خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كومپيۇتېرلىرىغا ھۇجۇم قوزغىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلىرىنىڭ كومپيۇتېرلىرى ئۈزلۈكسىز خىتاي كومپيۇتېر خاككېرلىرىنىڭ ھەرخىل شەكىلدىكى ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچراپ كەلمەكتە.
مۇخبىرىمىز جۈمە خەۋىرى
2008.06.12
Congressman-Frank-Wolf-305 ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﻪﺟﻠﯩﺴﻰ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ (Frank Wolf) ﻓﺮﺍﻧﻚ ﯞﻭﻟﻒ، 11 - ﺋﯩﻴﯘﻥ ﭼﺎﺭﺷﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ، ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﻪﺟﻠﯩﺴﻰ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﻔﻮﺭﻣﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻻﻳﯩﻬﯩﺴﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ.
AFP Photo

   شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى  (Frank Wolf)  فرانك ۋولف، 11 - ئىيۇن چارشەنبە كۈنى، دۆلەت مەجلىسى كومپيۇتېرلىرى ۋە ئىنفورماتسىيە سىستېمىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىدە قوغداش ھەققىدە بىر قانۇن لايىھىسى تونۇشتۇرغان بولۇپ، مەزكۇر يىغىن جەريانىدا خىتاي كومپيۇتېر خاككېرلىرىنىڭ دۆلەت مەجلىسى كومپيۇتېرلىرىغا ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق ھۇجۇم قوزغىغانلىقى ھەمدە بىر قىسىم دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ ئىشخانىسىدىكى كومپيۇتېرلاردىن خىتاي ئىچى - سىرتىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋە باشقا سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ تىزىملىكىگە ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى ئوغرىلىغانلىقى ئاشكارىلاندى.

فرانك ۋولفنىڭ ئىشخانىسىدىكى تۆت كومپيۇتېر سىرتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي خاككېرلار ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن شىمالىي ۋىرگىنىيە شتاتى ۋەكىلى ھەمدە جۇمھۇرىيەتچى فرانك ۋولف ۋە يېڭى جېرسېي شتاتى ۋەكىلى دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كىرستوفېر سىمىت  (Christopher Smith) قاتارلىقلارنىڭ شەخسى ئىشخانىسىدىكى كومپيۇتېرلارغا نۇقتىلىق ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، يۇقىرىقى دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خىتاينىڭ ناچار كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئۇزۇندىن بۇيان ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان شەخسلەر ئىدى.

فرانك ۋولفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2006 - يىلى ئاۋغۇستتا ئۆز ئىشخانىسىدىكى تۆت كومپيۇتېرنىڭ سىرتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئۆز قول ئاستىدىكى تاشقى ئىشلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق خىزمىتىگە مەسئۇل خادىملارنىڭ كومپيۇتېرلىرىغا قارىتىلغان، كېيىنكى ھۇجۇم قانۇن بەلگىلەش ئورگىنى خادىملىرىنىڭ كومپيۇتېرلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈلگەن ئىكەن.

بۇ خىلدىكى ھۇجۇملاردىن ئۆزى ۋە ئۆز قول ئاستىدىكى خادىملىرى ئۇزۇندىن بۇيان ئىشلەپ كېلىۋاتقان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سىياسىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە ئالاقىدار مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسى ئوغرىلاپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە توختالغان فرانك ۋولف مۇنداق دېدى: " مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىنفورماتسىيىلەر جۈملىدىن ئېلخەت، ئەسلەتمىلەر، خەت ئالاقىسى ۋە رايون خاراكتېرلىك خىزمەتلەر ھەققىدىكى ئۇچۇر قاتارلىق بارلىق ھۆججەتلەر باشقىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىپتۇ".

ھۇجۇم ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيىلىك ھەمدە مۇكەممەل ھالدا ئېلىپ بېرىلغان

فرانك ۋولف يەنە، 2006 - يىلىدىكى خىتاي خاككېرلىرى ھۇجۇمىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيىلىك ھەمدە مۇكەممەل ھالدا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى ۋە ئۆزىنىڭ خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قېلىشىدىكى گۇمانلىرى ئۈستىدە توختىلىپ: " مەن بەلكىم ئۇزۇندىن بۇيان خىتايدىكى چەكسىز ناچار كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئوچۇق - ئاشكارا ئەيىبلەپ كەلگەنلىكىم سەۋەبىدىن خىتاي تەرەپنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قالغان بولۇشۇم مۇمكىن" دېدى.

يىغىندا فرانك ۋولف يەنە، ئۆزى يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئىنتېرنېت ھۇجۇملاردىن كىيىن، خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرىغا تەۋە بولغان بىر ئاپتوموبىلنىڭ ۋىرگىنىيە شتاتى فايرفەكس(Fairfax) رايونىغا جايلاشقان بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ ئۆيى ئالدىغا كېلىپ بۇ پائالىيەتچىنىڭ ئۆيىنى سۈرەتكە تارتقانلىق ئەھۋالى يۈز بەرگەنلىكىنى قوشۇمچە قىلدى.

كىرستوفېر سىمىتنىڭ شۆبە كومىتېتىدىكى كومپيۇتېرلارمۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان

دۆلەت مەجلىسى كومپيۇتېرلىرى ۋە ئىنفورماتسىيە بىخەتەرلىكى ھەققىدىكى قانۇن لايىھىسىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا سۆزگە چىققان دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ھەمدە ئوخشاشلا ئەزەلدىن بېرى خىتايدىكى ناچار كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان جۇمھۇرىيەتچىلەردىن بىرسى بولغان كىرستوفېر سىمىتمۇ، 2006 - دېكابىردا ۋە 2007 - يىلى مارتتا ئۆزى تەۋە كىشىلىك ھوقۇق شۆبە كومىتېتىدىكى كومپيۇتېرلاردىن كومپيۇتېر ۋىرۇسى بىلەن ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ھەمدە ئىنفورماتسىيە تېخنولوگىيىسى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مەزكۇر ۋىرۇسلارنىڭ كېلىش مەنبىيىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ ئۆز كومپيۇتېرلىرىدىن ئوغرىلانغان ھۆججەتلەرنىڭ، گەرچە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان ئۇچۇرلار بولمىسىمۇ، ئەمما خىتايدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىنتايىن جىددىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: " بىزدىكى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتچىلەرنىڭ قەيەردە، نېمىلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارا ئوغرىلىق ۋاسىتىسى بىلەن ئېلىپ كېتىلىشى ھەقىقەتەنمۇ بىر جىددىي ئەھۋال"

"خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ئىستېلاسى"

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قىلىنغان ئىنتېرنېت ھۇجۇملىرىنىڭ ئانچىكى ھۇجۇملار ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئورگانلىرى ۋە ئامېرىكا سودا - سانائەت سىستېمىلىرىنىڭ تېخىمۇ مەركەزلىك ھۇجۇم نىشانلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن كىرستوفېر سىمىت يەنە، فرانك ۋولف ئىلگىرى سۈرگەن "خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ئىستېلاسى" دېگەن ئاتالغۇغا تامامەن قوشۇلىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ ھەقتىكى قانۇن لايىھىسىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشىنى بار كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھالبۇكى، خىتاي دۆلەت ئەمەلدارلىرى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا، ئامېرىكىنىڭ بۇ خىلدىكى ئەيىبلەشلىرىنى ئاساسسىز دەپ رەت قىلغان ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ بۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت ئورگانلىرىدىكى كومپيۇتېرلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقى ھەققىدە بىرەر دەلىل ‏ - ئىسپاتنىڭ يوقلۇقىنى، شۇڭلاشقا بۇ خىلدىكى ئەيىبلەشلەرگە ئىشەنگىلى بولمايدىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ بۇنداق گۇمانخور بولۇپ كەتمەسلىكى لازىملىقىنى بىلدۈردى ھەمدە: "خىتاي بىر تەرەققىي قىلىش باسقۇچىدىكى دۆلەت. نەدە بىزدە ئۇنداق ئىلغار تېخنولوگىيە بولسۇن. مەن بۇنىڭغا ئىشەنمەيمەن" دېدى.

"خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ئىنتېرنېت ھۇجۇمى ئادەمنى چۆچۈتكۈدەك دەرىجىدە كۆپ"

ۋەھالەنكى، دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كىرستوفېر سىمىت ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قانۇن لايىھىسىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىنى مىسال قىلىپ، ئۆتكەن 18 ئاي جەريانىدا خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قاراتقان بۇ خىلدىكى ئىنتېرنېت ھۇجۇم سانىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشۇرغانلىقىنى ھەمدە ھۇجۇم قېتىم سانىنىڭ ئادەمنى چۆچۈتكۈدەك دەرىجىدە كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

دەرۋەقە، خىتاي كومپيۇتېر خاككېرلىرى ۋە مەيلى ئۆزىنىڭ كومپيۇتېر تېخنىكىسىدىكى سەۋىيىسىنى ئىسپاتلاش ئۇچۇن بولسۇن ۋە مەيلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇتمىسى ئۇچۇن بولسۇن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئورگانلىرى ۋە باشقا دۆلەت ئاپپاراتلىرىدىكى كومپيۇتېرلارغا ھەر خىل ھۇجۇملارنى قوزغاشنى توختاتمىغان بولۇپ، CNN تېلېۋىزىيىسى بۇ يىل مارتتا خىتاي ئىچىدىكى بەزى خاككېرلار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلارنىڭ بەزى دوستلىرى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئىدارىسىنىڭ كومپيۇتېرلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ مەخپىي ھۆججەتلەرنى ئوغرىلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ساتقان.

بۇ خىتاي خاككېرلىرىنىڭ قارىشىچە، دۇنيادا ھەر قانداق ئىنتېرنېت تور سىستېمىسى بىخەتەر ئەمەس ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.