنەن ئۈچ مىليارد يەتتە يۈز مىليون دوللار ئەتراپىدا زىيانغا ئۇچراۋاتقانلىقى، ئامېرىكىنىڭ شېركەتلىرىنىڭ بۇنىڭدىن تەخىرسىز ھالەتكە كەلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن ئىدى.
دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا داۋام قىلغان بۇ نەشر ھوقۇقى دەۋاسىنىڭ ئىككى يېرىم يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتەيلى :
2007 - يىلى - 4 ئاينىڭ - 10 كۈنى ئامېرىكا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا خىتاينىڭ نەشر ھوقۇقى ئوغرىلىقى ۋە ساختا تاۋارلار مەسىلىسى ئۈستىدىن رەسمىي ئەرز سۇندى.
2007 - يىلى 6 - ئايدا ئامېرىكا خىتاي ئىككى تەرەپ سودا ۋەكىللىرى جەنۋەدە مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
2007 - يىلى 8 - ئايدا ئامېرىكا دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ خىتايغا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى.
2008 - يىلى 1 - ئاي ۋە 3 - ئايدا ئامېرىكا ۋە خىتاي ئايرىم - ئايرىم ھالدا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ماتېرىيال تاپشۇردى.
2008 - يىلى 4 - ئايدا جەنۋەدە تۇنجى قېتىملىق ئۈچ تەرەپ ئىسپات ئاڭلاش ئۆتكۈزدى.
2008 - يىلى 5 - ئايدا ئىككى تەرەپ يەنە ئايرىم - ئايرىم ماتېرىيال تاپشۇردى.
2008 - يىلى 6 - ئايدا ئۈچ تەرەپ قايتا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشتى.
2008 - يىلى 11 - ئايدا دۇنيا سودا تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تاپشۇردى.
2009 - يىلى 1 - ئايدا مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا دوكلاتىنى سۇندى.
2009 - يىلى 3 - ئايدا دۇنيا سودا تەشكىلاتى مەزكۇر مەسىلىنى ھەل قىلىشقا مەسئۇل گۇرۇپپا يىغىن چاقىرىپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دوكلاتىغا قاراپ چىقتى.
2009 - يىلى 12 - ئاۋغۇست دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئامېرىكا - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئەقلى مۈلۈك ئىختىلاپى ھەققىدە ئاخىرقى قارارىنى ئېلىشى بىلەن مەزكۇر داۋا ئامېرىكىنىڭ يېڭىشى خىتاينىڭ يېڭىلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.
ھالبۇكى خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، مەزكۇر دەۋادا يېڭىلگەن خىتاي، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بۇ قارارىغا قارىتا قايتا نارازىلىق ئەرزى سۇنۇشى مۇمكىن.
ئامېرىكا سودا ۋەكىلىRon Kirt مەزكۇر قارارنىڭ، بازارنىڭ ئېچىلغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بۇ ئامېرىكىدىكى شىركەت ھەم ئىشچىلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
Wall Street Journal ۋولسىترېت ژۇرنىلى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر قارارى Bruce Springsteen، Maddonna دەك ئامېرىكىدىكى خەلقئارالىق داڭلىق ئارتىسلار ئۈچۈن ناھايىتى زور خۇشخەۋەر بولۇشى كېرەك، چۈنكى بۇ قارار، بۇ ئارتىسلار ئۆزىنىڭ نەشر بۇيۇملىرىنى تېخىمۇ مۇۋاپىق يوللار بىلەن ساتالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
مەزكۇر خەۋەردە ۋاشىنگتون ئۇچۇر ئورگىنى قۇرغۇچىسى Simon Lester نىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىشىچە، "بۇ دەتالاشتىكى ھالقىلىق مەسىلىدە ئامېرىكا يەڭدى."