مەزكۇر كومىتېت بۇ يىل 1 - ماي ئېلان قىلغان 2009 - يىللىق دوكلاتىدا، ئالدىنقى يىلى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن، دىنىي ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىش ئەھۋالى ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر دەپ بېكىتىلگەن خىتاي، ئۆزبېكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنى بۇ يىل يەنە شۇ خىل كاتېگورىيىگە تىزىش تەكلىپى بەردى.
خىتاي "دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكنى سىستېمىلىق ۋە ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلدى"
دوكلاتنىڭ خىتايغا قارىتىلغان قىسمىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2008 - يىلى جەريانىدا "دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكنى سىستېمىلىق ۋە ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە" قىلىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
بېيجىڭ بۇ كۈچنى يەنە، قارشى پىكىردىكىلەرنى باستۇرۇش، پائالىيەتچىلەرنى قولغا ئېلىش ھەمدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ۋە تىبەت بۇددىستلىرىنىڭ تىنچ يوسۇندىكى دىنىي پائالىيەتلىرىنى باستۇرىدىغان قاتتىق چەكلەش ۋاسىتىلىرىنى يولغا قويۇشقا ئىشلەتتى
دوكلاتتا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلغان: "خىتاي ھۆكۈمىتى 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكى ھارپىسىدا، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ تىنچ يوسۇندىكى دىنىي پائالىيەتلىرىگە قارىتا قاتتىق چەكلەش سىياسىتى يۈرگۈزدى ۋە ئەنگە "ئېلىنمىغان" دېگەن نام ئاستىدا خرىستىئانلار، كاتولىكلەر، تىبەت بۇددىستلار ۋە فالۇنگوڭچىلارنى كۆپلەپ قولغا ئالدى."
فېلىسى د گىيېر خانىم:" ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ تىنچ يوسۇندىكى دىنىي پائالىيەتلىرىنى قاتتىق چەكلىدى"
دوكلات ھەققىدە توختالغان "ئا ق ش خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى" رەئىسى فېلىسى د گىيېر خانىم، خىتاينىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىدىغان سەھنە قىلغانلىقىنى ھەمدە بۇ كۈچنى مۇخالىپ پىكىردىكىلەرنى باستۇرۇشقىمۇ ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى:" بېيجىڭ بۇ كۈچنى يەنە، قارشى پىكىردىكىلەرنى باستۇرۇش، پائالىيەتچىلەرنى قولغا ئېلىش ھەمدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ۋە تىبەت بۇددىستلىرىنىڭ تىنچ يوسۇندىكى دىنىي پائالىيەتلىرىنى باستۇرىدىغان قاتتىق چەكلەش ۋاسىتىلىرىنى يولغا قويۇشقا ئىشلەتتى."
دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار تىنچ يوسۇندا ئېلىپ بارغان دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنى " دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە بۆلگۈنچىلىك، بىلەن بىر يەردە قويۇپ، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ تىنچ يوسۇندىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنى باستۇرۇشتىكى كوزىر" قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئاياللار، 18 ياشتىن تۆۋەن بالىلار ۋە ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ مەسچىتكە كىرىشىگە چەك قويۇپ، ھەر قايسى جايلاردىكى مەسچىت ئىماملىرىغا "ئىماملىق سالاھىيەت كىنىشكىسى" ئۈچۈن سىياسىي تەربىيىلەش شەرتى قويغانلىقى ھەمدە ئىماملارنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن ھەر ئايدا بىر مەرتەم ئۇچرىشىپ تۇرۇشى كېرەكلىكىنى بەلگىلىگەنلىكىنى كۆرسەتكەن ھەمدە كىشىلىك ھوقۇقنى تەرغىب قىلغان دىنىي رەھبەرلەر ۋە ھەرخىل شەكىلدىكى پائالىيەتچىلەرنىڭ " بۆلگۈنچىلىك" ۋە ياكى " جەمئىيەت تەرتىپنى بۇزۇش" دېگەن ناملار بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنىپ كېلىنگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
"خىتاينىڭ ئەدلىيە سىستېمىسى خۇپىيانە"
دوكلاتتا، 2008 - يىلى جەريانىدا ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان پاسپورت يىغىۋېلىش ۋە پاسپورت بېجىرمەسلىك سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، ھەج پائالىيىتى تەشكىللىگۈچىلەرنى قولغا ئالغانلىقى ھەمدە پەقەت ئۇيغۇرلاردىنلا 1300 نەپەر ئادەمنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغانلىقى كۆرسىتىلگەن ۋە خىتاي " ئەدلىيە سىستېمىدىكى خۇپىيانىلىك ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، تىنچ يوسۇندىكى دىنىي پائالىيەتلەرنى دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇق بىلەن بىر ئورۇندا قويۇشى سەۋەبلىك، زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ تىنچ دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن ياكى سۆز - پىكىر، ۋىجدان ۋە دىنىي ئەركىنلىكىنى تەلەپ قىلىپ تىنچ يوسۇندا نامايىش قىلغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى پەرق ئەتمەك قىيىن بولماقتا" دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
"ئا ق ش خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى" ھەر يىلى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىدۇ ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ناچار بولغانلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى ھەققىدە تەكلىپ بېرىدۇ.
خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا كۆرسىتىلگەن ئەمەلىي پاكىتلارغا ئاساسەن، ئامېرىكا تاشقى ئىشچىلار مىنىستىرلىقى 2008 - يىلى خىتاي، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئۆزبېكىستان، بىرما، ئېرىترىيە، ئىران ۋە سۇدان قاتارلىق 8 دۆلەتنى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقان دۆلەت تىزىمىغا كىرگۈزگەن ئىدى.
خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى بۇ يىللىق دوكلاتىدا، يوقىرىقى دۆلەتلەردىن باشقا يەنە، پاكىستان، تۈركمەنىستان، ئىراق، نېگىرىيە ۋە ۋيېتنام قاتارلىق بەش دۆلەتنى قوشۇپ ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر تىزىمىغا كىرگۈزۈش تەكلىپىنى بەرگەن.