ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى 'بالۇن' ماجراسىنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟

ئامېرىكىنىڭ خىتايدا ئىشلەنگەن ئاپتوموبىل بالۇنلىرىغا چېگرا بېجى ئېلىش قارارى خىتاينىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچراپ، ھازىر ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەتتە جىددىيلىك پەيدا بولدى. ئامېرىكىدا چىقىدىغان 'زامانىمىزدىكى خىتاي' دېگەن ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرى، جەمئىيەت ۋە ئىقتىسادى مەسىلىلەر تەتقىقاتچىسى چېن شاۋنۇڭ، بۇ جىددىيلىك قايسى دەرىجىگە يېتىشى مۇمكىن دېگەن مەسىلە توغرىسىدا ئوبزور ئېلان قىلدى.

0:00 / 0:00

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما 9‏ - ئاينىڭ 11 - كۈنى، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان ئاپتوموبىل بالۇنلىرىدىن ئۈچ يىلىغىچە چېگرا بېجى ئېلىش ھەققىدىكى قارار لايىھىسىگە ئىمزا قويغان ئىدى. بۇ قارار 26‏ - چىسلادىن باشلاپ ئىجرا قىلىنماقچى ئىدى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ سودا مىنىستىرلىقى بۈگۈن 9‏ - ئاينىڭ 14 ‏ - كۈنى، ئامېرىكىنى 'سودىدا بېكىنمىچىلىك قىلدى' دەپ بىۋاستە تەنقىدلىدى ۋە بۇ مەسىلىدە 'ئامېرىكا ئۈستىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلىمىز'، 'بىزمۇ ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنىۋاتقان ئاپتوموبىل سەپلىمىلىرى، توخۇ مەھسۇلاتلىرى ئۈستىدە دەرھال تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئامېرىكىدىن ئۆچ ئالىمىز' دەپ داۋراڭ سېلىشقا باشلىدى.

خىتاي ھەرگىز ئامېرىكىدىن يۈز ئۆرۈشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، فرانسىيە ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرى ھازىر، 'بالۇن مەسىلىسى' بۇنىڭدىن كېيىن، ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۆزۈشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلماقتا. ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا 'بالۇن مەسىلىسى' دىن كېلىپ چىققان بۇ ئۇشتۇمتۇت جىددىيلىك قايسى دەرىجىگە يېتىشى مۇمكىن؟

ھازىر ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان جەمئىيەت مەسىلىلىرى ۋە ئىقتىسادى مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى چېن شاۋنۇڭنىڭ قارىشىچە، مەيلى نېمە بولسۇن، ھازىر ئامېرىكا بالۇنغا چېگرا بېجى ئېلىشنى قارار قىلغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ھەرگىز ئامېرىكىدىن يۈز ئۆرۈشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. نېمە ئۈچۈن؟

چېن شاۋنۇڭنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئىقتىسادى ناھايىتى كۆپ ھالدا ئامېرىكىدىن ئىبارەت بۇ بازارغا مال ئېكىسپورت قىلىشقا بېقىنىدۇ. بۇ مەسىلىنى خىتاي بۇ قېتىم ئوبدان ھېس قىلدى. خىتاي ئەگەر بۇ مەسىلىدە ئامېرىكىدىن يۈز ئۆرىسە، خىتاينىڭ باشقا مەھسۇلاتلىرىمۇ ئامېرىكىغا كىرەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە ئامېرىكىدىن يۈز ئۆرۈشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. گەرچە خىتاي ھازىر گەپنى چوڭ قىلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ چېگرا بېجىنى ئاز ئېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈنلا جىددىي ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ.

بۇ خىتاينى قاتتىق قىناپ قويىدىغان بىر سېگنال بەردى

دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ 'مالىيە ئۇچۇرلىرى'دا بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا بۇ يىل 4 ‏ - ئاينىڭ 29 ‏ - كۈنى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىۋاتقان بالۇن ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلاپ، 6‏ - ئاينىڭ 29 ‏ - كۈنى، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان بالۇنلاردىن ئۈچ يىلغىچە چېگرا بېجى ئېلىشنى قارار قىلغان ۋە ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇ قارارغا 9‏ - ئاينىڭ 11 ‏ - كۈنى ئىمزا قويغان ئىدى.

ئامېرىكا بۇ ئىشنى باشلىغاندىن كېيىنلا، ھىندىستان 5‏ - ئايدا، برازىلىيە 6‏ - ئايدا خىتاي بالۇنلىرىدىن چېگرا بېجى ئېلىشقا باشلىغان ئىدى. ھازىر خىتاي بۇنىڭغا ئاساسەن، 'ئامېرىكا دۇنياغا بىر خاتا سېگنال بېرىپ، دۆلىتىمىزنى قاتتىق زىيانغا ئۇچراتقىلى تۇردى، '، 'دۆلىتىمىزنىڭ كارخانىلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى'، 'ئامېرىكىنىڭ ئۈستىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلىمىز' دەپ ناھايىتى قاتتىق تەنقىد ۋە نارازىلىق ياغدۇرۇشقا باشلىدى.

چېن شاۋنۇڭنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا دۇنياغا خاتا سېگنال بەرمىدى، توغرىسىنى ئېيتقاندا، خىتاينى قاتتىق قىناپ قويىدىغان بىر سېگنال بەردى.

ئاخىرقى ھېسابتا، خىتاي ئۆزى ئامېرىكىغا يول قويۇشى مۇمكىن

ئامېرىكا 'بالۇن مەسىلىسى' دە خىتايغا يول قويۇشى مۇمكىنمۇ؟ چېن شاۋنۇڭنىڭ قارىشىچە، ياق. ئامېرىكا بۇ مەسىلىدە قارارىنى ئۆزگەرتىپ خىتايغا يول قويمايدۇ. ئاخىرقى ھېسابتا، خىتاي ئۆزى بۇ مەسىلىدە ئامېرىكىغا يول قويۇشى مۇمكىن. گەرچە خىتاي ھازىر گەپنى چوڭ قىلىۋاتسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا بۇ مەسىلىدە خىتاينىڭ تەھدىتىنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ.

چۈنكى، ئامېرىكا سودىدا ھامان ئۈستۈنلۈككە ئىگە. خىتاي مېلىنى ئامېرىكىغا ساتماقچى، دۇنيادا خىتايدىن باشقا بالۇن ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت ناھايىتى كۈپ، ئامېرىكا بۇنداق مەھسۇلاتنى خىتايدىن ئالماي، ئوخشاش ئۆلچەمدە باشقا دۆلەتلەردىن ئالالايدۇ. توغرىسىنى ئېيتقاندا، خىتاي مېلىنى ئامېرىكىغا يالۋۇرۇپ ساتىدۇ، ئەمما ئامېرىكا ھېچقاچان خىتايدىن يالۋۇرۇپ مال ئالمايدۇ، ئامېرىكىغا يالۋۇرۇپ مال ساتىدىغان دۆلەتلەر ناھايىتى كۆپ.

خىتايدا بۇنىڭدىن كېيىن بالۇن ئىشلەيدىغان 100 مىڭ ئىشچى ئىشسىز قالىدۇ

خىتاينىڭ مالىيە خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىن بالۇنغا چېگرا بېجى ئېلىش ھەققىدىكى سېگنالى، خىتايدا بۇ ساھەدىكى ئەڭ چوڭ زاۋۇت بولغان شاڭخەي كاۋچۇك زاۋۇتىنىڭ ئىش سۈرئىتىنى دەرھال تورمۇزلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. ھازىرقى مۆلچەردىن قارىغاندا، ئامېرىكا - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بالۇن مەسىلىسىدە خىتاي بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرى زىيان تارتتى. بۇنىڭدىن كېيىن يەنە 100 مىڭ ئىشچى ئىشسىز قالىدىكەن.